كۈرەش قاينىمىدا ئۆتكەن يىللار - 4

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.04.27
dolqun-eysa-namayish-2-305.png د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشتا. 2013-يىلى 6-مارت، جەنۋە.
RFA

1988 - يىلى 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سەھەردە دولقۇن ئەيسا ۋە ئەركىن قاتارلىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىناسىدا مۇئاۋىن سېكرíتار جانابىل ھەمدە مۇناسىۋەتلىك نازارەتلەرنىڭ نازىرلىرى بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى مىللىي مائارىپ مەسىلىلىرى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.

دەل شۇ پەيتتە، بۇ سۆھبەتنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تەشكىللىنىپ فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئالدىغا توپلىنىدۇ ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە قويغان تەلەپلەرگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىلمىسە كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىتىنىڭ ۋەزىيىتى بىردىنلا جىددىي ھالەتكە ئۆتىدۇ.

دەسلەپ قاتتىق پوزىتسىيىدە بولغان جانابىل شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا توپلىنىپ نامايىشقا تەييارلانغان نەچچە مىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ بىردىنلا يۇمشايدۇ ھەمدە دولقۇن ئەيسا قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ سوئاللىرىغا نەق مەيداندا جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئالدى بىلەن دولقۇن ئەيسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاپتونوم رايونغا يوللىغان ئىلى مىللىي مائارىپىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسەن، غۇلجىدىكى ئۇيغۇر ماارىپىدا نەچچە يىللاردىن بۇيان كۆرۈلۈۋاتقان قىيىن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ ھەمدە بۇنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. جانابىل دەرھال ئىلىدىكى ماارىپقا مەسئۇل رەھبەرلەرنى 3 كۈن ئىچىدە ئۈرۈمچىگە چاقىرتىدىغانلىقى ھەمدە ئۇلاردىن 1985 - يىلىدىن 1988 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا غۇلجا ماارىپىغا ئاجراتقان ئىقتىسادنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى سۈرۈشتۈرىدىغانلىقى، ئاندىن كونكېرەت چارە - تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ئاغزاكى ۋەدە بېرىدۇ. دولقۇن ئەيسا ئاندىن ئالىي مەكتەپلەردىكى ئەسلىھەلىرى يېڭى تەجرىبىخانىلىرىنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىللىنىشى ئۈچۈن ئوچۇقلۇقىنى، لېكىن مىللىي ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىشىكىنىڭ تاقاقلىقىنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ. بۇ سوالغىمۇ جانابىل نەق مەيداندا مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرىغا بۇيرۇق بېرىپ، بۇ مەسىلىنى جىددىي ھەل قىلىشنى بۇيرۇيدۇ. ئۈچىنچى مەسىلە تەرىقىسىدە دولقۇن ئەيسا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى 100 پارچىدىن ئارتۇق چوڭ خەتلىك ۋاراقلارنى يوشۇرۇن چاپلىغانلىقىنى، بولۇپمۇ فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ھاجەتخانىسى ئىشىكىگە نامەلۇم خىتاي تەرىپىدىن «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرلىرىنى قۇل، ئاياللىرىنى پاھىشە قىلىمىز» دېگەن خەتلەرنىڭ يېزىلغانلىقىنى، بۇ ۋەقەنى گەرچە مەكتەپ مەمۇرىيىتىگە مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە ھېچقانداق جاۋابى بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. جانابىل بۇ ئىشنىڭ ئاپتونوم رايوندىن تاكى مەركەزگە قەدەر دوكلات قىلىنغانلىقىنى، نۆۋەتتە بۇ دېلو ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، نەتىجىسى چىققان ھامان ئۇلارغا ئۇقتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇ تەرىقىدە دولقۇن ئەيسا قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى جانابىل بىلەن 13 تۈرلۈك مەسىلىدە تالاش - تارتىش ئېلىپ بارىدۇ. سۆھبەت چۈشتىن كېيىن سائەت 2 گە قەدەر داۋاملىشىدۇ. مەسىلىلەرنىڭ بەزىلىرىگە جاۋاب بېرىلىپ ھەل قىلىشقا ۋەدە بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بەزىلىرىگە ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق قايىل قىلىدىغان جاۋاب بولمايدۇ. ئۇنىڭغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا توپلانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىش ئۈچۈن تەييارلانغانلىقى خەۋىرى كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايوندىكى سۆھبەت ئاخىرلىشىپ، جانابىل دولقۇن ئەيسا ۋە ئەركىنلەرنى ئېلىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىدۇ. ئۇ دولقۇن ئەيساغا بېسىم قىلىپ سۆھبەتنىڭ جەريانىنى ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەشنى، ئۇلارنى دەرھال نامايىش قىلىش نىيىتىدىن قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. دولقۇن گەرچە ئوقۇغۇچىلارغا ئاپتونوم رايوندا بولغان سۆھبەت ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن قېنى ئۇرغۇپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېچقايسىسى تارقالمايدۇ.

دولقۇن ئەيسا 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى يىغىلىشىدا نۇتۇق سۆزلىمەكتە.
دولقۇن ئەيسا 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى يىغىلىشىدا نۇتۇق سۆزلىمەكتە.

ئوقۇغۇچىلارنى نامايىش قىلىشتىن توسسۇپ قالالمىغان جانابىل ئاپتونوم رايوندىكى كاتتاباشلاردىن كۆرسەتمە ئېلىش ئۈچۈن قايتىپ كېتىدۇ. نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ نامايىشقا ھازىرلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرلىرى بىلەن ھەرقايسى فاكۇلتېتلارنىڭ مەسئۇللىرىنى تەرەپ - تەرەپتىن توسۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرالمايدۇ. ئارىدىن بىرەر سائەت ئۆتكەندە جانابىل قايتىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قايتىپ كېلىپ نامايىش ئۈچۈن توپلانغان ئوقۇغۇچىلارغا «تارقىلىش! ھەممىڭ تارقىلىش!...» دەپ ۋارقىراپ قوپاللىق بىلەن بۇيرۇق قىلىدۇ. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن ئوقۇغۇچىلار بىراقلا قوزغىلىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىقاچان تاقىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنى بۆسۈپ چىقىپ نامايىشقا ئاتلىنىدۇ.

شۇنداق قىلىپ 1988 - يىلىدىكى «15 - ئىيۇن» ئوقۇغۇچىلار نامايىشى رەسمىي باشلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەرۋازىسىدىن چىققان نەچچە مىڭلىغان نامايىشچىلار قوشۇنى دۆڭكۆۋرۈك، بۇلاقبېشى ۋە جەنۇبىي قوۋۇقنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ خەلق مەيدانىغا كىرىشكە ئۇرۇنىدۇ. لېكىن خەلق مەيدانى ئالىقاچان ھەربىي - ساقچىلار بىلەن قامال قىلىنغاچقا، نامايىشچىلار قوشۇنى 10 كىلومېتىردەك مۇساپىنى بېسىپ ئۇدۇل مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى تەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. يول بويى بۇ مەنزىرىدىن ھاياجانغا چۆمگەن ئۇيغۇر شەھەر ئاھالىلىرى قوللىرىغا سۇ، سوغۇق ئىچىملىك، قوغۇن - تاۋۇز كۆتۈرۈپ چىقىپ ئوقۇغۇچىلارغا مەدەت بېرىدۇ. دولقۇن ئەيسا قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار يېتەكچىلىرى يول بويى نامايىش تەرتىپىنى ساقلاپ، سىرتتىن جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا قوشۇلۇشىنى چونترول قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بىردەك «بىزگە دېموكراتىيە ۋە مىللىي باراۋەرلىك كېرەك»، «ياشىسۇن ئەركىنلىك» دېگەن شوئارلارنى توۋلاپ ئۈرۈمچى كوچىلىرىنى لەرزىگە سالىدۇ. بېزىلەر ھەتتا «خىتايلار چىقىپ كەتسۇن» دېگەن شۇارلارنىمۇ توۋلايدۇ. نامايىشچىلار قوشۇنى مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېتىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئالىقاچان مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا توپلانغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى توسسۇپ سىرتقا چىقارمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن نامايىشچىلار قوشۇنى پىيادە ئايلىنىپ شۇ كۈنى كەچقۇرۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قايتىپ كېلىدۇ.

ئوقۇغۇچىلار ئەتىسى، يەنى 16 - ئىيۇن نامايىشنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، لېكىن مەكتەپ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئالىقاچان دەرۋازىلار قامال قىلىنىپ ھېچكىمنىڭ سىرتقا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ ئاپتونوم رايون، مائارىپ نازارىتى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتەتىدىن بولۇپ 3 خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى نەچچە يۈز خادىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋىي خىزمەت ئىشلەشكە باشلايدۇ. دولقۇن ئەيسا قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار يېتەكچىلىرى مەسىلە تاپشۇرۇشقا زورلىنىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ قورچاق مۇئاۋىن رەىسلىرىدىن ھامىدىن نىياز ۋاڭ ئېنماۋنىڭ مەزكۇر نامايىش ھەققىدىكى قارارىنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوتسېنتتىن يۇقىرى ئۇنۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلارغا ئاڭلىتىدۇ. ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەزكۇر نامايىشنىڭ خاراكتېرىنى «ئەكسىل - ئىنقىلابىي خاراكتېردىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى» دەپ بېكىتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «بۇ نامايىشنىڭ پەردە ئارقىسىدا جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىكى دۈشمەن كۈچلەر بار» دەپ جار سالىدۇ. ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا چوڭقۇر دەرىجىدە ھېسداشلىق قىلغان، مىللىي ۋىجدانغا ئىگە پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلاردىن تۇرسۇن قۇربان قاتارلىقلار نەق مەيداندا ئوتتۇرىغا چىقىپ ھامىدىن نىيازنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا رەسۋا بولغان ھامىدىن نىياز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرغان ۋاڭ ئېنماۋغا ئەرز - داد ئېيتىپ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.