پروگراممىلىرىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئالدى بىلەن «كەچمىش ۋە ئەسلىمە» سەھىپىسى ئۈچۈن تەييارلانغان مەخسۇس سۆھبەت خاتىرىسىنى، ئاندىن بىر قىسىم نادىر شېئىرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ: مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ ھاياتىدىن ئەسلىمىلەر (5)
1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن كۈرەش كۈسەن ئۆزىنىڭ جاسارەت ۋە چاقىرىق كۈچىگە باي ناخشا-مۇزىكىلىرى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تونۇلىدۇ. ئەپسۇسكى، سەنئەت ساھەسىدىكى بۇ تالانت ئىگىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھېچبىر ئالىي مەكتەپكە ياكى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئورۇنلىرىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنمايدۇ. بۇ ئىش ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىق باھارى ۋە سەنئەت تالانتىنى تەقدىم قىلىشقا تەييار تۇرغان ياش سەنئەتكارغا قاتتىق زەربە بولىدۇ. لېكىن كۈرەش كۈسەن بۇنىڭلىق بىلەن بەل قويۇۋەتمەيدۇ. شۇ يىللىرى ئۇ بىكار تۇرماستىن مۇزىكا ئىشلىگۈچى ياسىن مۇخپۇلنىڭ ئىجادىدىكى مۇزىكىلارغا ناخشا ئورۇنلاپ «كۆز مونچاق» نامىدا شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتىدا 20 مىڭ نۇسخىدىن ئارتۇق ئۈن لېنتىسى باستۇرىدۇ. ئەمما نەشرىيات ئورنى كۈرەش كۈسەن بىلەن تۈزگەن توختامغا خىلاپلىق قىلىپ مەزكۇر لېنتا رەسمىي تارقىلىشتىن بۇرۇن يوشۇرۇنچە بازارغا سېلىپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇنىڭغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.
ھەر جەھەتتىن زەربىگە ئۇچرىغان كۈرەش كۈسەن شۇ يىللاردا ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆيدىن-ئۆيگە كۆچۈپ تۇرمۇشنىڭ ئېغىر بېسىمىغا دۇچ كېلىدۇ. ئۆزىگە لايىق خىزمەت ئورنىغا ئورۇنلىشالماسلىق، ئىقتىسادىي جەھەتتىن كاپالەت بولماسلىق ھەمدە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ قاتتىق نازارىتىگە ئۇچراشتەك رېئاللىق ياش سەنئەتكارنىڭ زېھنىي قۇۋۋىتىنى تىنىمسىز خورىتىدۇ. ئەمما قەلبىگە ئۆز خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئۇلۇغۋار مەقسەتنىڭ ئوتى تۇتاشقان ياش سەنئەتكار كۆز ئالدىدىكى قىيىنچىلىقلارنىڭ ھېچ بىرىگە پىسەنت قىلمايدۇ. ھەر ۋاقىت تىرىشىش، ئۇرۇنۇش، ھەرىكەت قىلىپ سىناپ بېقىش ئۇنىڭ ئاشۇ يىللاردىكى ھاياتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلىنىدۇ.
1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا كۈرەش كۈسەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ قارمىقىدىكى «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلىغا ۋاقىتلىق ئىشقا كىرىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ مەزكۇر ئورۇننىڭ نامى بىلەن «كۈسەن مەدەنىيەت-سەنئەت شىركىتى» قۇرۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى ساھەسىدە بىر ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش ھەمدە شۇ ئاساستا ئۆزىنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتىگە شارائىت ھازىرلاش پىلانىنى تۈزىدۇ. مەزكۇر شىركەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيەتنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، ئىشنى ئالدى بىلەن كىتاب نەشر قىلىشتىن باشلىماقچى بولىدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى كەڭ كۆلەمدە بازار ئىگىلىكىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاشۇ شارائىتتا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئىگىلىك يارىتىشتا قوللانما بولىدىغان كىتاب-ماتېرىياللار يوق دېيەرلىك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن كۈرەش كۈسەن ئىقتىساد، قانۇن ۋە باشقا ساھەدىكى زىيالىيلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تۇنجى قېتىم «بېيىشنىڭ يولى» ناملىق ئۇيغۇرچە قوللانما كىتاب نەشر قىلىپ تارقىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە «كۈسەن مەدەنىيەت-سەنئەت شىركىتى» نىڭ نامىدا ئويۇن قويۇش ئۆمىكى تەشكىللەپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ خەلق ئارىسىدا ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.
(داۋامى بار)