تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ: مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ ھاياتىدىن ئەسلىمىلەر - 3

0:00 / 0:00

ھەممە ئىشتا سىنىپىي تەركىبى ۋە ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشىنى سىياسىي ئۆلچەم قىلىدىغان ئاشۇ مۇدھىش يىللاردا كۈرەش كۆسەننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ھەممىسى بىر - بىرلەپ يوققا چىقىدۇ. «ئائىلە كېلىپ چىقىشى ۋە سىياسىي سالاھىيىتى پاك ئەمەس» دېگەن قالپاق ئۇنىڭ كېلەچەككە تاشلىغان ھەر بىر قەدىمىگە ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان ئېغىر توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى، مەركىزىي تىياتىر ئۆمىكى ھەتتا كۇچا ناھىيەلىك ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ سەنئەت تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش كۈرەش كۆسەننى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارارلىرى پەقەتلا ئۇنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى ۋە سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى سەۋەبلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. بۇ خىل رەھىمسىز رېئاللىق ياش كۈرەش كۆسەننىڭ كېلەچەككە بولغان ئىشەنچىگە سوغۇق سۇ سېپىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئائىلىسىگىمۇ ئېغىر بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن كۈرەش كۆسەن شۇنىڭدىن كېيىن سەنئەت ساھەسىگە ئىككىنچى قەدەم باسماسلىق قارارىغىمۇ كېلىدۇ.

ئانا قەلبى ئەمدىلا ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان ئوغلىنىڭ ئۆزى سۆيگەن كەسپىدىن بىراقلا ۋاز كېچىشىگە ھەرگىزمۇ چىداپ تۇرالمايدۇ. ماۋزېدوڭنىڭ ئۆلۈمى بىلەن بارغانسېرى ئۆزگىرىش ياساۋاتقان قىزىل خىتايدىكى سىياسىي كىلىمات تەكلىماكان گىرۋىكىدىكى بۇ قەدىمىي يۇرتقىمۇ مەلۇم ئىمكانىيەتلەرنى ئېلىپ كېلىشكە باشلايدۇ. 1978 - يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇرچە رادىئو قاناللىرىدا ئىلگىرى «سېرىق ناخشا» دەپ تەنقىدلەنگەن بىر قىسىم خەلق ناخشىلىرى ئاڭلىتىلىشقا باشلايدۇ. شۇ يىلىنىڭ ئاخىرى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەنئەت مەكتىپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقىرىلىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان كۈرەش كۆسەننىڭ ئانىسى ئوغلىغا ئىلھام بېرىپ يەنە بىر قېتىم تەلەي سىناپ بېقىشقا ئۈندەيدۇ. ئۇرۇق - تۇغقان ۋە قولۇم - قوشنىلارمۇ كۈرەش كۆسەنگە ھەر تەرەپتىن مەدەت بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ 1978 - يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەنئەت مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ يۇقىرى نەتىجە بىلەن مەزكۇر مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدۇ.

كۈرەش كۆسەن سەنئەت ئىنستىتۇتىدىكى ياش ھەۋەسكارلار بىلەن بىللە (1988-يىل)
كۈرەش كۆسەن سەنئەت ئىنستىتۇتىدىكى ياش ھەۋەسكارلار بىلەن بىللە (1988-يىل)


1979 - يىلى ئۇنىڭ ھاياتىدا يېڭى بىر پەللە ئېچىلغان بىر يىل بولۇپ قالىدۇ. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەنئەت مەكتىپىگە رەسمىي قوبۇل قىلىنىپ ئۆزى سۆيگەن سەنئەت كەسپى ئۈچۈن يېڭى قەدەم باسقان ئاشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ خىزمىتىمۇ ئەسلىگە كېلىپ كۇچا ناھىيەلىك پوچتا ئىدارىسىگە ئىشقا چۈشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇزاق يىللار «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ بوران - چاپقۇنلىرىدا سەرسان - سەرگەردان بولۇپ نورمال ھاياتتىن بىدار بولغان بۇ ئائىلىدە كېلەچەككە نىسبەتەن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ. كۆرەش كۆسەننىڭ دادىسى سۇلتان ئەپەندىمۇ غۇلىدىكى سەرگەردانلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ كۇچاغا قايتىپ كېلىدۇ ۋە ئائىلىسى بىلەن جەم بولىدۇ.

1979 - يىلى 6 - ئايدىن 1982 - يىلى يازغىچە كۈرەش كۆسەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەنئەت مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ ھەمدە مىللىي ساز ۋە مۇزىكا ساھەسىدە سىستېمىلىق تەربىيەلىنىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شۇ مەكتەپنىڭ ئۆزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنىدۇ. ئۇ شۇ يىللاردا بىر تەرەپتىن ئۆز مەكتىپىدە دەرس ئۆتسە يەنە بىر تەرەپتىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە مۇزىكا كەسپىي بويىچە دەرس بېرىدۇ ھەمدە بىر يۈرۈش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىدۇ.

ئاقسۇ سەنئەت مەكتىپىدىكى 3 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھايات كۈرەش كۆسەننىڭ ھاياتىدىكى داۋاملىق ئۆگىنىش ۋە ئۆگەنگەنلىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىتىش جەريانى بولىدۇ. ئۇنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى تالانتى ناھايىتى تېزلا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ. 1985 - يىلى ئۇ ئاقسۇ سەنئەت مەكتىپىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - ئوتتۇرا مەكتەپكە سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ يۆتكىلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ سىڭلىسى مۇنەۋۋەرمۇ شۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى، يەنى 1984 - يىلى شىنجاڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ بارغان دەسلەپكى مەزگىللەردە كۈرەش كۆسەن ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدىكى ۋەكىللىك ئىجادىيەتلىرىدىن بىرى بولغان «پۇل» ناملىق ناخشىسىنى ئىجات قىلىدۇ. مۇنەۋۋەر خانىم ئاكىسى كۈرەش كۆسەننىڭ مەزكۇر ناخشىنى ئىجات قىلىش جەريانى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ ئىلھامىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ رېئال ئىجتىمائىي ھاياتىدىن ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. كۈرەش كۆسەن بىر سەنئەتكارغا خاس كۆز بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچرايدىغان ھەر بىر ۋەقە - ھادىسە ۋە كىچىككىنە دېتاللارغىمۇ ئېتىبارسىز قارىمىغان، بەلكى ئۇنى مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ئىپادە جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچىدىن پايدىلىنىپ سەنئەت يۈكسەكلىكىدە يورۇتۇشقا تىرىشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا موزارت، بېتخوۋېن قاتارلىق غەرب مۇزىكا پېشۋالىرىنىڭ ئىجادىيەت تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشكىمۇ ئالاھىدە ۋاقىت سەرپ قىلغان.

1985 - يىلى كۈرەش كۆسەن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىپلا كۈندىلىك خىزمەت بىلەن ئىشتىن سىرتقى سەنئەت ئىجادىيىتىنى زىچ بىرلەشتۈرىدۇ. «پۇل»، «ئايمۇ كەتتى خوشلىشىپ» قاتارلىق ناخشىلىرى ئىجات قىلىنغاندىن كېيىن جەمئىيەتكە رەسمىي تونۇلۇشقا باشلايدۇ. شۇ يىلىدىن باشلاپ، «1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتى سەنئەت ئۆمىكى» نىڭ تەكلىپى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ سايباغ، تەڭرىتاغ ۋە باشقا رايونلىرىدا ئويۇن قويۇپ ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ كۈرەش كۆسەن ئەل ئىچىدە رەسمىي ناخشىچى ساياھىتى بىلەن تونۇلۇشقا باشلايدۇ.

1987 - يىلى كۈرەش كۆسەن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ نەتىجىسى لاياقەتلىك بولىدۇ. ئۇ ئەسلىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ كەسپىدە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كەسپىي جەھەتتىكى تالانتى ۋە نەق مەيدان ماھارىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ كومپوزىتورلۇق كەسپىگە تاللىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆز كەسپىي ساھەسىدە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ يەنىمۇ يۈكسىلىشىگە ئىمكانىيەت ھازىرلىنىدۇ.

ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئۇنىڭغا سەنئەت نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىي ماھارەتتىن ئىبارەت ئىككىلا تەرەپتىن تەڭ چېنىقىش پۇرسىتى بېرىدۇ. ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ دەسلەپكى يىلى ئۇيغۇر بالىلار ناخشىلىرىنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىدىكى بىر بوشلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئارقا - ئارقىدىن بىر يۈرۈش بالىلار ناخشا - مۇزىكىلىرىنى ئىجات قىلىدۇ. «چېلىكىم»، «دېمىدىممۇ»، «تىلىكىم»، «بىزدە شۇنداق ئادەت بار»، «مىياڭ - مىياڭ مۈشۈكىم» قاتارلىق بىر يۈرۈش بالىلار ناخشىلىرى شۇ يىللىرى كۈرەش كۆسەننىڭ ئىجادىدا يورۇقلۇققا چىقىدۇ.

(داۋامى بار)