تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ: مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ ھاياتىدىن ئەسلىمىلەر - 10

0:00 / 0:00


1997 - يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن «5 - فېۋرال ۋەقەسى» نىڭ ھارپىسىدا ئورتا ئاسىيا ئەللىرىدە، بولۇپمۇ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدۇ. ئورتا ئاسىيادىكى بۇ كۈچلۈك ئېقىمغا قوشۇلغان كۈرەش كۆسەن ئۆزىنىڭ ياڭراق ئاۋازى ۋە مىللىي روھى ئۇرغۇپ تۇرغان ناخشىلىرى بىلەن مىڭلىغان دىللارغا ۋەتەن قەدىرىيىتىنىڭ چەكسىز ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

ئۇ ئامال تاپسىلا ئورتا ئاسىيا بىلەن ۋەتەن ئارىلىقىدا سودا قىلىدىغان تىجارەتچىلەر ۋە ئادەتتىكى يولۇچىلاردىن ئۇيغۇر تارىخى ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە دائىر كىتاب - ماتېرىياللارنى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ھەمدە تونۇش - بىلىشلىرىگە يوشۇرۇنچە كىرگۈزۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئورتا ئاسىيا ئەللىرىدە نەشر قىلىنغان ناخشا - پىلاستىنكىلىرىمۇ مۇشۇنداق يوللار بىلەن ۋەتەنگە كىرگۈزۈلۈپ، ياشلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

غۇلجىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىنچلىق نامايىشى 1997 - يىلى 5 - فېۋرالدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قانلىق تۈردە باستۇرۇلۇشى بىلەن ۋەزىيەت بىردىنلا جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى پۇل ۋە دىپلوماتىيە ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئورتا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە سىڭىپ كىرىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئورتا ئاسىيا ئەللىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىغا بولغان بېسىم بىردىنلا كۈچىيىپ كېتىدۇ. ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى بىلەن ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دېموكراتىك ئەللەرگە كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

مانا مۇشۇنداق خەتەرلىك بىر پەيتتە تاللاش ئىمكانىيىتى قالمىغان كۈرەش كۆسەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ قىرغىزىستاندىكى ئىشخانىسىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلەيدۇ. شۇ ئارىدا ئۇنىڭ تۇنجى بالىسى كەۋسەرمۇ دۇنياغا كېلىدۇ. ھېچقانداق دۆلەت تەۋەلىكى ۋە نوپۇس رەسمىيەتلىرى بولمىغان بۇ بوۋاق كۈرەش كۆسەننىڭ مۇھاجىرەتتىكى سەرگەردانلىق ھاياتىنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە چوڭ بولۇشقا باشلايدۇ. ئۇزاق ئۆتمەيلا كۈرەش كۆسەننىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى جەنۋەدىكى ب د ت نىڭ باش ئىشخانىسىدىن تەستىقلىنىپ، شىمالىي ياۋروپادىكى دېموكراتىك ئەل - شىۋېتسىيەدە ئولتۇراقلىشىشىغا رۇخسەت بېرىلىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، كۈرەش كۆسەننىڭ ئايالى ۋە يېڭى تۇغۇلغان ئوغلىنىڭ بىللە مېڭىش رەسمىيەتلىرى پۈتمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىيىن ئەھۋالدا قېلىپ قالغان كۈرەش كۆسەن يېڭى تۇغۇلغان ئوغلى كەۋسەرنى ۋەتەنگە ئەۋەتىپ بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىنىڭ بېقىشىغا ھاۋالە قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

مەرھۇم كۈرەش كۆسەن تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن كۈنلىرىدە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى چەكسىز مۇھەببەت بىلەن سۆيدى (1996)
مەرھۇم كۈرەش كۆسەن تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن كۈنلىرىدە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى چەكسىز مۇھەببەت بىلەن سۆيدى (1996)


دۆلەت تەۋەلىكى، نوپۇسى ھەمدە قەيەردە تۇغۇلغانلىق ئىسپاتى بولمىغان بوۋاقنى ۋەتەنگە ئەۋەتىش تولىمۇ قىيىنغا توختايدۇ. كۈرەش كۆسەننىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ھەر تەرەپكە چېپىپ ئامال ئىزدىگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەتەنسىز بوۋاققا نوپۇس بېجىرىپ بېرىشنى رەت قىلىدۇ. ئاخىرى پەقەتلا ئامال بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قازاقىستانلىق بىر جۈپ - ئەر ئايال ئۆز نامىدا ساختا پاسپورت بېجىرىپ كەۋسەرنى ۋەتەنگە ئېلىپ كىرىدىغان، قايتىشىدا ئاتا - ئانىسى چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان بىر بوۋاقنى كەۋسەرنىڭ ئورنىدا ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغان بولۇپ ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. ۋەھالەنكى، ئويلىمىغان يەردىن، بۇ پىلان بۇزۇلۇپ كەۋسەرنى تۇغقانلىرى ۋەتەندە ئېلىپ قېلىش ئىشى سۇغا چىلىشىدۇ. يەنى كەۋسەرنىڭ ئورنىدا چەتئەلگە ئېلىپ كېتىلمەكچى بولغان بوۋاقنىڭ تۇغقانلىرى بۇ ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولماي قېلىشىدىن قورقۇپ گېپىدىن يېنىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كەۋسەرنى ۋەتەندە ئېلىپ قېلىشقا پەقەتلا ئامال بولمايدۇ. كۈرەش كۆسەننىڭ ئانىسى ۋە بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى قان يىغلاپ ئامال - چارە ئىزدىگەن بولسىمۇ، لېكىن تاكى ئەڭ ئاخىرقى كۈنىگىچە مۇمكىنچىلىك تاپالمايدۇ.

شۇنداق قىلىپ ئۆز ۋەتىنىگە دۆلەت تەۋەلىكى ۋە نوپۇس خېتى بولمىغان ئەھۋالدا ئېلىپ كېرىلگەن بۇ بوۋاق ئاتا - بوۋىلىرىدىن تارتىپ ياشاپ كەلگەن مۇقەددەس تۇپراقتا ياشاش ئىمكانىيىتىنى تاپالماي يەنە ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

(داۋامى بار)