كۈرەش قاينىمىدا ئۆتكەن يىللار - 6

0:00 / 0:00

1988 - يىلىدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەرۋازىسىدىن بۇيرۇق بويىچە چېكىندۈرۈلگەن دولقۇن ئەيسا ئۆز غايىسىدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيدۇ. شۇندىن كېيىن ئۇ ئۇستازلىرىنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن سودا - تىجارەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ ھەمدە مۇشۇ نام ئاستىدا جەمئىيەتتە ئويغىتىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.

بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقى ئۈچۈن ئاتىغان نىزامىدىن ھۈسەيىندەك پېشقەدەم زىيالىيلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن پولات قادىرىنىڭ «ئۆلكە تارىخى»، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق چەكلەنگەن تارىخىي ئەسەرلەرنى شاپىگرافتا مەخپىي بېسىپ كۆپەيتىدۇ ۋە تارقىتىدۇ. كېيىنچە پېشقەدەم زىيالىيلاردىن ھاجى ياقۇپ ئاناتنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئاقسۇدا تىل مەكتىپى ئېچىشقا تۇتۇش قىلىدۇ، لېكىن يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ رۇخسەت بەرمەسلىكى بىلەن بۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ قىيىنلىقى ياش دولقۇن ئەيسانى خىتاينىڭ يۈرىكى بولغان بېيجىڭغا بېرىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.

1990 - يىللارنىڭ باشلىرىدا دولقۇن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بارىدۇ. ئۇ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ناھايىتى تەستە بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئىنستىتۇتى ئاچقان ئىنگلىز تىلى كۇرسىغا كىرىپ ئوقۇيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ياشاش ئۈچۈن بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر رېستورانلىرى مەركەزلەشكەن ۋېيگوڭسۇن كوچىسىدا ئاشخانا ئاچىدۇ. بۇ يەرگە كېلىپ تاماقلىنىدىغان چەتئەللىكلەر بىلەن، بولۇپ تۈركىيە ئەلچىخانىسىدىن كېلىپ - كېتىدىغان كىشىلەر بىلەن يېقىندىن ئالاقە باغلايدۇ. ئۇزاق ئۆتمەيلا دولقۇن ئەيسانىڭ بېيجىڭدا ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئاچقانلىقى ۋە چەتئەللىكلەر بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. بىخەتەرلىك خادىملىرى دولقۇننىڭ ئىش - ھەرىكىتىنى ئىز بېسىپ كۆزىتىشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈرۈمدىكى ئۇستازلىرى ۋە دوستلىرىدىن ئۇنىڭغا مەخپىي خەتلەر كېلىپ ئەڭ تېز ئىمكانىيەت ئىچىدە چەتئەلگە چىقىپ كېتىشىنى، ۋاقىتلىق بولسىمۇ ھاياتىي بىخەتەرلىككە ئېرىشىشىنىڭ مۇھىملىقى ئەسكەرتىلىدۇ.

مانا مۇشۇنداق بىر شارائىتتا قىيىن ئەھۋالدا قالغان دولقۇن ئەيسا ۋەتەننى تاشلاپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ پۇل خەجلەش ئارقىلىق ئاخىرى پاسپورت ۋە پولشا ئارقىلىق تۈركىيىگە بارىدىغان ۋىزىغا ئېرىشىدۇ. بېشىدا خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ قارا قولى ھەر ۋاقت ئويناپ تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ يېڭى توي قىلىپ تۇنجى پەرزەنتىگە ئېغىر ئاياق بولغان ئايالى ۋە 60 ياشتىن ئاشقان مېھرىبان ئانىسىنى بېيجىڭدا قالدۇرۇپ مەخپىي ھالدا سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. بېيجىڭ ئايرودرومىدىكى ئىنچىكە تەكشۈرۈشلەردىن مىڭ تەستە ئۆتۈپ ئاخىرى پولشا ئارقىلىق 1994 - يىلى 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئىستانبۇلغا ساق - سالامەت يېتىپ بارىدۇ.

دولقۇن ئەيسا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى سۈپىتى بىلەن چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.
دولقۇن ئەيسا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى سۈپىتى بىلەن چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.


شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھاياتى باشلىنىدۇ. ئۇ ئىستانبۇلغا كەلگەندىن كېيىن ئۆزى ۋەتەندىكى چېغىدا تەسەۋۋۇر قىلغان تۈركىيە بىلەن رېئاللىقتىكى تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا زور پەرقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر خىل تۇرغۇن ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن ۋە مەمتىمىن ھەزرەت قاتارلىق كىشىلەر بىلەن يۈز كۆشىشىدۇ ھەمدە چەتئەللەردىكى ياش بىر ئەۋلادنىڭ مىللىي دەۋادىكى مۇھىم رولى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلايدۇ.

(داۋامى بار)