كۈرەش كۆسەننىڭ 1990 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرغان ئورتا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئۆتكۈزگەن ھاياتى ئۇنىڭ قىسقىغىنا ئۆمرىدىكى ئۇنتۇلماس بىر سەھىپە بولۇپ قالدى. ۋەتەن ئىشقى ۋە مىللەتنىڭ ھەق ھوقۇقىغا بولغان مەسئۇلىيەت مۇھاجىرەتتىكى سەرسان ھاياتتا ئۇنىڭ ئىجادىيەت كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ يېڭىدىن - يېڭى ناخشا - مۇزىكىلارنى يارىتىشقا ئۈندىسە، قەلبىدىكى ھەر زامان ئۆركەشلەپ تۇرغان ھېسلىرى ياڭراق ئاۋازىغا قوشۇلۇپ ئۈن پلاستىنكىلىرى بىلەن ۋەتەن تۇپراقلىرىغا ئاڭلىنىدىغان بولدى…
ئەپسۇسكى، ئاشۇ يىللاردا ھايات ئۇنىڭغا كۈلۈپ باقمايدۇ. ۋەتەن سىرتىدا تۇغۇلغان تۇنجى بالىسى گويا دادىسىنىڭ قىسمىتىگە شاھىت بولغاندەكلا نە بىرەر دۆلەتنىڭ نوپۇس تىزىمىغا نە دۆلەت تەۋەلىكىگە مۇيەسسەر بولالمايدۇ. دەل مۇشۇنداق بىر قىيىن پەيتتە، كۈرەش كۆسەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا سۇنغان سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى تەستىقلىنىپ شىۋېتسىيەگە مېڭىشىغا توغرا كېلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىسىنىڭ قانۇنىي رەسمىيەتلىرى ياكى پاسپورتى بولمىغاچقا ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ. ئامالسىز قالغان كۈرەش كۆسەن ئەمدىلا 6 ئايلىق بولغان بوۋاقنى ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە بارىدىغان بىر جۈپ ئەر - ئايالغا قوشۇپ ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىنىڭ بېقىپ بېرىشىگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ.
ئويلىمىغان يەردىن بىرىنچى قېتىملىق بۇ ئۇرۇنۇش ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ. ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە بارغان قازاقىستانلىق ئەر - ئايال كۈرەش كۆسەننىڭ ئوغلىنى تۇغقانلىرىغا بېرەلمەي يەنە قايتۇرۇپ كېلىدۇ. كۈرەش كۆسەننىڭ تۇغقانلىرىمۇ بالىنى ئېلىپ قېلىشقا ئامال تاپالمايدۇ.
شۇ يىلى 12 - ئايدا شىۋېتسىيەگە مېڭىشقا تەييارلىنىۋاتقان كۈرەش كۆسەن مىڭ بىر جاپادا قازاقىستانلىق يەنە بىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن سۆزلىشىپ ئوغلى كەۋسەرنى ئۈرۈمچىدىكى تۇغقانلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە كېلىشىدۇ. كەۋسەر ئۈچۈن قازاقىستاندا تۇغۇلغانلىق گۇۋاھنامىسى ۋە قازاقىستان پاسپورتى سېتىۋېلىنىپ ئۇنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بارىدىغان ئايالنىڭ بالىسى سۈپىتىدە قانۇنىي رەسمىيەتلەر تەييارلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ياشقىمۇ تولمىغان بۇ ۋەتەنسىز بوۋاق باشقا كىشىلەرنىڭ بالىسى سۈپىتىدە ساياھەت ئۆمىكى بىلەن بىللە ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ۋەتىنىگە ئىككىنچى قېتىم ئېلىپ كېرىلىدۇ.
كۈرەش كۆسەننىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى كەۋسەرنى جىمجىتلا ئۈرۈمچىدە ئېلىپ قالىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ قازاقىستاندىن بېجىرىلگەن تۇغۇلغانلىق گۇۋاھنامىسىنى ھېلىقى ئايال ئۆزى بىلەن بىللە ئالمۇتاغا ئېلىپ كېتىدۇ. شۇندىن باشلاپ كەۋسەر ھېچقانداق رەسمىيەتسىزلا كۈرەش كۆسەننىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ قېشىدا تۇرۇپ قالىدۇ.
كۈرەش كۆسەن شىۋېتسىيەگە كېلىپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، بۇ يەردىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە ئۆز ئائىلىسى، بولۇپمۇ ئىگە - چاقىسىز قالغان ئوغلى ھەققىدە ئىلتىماس سۇنىدۇ. ئۇنىڭ ئىلتىماسى ناھايىتى تېزلىكتە تەستىقلىنىپ شىۋېتسىيەگە كېلىپ دادىسى بىلەن قوشۇلۇش رۇخسىتى بېرىلىدۇ. ئەپسۇسكى، قازاقىستاننىڭ پاسپورتى بىلەن ۋىزىسىز ھالەتتە ئۈرۈمچىدە تۇرۇۋاتقان كەۋسەرنى قانداق ئۇسۇل ۋە يوللار بىلەن شىۋېتسىيەگە ئېلىپ كېلىش ئىشى قىيىن مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. شىۋېتسىيە تەرەپ كەۋسەرنىڭ قازاقىستان ئارقىلىق كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا كۈرەش كۆسەننىڭ ئۈرۈمچىدىكى سىڭلىسى مۇنەۋۋەر كەۋسەرنى ئېلىپ ئۈرۈمچىدىكى ساقچى ئىدارىسىدىن ۋىزا تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. يېرىم يىلدىن بۇيان قازاقىستان پاسپورتىدىكى بىر بالىنىڭ ئۈرۈمچىدە ۋىزىسىز تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇققان ساقچى ئىدارىسى بىراقلا جىددىيلىشىدۇ. مۇنەۋۋەر خانىم مىڭ تەسلىكتە بۇ ئىشنى باشقا بىر ھېكايە بىلەن چۈشەندۈرىدۇ ھەمدە 6 مىڭ يۈەن جەرىمانە تۆلەپ ئاران قۇتۇلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى كەۋسەرنىڭ چېگرادىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن ئاران تەسلىكتە 12 كۈنلۈك مۆھلەت ۋىزىسى بېرىدۇ.
تېخى بىر ياشقىمۇ تولمىغان كەۋسەر قانداق قىلىپ شىۋېتسىيەگە - دادىسى كۈرەش كۆسەننىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىندى؟ بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارغا قىزىقسىڭىز، مەزكۇر سۆھبەتنىڭ كېلەر ھەپتىلىك سانىغا دىققەت بەرگەيسىز.
0:00 / 0:00