ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچىدىن كەۋسەرگە چېگرادىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن پەقەتلا 12 كۈنلۈك ۋىزا بەرگەن بىر پەيتتە، بېيجىڭدىكى شىۋېتسىيە ئەلچىخانىسىمۇ كۈرەش كۆسەننىڭ ئانىسى تىللاخان بىلەن نەۋرىسى كەۋسەرنى يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش ئۈچۈن چاقىرتىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن مۇنەۋۋەرنىڭ يولدىشى ئابدۇشۈكۈر ئۇلارنى ئېلىپ بېيجىڭغا بارىدۇ. ئەپسۇسكى، شىۋېتسىيە ئەلچىخانىسىدىكى يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشتە كەۋسەرگە ۋىزا بېرىلىپ مومىسى تىللاخانغا ۋىزا بېرىلمەيدۇ. شىۋېتسىيە تەرەپ تېخى بوۋاق ھالەتتىكى كەۋسەرنى مومىسىدىن ئايرىپ دادىسىنىڭ قېشىغا يولغا سېلىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، لېكىن بۇ تەكلىپكە ھەم تىللاخان ئانىمۇ ھەم كۈرەش كۆسەنمۇ قوشۇلمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بېيجىڭدىن يەنە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

شۇ ئارىلىقتا ساقچىدىن كەۋسەرنىڭ چېگرادىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن ئاران تەستە بەرگەن 12 كۈنلۈك ۋىزا ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىدۇ. مۇنەۋۋەر يەنە ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ ۋىزىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن رەت قىلىشقا ئۇچرايدۇ. ساقچى ئىدارىسىدىن ئۈمىدسىز ھالدا ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن مۇنەۋۋەر سومكىسىنى ئىشىكىنىڭ قېشىدىكى كىيىم ئاسقۇچقا ئېسىپ قويۇپ يىغلاپ - قاخشاپ كەتكەن بوۋاق بالىسى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك، قىيا ئوچۇق قالغان ئىشىكتىن كىرگەن نامەلۇم ئوغرى مۇنەۋۋەرنىڭ سومكىسىنى ئېلىپ قاچىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كەۋسەرنىڭ قازاقىستان پاسپورتى شۇ سومكا بىلەن بىللە يوقايدۇ. بۇ كېلىشمەسلىك پۈتۈن ئائىلىنىڭ كەيپىياتىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ. ئۇلار ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ - كىچىك كوچىلىرىنى ئىزدىگەن، ھەتتا ئېلان چىقىرىپ سۆيۈنچە بېرىشنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سومكا بىلەن بىللە يىتكەن پاسپورت تېپىلمايدۇ.
ئامالسىز قالغان مۇنەۋۋەر ئاخىرى قازاقىستاننىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەۋسەرنىڭ ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلىدە قازاقىستان پۇقراسى ئىكەنلىكىنى، پاسپورتىنىڭ يىتىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. كونسۇلخانىدىكىلەر ئەگەردە ئەسلىدىكى پاسپورتنىڭ كوپىيە نۇسخىسى بولسا شۇ ئاساستا چېگرادىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن بىر قېتىم كۈچكە ئىگە بولىدىغان ئىسپات قەغىزى يېزىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بەختكە يارىشا كۈرەش كۆسەن ئوغلى كەۋسەر ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا قازاقىستاندا پۇل خەجلەپ ئالغان پاسپورتنىڭ كوپىيىسىنى شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە تاپشۇرغانلىقىنى ئېسىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىن ئاشۇ پاسپورتنىڭ كوپىيىسىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىدىكى سىڭلىسى مۇنەۋۋەرگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئۈرۈمچىدىكى قازاقىستان كونسۇلخانىسى كەۋسەرنىڭ چېگرادىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن ئىسپات خېتى يېزىپ بېرىدۇ.
ئەپسۇسكى، بۇ ۋاقىتتا تېخىمۇ قىيىن بولغان بىر مەسىلە تۇغۇلىدۇ. خەلقئارا تاموژنا قائىدىسى بويىچە يېشىغا توشمىغان بوۋاقنىڭ چېگرادىن چىقىشى ئۈچۈن قانۇنىي ئانىسىنىڭ ئىمزا قويغان خېتى تەلەپ قىلىنغاچقا، كەۋسەر يەنە ماڭالمايدۇ. كەۋسەرنىڭ قازاقىستاندا ئالغان پاسپورتى ئىلگىرى ئۇنى ئالمۇتادىن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەلگەن بىر جۈپ ئەر - ئايالنىڭ نامىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۇغۇلغانلىق ئىسپات قەغىزىمۇ ئاھۇ غۇنچەم ئىسىملىك ئايالنىڭ نامىدا بېجىرىلگەن ئىكەن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا مۇنەۋۋەر ئالمۇتادىكى غۇنچەم ئىسىملىك ئايالغا تېلېفون قىلىپ ئىسپات خېتى يېزىپ بېرىشنى ۋە كەۋسەرنىڭ تۇغۇلغانلىق گۇۋاھنامىسىنى ئەۋەتىپ بېرىشنى سورايدۇ. ئۇ ئايال دەسلەپ ماقۇل بولۇپ بۇ ئىش ئۈچۈن پۇل ئالىدۇ، لېكىن بەرگەن ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىپ يا ئۆزى كەلمەيدۇ يا ئىسپات قەغىزى ئەۋەتىپ بېرىشنى رەت قىلىدۇ.
قىيىن ئەھۋالدا قالغان مۇنەۋۋەر بۇ ئىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قازاقىستانغا ئاخىرى ئۆزى بارىدۇ. تېخى بىر ياشقىمۇ توشمىغان بالىسى يولدىشى بىلەن ئۈرۈمچىدە قېلىپ قالىدۇ. مۇنەۋۋەر ئالمۇتاغا بارغاندىن كېيىن ئىزدەپ - سوراپ يۈرۈپ ئاخىرى غۇنچەم ئىسىملىك ئايالنىڭ ئۆيىنى تاپىدۇ. كەۋسەرنىڭ تۇغۇلغانلىق گۇۋاھنامىسىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئايال ئۇنى - بۇنى باھانە قىلىپ بەرگىلى ئۇنىمايدۇ. ئامال قىلالمىغان مۇنەۋۋەر قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقىدا كۆمۈرسىز قالغان بۇ ئائىلىگە كۆمۈر سېتىۋېلىپ ياردەم قىلىدۇ. بالىلىرىنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن پۇل ياردەم قىلىدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ ياخشىلىقلارمۇ ئۇ ئايالنى ئېرىتەلمەيدۇ. شۇ ئارىلىقتا ئۇ ئايالنىڭ يولدىشى كېلىپ بۇ ئىشنى مەن ھەل قىلىپ بېرىمەن دەپ مۇنەۋۋەردىن پۇل ئېلىپ كېتىپ ئۇمۇ ئىز - دېرەكسىز غايىب بولىدۇ.
مۇشۇنداق ئەھۋالدا ھېچقانداق ئامالى قالمىغان مۇنەۋۋەر ئاخىرى قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە بۇ ئىش توغرىلىق ئەرز سۇنىدۇ. ئۆزى مەخسۇس مىنىستىرلىكىگە بېرىپ بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ گەپ - سۆزى ۋە دەرد - ئەلەملىرىدىن تەسىرلەنگەن خادىملار ئاخىرى بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدار بىلەن كۆرۈشتۈرىدۇ. مۇنەۋۋەر پۈتۈن جەريانلارنى بىرمۇ - بىر بايان قىلىدۇ.
ئۇزاق ئۆتمەيلا قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن بۇ ئىش ئوڭايلا پۈتىدۇ. قانۇنىي جاۋابكارلىقتىن قورققان غۇنچەم ئىسىملىك ئايال ئاخىرى كەۋسەرنىڭ تۇغۇلغانلىق گۇۋاھنامىسىنى بېرىشكە ۋە ئىسپات خېتى يېزىپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. مۇنەۋۋەر مىڭ تەستە قولغا كەلگەن بۇ بىرقانچە ۋاراق قەغەزنى دەرھال ئۈرۈمچىدە خەۋەر كۈتۈپ تۇرغان ئانىسىغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ.