تۈركىيىگە كەلگەندىن كېيىن دولقۇن ئەيسا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەش سەپىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىدۇ. ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» نى مەركەز قىلغان ھالدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ ۋەتەن ھەققىدىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.
1994 - يىلىنىڭ يازلىق تەتىل مەزگىلىدە تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىستانبۇلدىكى ۋەخپىگە يىغىلىدۇ. 90 ياشتىن ئاشقان مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن مەخسۇس ۋەخپىگە كېلىپ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىشغالىيىتىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ 45 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش نامايىش ئۆتكۈزۈشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. دولقۇن ئەيسا باشلىق ياشلار ۋەتەندىن يېڭى كەلگەن ۋاقىتتىكى قىزغىنلىقى بىلەن ياشلارنى تەشكىللەپ بۇ نامايىشقا تەييارلىنىدۇ. ئەمما نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ نامايىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئۆتكۈزۈلمەيدۇ. بۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلەنگەن دولقۇن ئالدى بىلەن ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەمدە ياشلار پائالىيەتلىرىنىڭ مەركىزىنى ئىستانبۇلدىن سىياسىي مەركەز بولغان ئەنقەرەگە يۆتكەش قارارىغا كېلىدۇ.
دولقۇن ئەيسا ئەنقەرەگە كەلگەندىن كېيىن بۇ يەردە ئوقۇشىنى داۋام قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەشكىللەپ ۋەتەن ھەققىدىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە كىرىشىپ كېتىدۇ. گەرچە شۇ مەزگىللەردىكى تۈركىيىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەمدە دۆلەت ئەھۋالى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئورۇن بەرمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھەرگىزمۇ بوشىشىپ قالمايدۇ. 45 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ۋەتىنى دۇچ كەلگەن تارىخىي رېئاللىقنى ئېچىپ تاشلاشقا، خىتاينىڭ مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ ئىچ يۈزىنى پاش قىلىشقا ھەمدە تەشۋىقات ئارقىلىق تۈرك خەلقى بىلەن ئىلىم ساھەسىدە جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. دولقۇن ئەيسا باشلىق ياشلار ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ «شەرقىي تۈركىستان ياشلار بىرلىكى» ناملىق تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن بۇيانقى 45 يىل جەريانىدا يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىق ھەققىدە مەخسۇس دوكلات تەييارلاپ، ئۇنى تۈرك ۋە ئىنگلىز تىللىرىغا تەرجىمە قىلدۇرىدۇ. لېكىن ئۇنى بېسىپ كۆپەيتىشتە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىققا يولۇقىدۇ. ئەمما مىللەتپەرۋەر تۈرك قېرىنداشلارنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن بۇ دوكلات نەچچە يۈز پارچە بېسىلىپ، تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تارقىتىلىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، ئەنقەردىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قوللىرىغا ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ، تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى قولتۇقلاپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا قارشىلىق كۆرسىتىش نامايىشى ئۆتكۈزىدۇ. بۇنىڭدىن چۆچۈپ كەتكەن خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى تۈرك ساقچىلىرىنى چاقىرىپ توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ساقچى ئىدارىسى ئۇلارغا تۈركىيە ئاساسىي قانۇنى بويىچە نامايىش قىلىش رۇخسىتى بېرىدۇ. شۇندىن كېيىن ئۇلار ئۇدا ئۈچ كۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىغا بىر - بىرلەپ بېرىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرىدۇ ھەمدە زور تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

دولقۇن ئەيسا رەئىسى، ئەركىن ئەكرەم مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلانغان مەزكۇر ياشلار تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەتلىرىنى ئەنقەرەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئىلمىي ئورگانلار ھەمدە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئېلىپ بارىدۇ. 1995 - يىلى 6 - ئايدا ياشلار تەشكىلاتى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابىنىڭ مەشھۇر يېتەكچىلىرىدىن مەرھۇم مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋاپاتىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. مەزكۇر پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ قىزى فاتىمە بۇغرا ۋە كۈيۆ - ئوغلى يۇنۇس بۇغرالار زىيارەت قىلىنىدۇ. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان فوتو سۈرەتلەر توپلىنىپ، ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» دە مەخسۇس كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. مەزكۇر يىغىلىشتا شۇ ۋاقىتتىكى ياشلاردىن دولقۇن ئەيسا، ئالىمجان ئىنايەت، ئىليار شەمشىدىن، ئەركىن ئەكرەم، ئەركىن ئەمەت قاتارلىقلار مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئىنقىلابى ھاياتى، ئىلمىي ئەسەرلىرى ۋە ئەدەبىي مىراسلىرى ھەققىدە مەخسۇس ماقالىلەر ئوقۇيدۇ. بۇ پائالىيەت مەرھۇم مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا 1965 - يىلى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتۈپ 30 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىملىق چوڭ تىپتىكى ئىلمىي ۋە ئاممىۋى ئەسلەش يىغىلىشى بولۇپ قالىدۇ.
1995 - يىلى 12 - ئايغا كەلگەندە ئۇلار ئەنقەرەدىكى ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزىدە 1985 - يىلى دېكابىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى زور كۆلەملىك نامايىشىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. ئىستانبۇلدىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بۇ يىغىلىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن كېلىدۇ. مەشھۇر تۈرك سىياسىيونلار ھەمدە پروفېسسورلارمۇ تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدۇ. بىر كۈن داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر سۆز قىلىدۇ ھەمدە ماقالىلەر ئوقۇلىدۇ. كېيىنچە بۇ پائالىيەتنىڭ ماقالىلەر توپلىمى كىتاب بولۇپ نەشر قىلىنىدۇ.
دولقۇن ئەيسا شۇ يىللاردا يەنە ئىزمىردا چاقىرىلغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك «تۈرك دۇنياسى قېرىنداشلىق، دوستلۇق ئىش بىرلىكى قۇرۇلتىيى» دا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋەقەلەرنى ئەسلا ئۇنتۇلمايدۇ. ئۇنىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، ئىزمىردا چاقىرىلغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى قۇرۇلتىيىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى، بولۇپمۇ ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن تەكلىپ قىلىنمايدۇ. بۇ ھال تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى ئېغىر بىر كەيپىيات ئاتا قىلىدۇ. دولقۇن ئەيسا باشلىق ياشلار تەشكىلاتىنىڭ بىرقانچىلىغان غوللۇق ئەزالىرى غەيرەتكە كېلىپ بۇ قۇرۇلتايغا چوقۇم قاتنىشىپ تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش قارارىغا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىزمىرغا بارىدۇ ھەمدە تۈرك دۇنياسىدىكى بىردىن - بىر چاقىرىلمىغان چاقىرىلمىغان خەلقنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەزكۇر قۇرۇلتايغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما قۇرۇلتاي داۋامىدا تۈرك دۇنياسىدىكى نوپۇسى ئەڭ ئاز بولغان مىللەت ۋەكىللىرىگە قەدەر سۆز پۇرسىتى بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارغا پەقەتلا سۆز پۇرسىتى بېرىلمەيدۇ. بۇ خىل سۈنئىي تەڭسىزلىك ۋە خورلۇققا چىدىمىغان دولقۇن ئەيسا قاتارلىق ئۇيغۇر ياشلىرى قولىدا ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، باشلىرىدا ئۇيغۇر دوپپىسى كىيگەن ھالدا يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. يىغىن ئەھۋالى نەق مەيداندىن تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئارقىلىق تۈركىيە ئىچى ۋە ئورتا ئاسىياغا كۆرسىتىلىۋاتقان شارائىتتا، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ خىل نارازىلىقى تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئامالسىز قالغان قۇرۇلتاي رىياسىتى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىگە ئەڭ ئاخىرىدا سۆز پۇرسىتى بېرىدۇ. كۆز ياشلىرى بىلەن سەھنىگە چىققان دولقۇن ئەيسا كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن بۇ قىممەتلىك پۇرسەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەمدە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر رېئاللىقىنى قۇرۇلتاي ئەھلىگە بايان قىلىدۇ. ئۇ يەنە پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىدىكى چوڭ - كىچىك ھەممە خەلققە ئۆزىنى چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى بېرىلگەن بۇ سەھنىدە پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا - تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئىچىدىكى ئەڭ پارلاق تارىخقا ئىگە غوللۇق بىر مىللەتكىلا - كۆز يۇمۇلسا، بۇنىڭ قانداق قىلىپ تۈرك دۇنياسى قۇرۇلتىيى بولىدىغانلىقىنى سوئال قىلىپ تاشلايدۇ. زال ئىچى بۇ ئەجەللىك سوئالىدىن تەۋرەيدۇ. يىغىن ئەھلى غۇلغۇلا قىلىشقا باشلايدۇ. دولقۇن ئەڭ ئاخىرىدا: «بىز ئوقۇغۇچى، بىزنىڭ ھېچنېمىمىز يوق. بىز پەقەت قولىمىزدىكى بۇ كۆك بايراقنى تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى بولغان شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن قۇرۇلتايغا سوۋغا قىلىمىز!...» دېگىنىچە سەھنىدىن چۈشىدۇ. يىغىن زالىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان نەزەربايېف، ئىسلام كېرىموف ۋە ئەسقەر ئاقايېف قاتارلىقلار ھاڭ - تاڭ بولغان ھالدا ئىپادىسىز بىر رەۋىشتە قاراپ قالىدۇ. تۈركىيىنىڭ رەئىسى جۇمھۇرى سۇلايمان دېمىرەل، باش مىنىستىر تانسۇ چىللەر ھەمدە شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى جۇمھۇرى قاتارلىقلار ئورنىدىن تۇرۇشۇپ دولقۇننى قۇچاقلايدۇ ھەمدە بىردەك «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەققىنى نەق مەيداندا ئالدىڭ يىگىت، ساڭا ئاپىرىن!» دېيىشىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر قۇرۇلتايغا ئۆزلىرى تەلەپ قىلىپ قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرى مۇخبىرلار ۋە ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىدۇ. قۇرۇلتاي رىياسىتىمۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۈرك دۇنياسى قۇرۇلتايلىرىدا ئۇيغۇرلارغا ئورۇن بېرىشكە ۋەدە بېرىدۇ. ھەل قىلغۇچ پەيتتە بېرىلگەن قارار ئاخىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى تۈرك دۇنياسى قۇرۇلتىيىنىڭ مەركىزىي سۆز تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرىدۇ.
(داۋامى بار)