كۈرەش قاينىمىدا ئۆتكەن يىللار - 8

0:00 / 0:00

1995 - يىلى 7 - ئايدا تۈرك دۇنياسى ياشلار قۇرۇلتىيى قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل رايونىدا چاقىرىلىدۇ. دولقۇن ئەيسا قاتارلىق 6 نەپەر ئۇيغۇر يىگىتى تۈركىيىدىكى «شەرقىي تۈركىستان ياشلار بىرلىكى» گە ۋاكالىتەن مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئورتا ئاسىياغا سەپەر قىلىدۇ.

پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىدىن كەلگەن نەچچە يۈزلىگەن جەڭگىۋار ياشلار قىرغىزىستانغا توپلىنىدۇ. دولقۇن ئەيسامۇ ئۆز سەپداشلىرى بىلەن بىرگە ئورتا ئاسىيا تۇپرىقىغا قەدەم باسىدۇ. قىرغىزىستاندىكى «ئىتتىپاق جەمئىيىتى» ھەمدە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.

بۇ يىللاردا يېڭىلا مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن ئورتا ئاسىيا دۆلەتلىرى داۋالغۇپ تۇرغان بىر تارىخىي شارائىتتا تۇرۇۋاتاتتى. بولۇپمۇ ئەينى چاغدىكى قىرغىزىستان ئورتا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا تۈرلۈك سىياسىي تەشكىلاتلار ۋە ئەركىن پىكىرلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا نىسپىي ھالدا يول قويغان ئەل ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن سودا - تىجارەت بىلەن ئورتا ئاسىياغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى بېشكەكتىكى «تۇر بازىرى» غا توپلانغان، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى جانلانغان يىللار ئىدى. ئىسسىق كۆل بويىدا ئېچىلغان ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ ئالدى كەينىدە دولقۇن ئەيسا قاتارلىق ئۇيغۇر ياشلىرى بېشكەكتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن زىچ ئالاقىدە بولىدۇ. ئۇلار بېشكەك بىلەن ئالمۇتا ئارىسىدا تىنىمسىز قاتراپ بۇ يەردە تۈرلۈك ئۇسۇللاردا قانات يېيىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىدۇ. قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى مەسچىتلەر ئارقىلىق ئىئانە توپلاپ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ. شۇ مەزگىلدە دولقۇن قاتارلىق ئۇيغۇر ياشلىرى ئالمۇتادا ئولجاس سۇلايمانوف باشچىلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان خىتاينىڭ لوپنۇردىكى يادرو سىناق بازىسىنى تاقاش توغرىلىق ئاممىۋى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. ئۇلار مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان ھەر ساھە كىشىلىرى بىلەن بىرگە ئالمۇتادىن يولغا چىقىپ تاكى قورغاس چېگراسىغىچە نامايىش قىلىپ بېرىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. خىتاي تەرەپمۇ بۇ نامايىشتىن ناھايىتى جىددىيلىشىپ چېگرا پونكىتلىرىغا بولغان ھوشيارلىقىنى كۈچەيتىدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن دولقۇن ئەيسا باشلىق بىر بۆلەك ئۇيغۇر ياشلىرى قىرغىزىستاندا دۇنيا تۈرك ياشلىرى قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى ئەل ياشلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىدۇ. بۇنىڭدىن جىددىيلەشكەن خىتاي دائىرىلىرى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىپ دولقۇن ئەيسا باشلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. قىرغىز ساقچىلىرىمۇ ياشلار قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان جاينى قورشاۋغا ئېلىپ ئىچكى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماقچى بولىدۇ. ئەمما تۈركىيە ۋە باشقا غەرب ئەللىرىنىڭ ئارىغا كىرىشى بىلەن قىرغىزىستان تەرەپ بۇ ئىشتىن قول تارتىدۇ.

بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇلار قازاقىستانغا بېرىپ جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئىتتىپاقى قارمىقىدا پىلانلىنىۋاتقان «ئورتا ئاسىيا ئۇيغۇر ياشلىرى مەدەنىيەت كۈنى» پائالىيىتىنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پائالىيىتىگە ئۆزگەرتىش ھەققىدە سۆزلىشىدۇ. مەزكۇر پائالىيەتنىڭ يېتەكچىلىرىدىن قەھرىمان غوجامبەردى قاتارلىقلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تۇنجى قېتىملىقى ئالمۇتادا چاقىرىلماقچى بولىدۇ. دولقۇن ئەيسا قاتارلىق ياشلارمۇ تۈركىيىگە قايتىپ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە كىرىشىدۇ.

دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇر-تىبەتلەرنىڭ چوڭ يىغىلىشىدا نۇتۇق سۆزلىمەكتە
دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇر-تىبەتلەرنىڭ چوڭ يىغىلىشىدا نۇتۇق سۆزلىمەكتە


ھەر تەرەپلىمىلىك تەييارلىقلاردىن كېيىن 1995 - يىلى 10 - ئايدا «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى مەدەنىيەت كۈنى» پائالىيىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىلىشى ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلىدۇ. تۈركىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا، مىسىر، پاكىستان ھەمدە ئورتا ئاسىيا ئەللىرىدىن بولۇپ كۆپلىگەن ياشلار مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ. يىغىن باشلىنىپ بىرىنچى كۈنىلا قازاقىستان بىخەتەرلىك خادىملىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن مەزكۇر يىغىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلايدۇ. ئەمما ئۇلار مەزكۇر يىغىلىشنى شەخسلەرنىڭ ئۆيلىرىگە يۆتكەپ مەخپىي داۋام قىلىدۇ. يىغىلىش ئاخىرىدا بۇ پائالىيەتنى ھەر يىلى بىر دۆلەتتە ئۆتكۈزۈش قارارى ئېلىنىدۇ. بىرىنچى نۆۋەتلىك يىغىلىشنىڭ قارارى بويىچە ئىككىنچى نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى يىغىلىشى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق جەمئىيىتى» ساھىبخانىلىقىدا بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولىدۇ. ئەپسۇسكى ئەينى چاغدىكى ئورتا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ داۋالغۇپ تۇرغان ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ كۈچلۈك بېسىمى بىلەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك يىغىلىش پىلان بويىچە بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بولمايدۇ.

دولقۇن ئەيسا ئورتا ئاسىيادىن تۈركىيىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى چىڭىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تۈركىيىدىكى پائالىيەتلەرمۇ تۈرلۈك بېسىملارغا دۇچ كېلىشكە باشلايدۇ. دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيە ۋەتەنداشلىقى ئۈچۈن سۇنغان ئىلتىماسىمۇ رەت قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تۈركىيىدە داۋاملىق تۇرۇش ۋە ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارغانسېرى تارىيىپ بارىدۇ. ۋەزىيەتنى مۆلچەرلىگەن دولقۇن ئەيسا دوستلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى سەپداشلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن تۈركىيىدىن ئايرىلىپ ياۋروپاغا كېتىش قارارىغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئايالى ماھىرەمۇ شۇ مەزگىلدە تۈركىيىگە كېلىپ دولقۇن بىلەن جەم بولىدۇ.

1995 - يىلى 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ پېشۋالىرىدىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈمى تۈركىيىنى مەركەز قىلغان بىر دەۋر ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكىنى دۆلەت دەرىجىلىك ئەسكىرىي مۇراسىمى بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئونمىڭلىغان ئىنسانلار مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىغا قاتنىشىدۇ.

دولقۇن ئەيسا جەنۋەدىكى ئىنسان ھەقلىرى يىغىنىدا
دولقۇن ئەيسا جەنۋەدىكى ئىنسان ھەقلىرى يىغىنىدا


1996 - يىلىنىڭ باشلىرىدا دولقۇن ئەيسا تۈركىيىدىكى ئىككى يېرىم يىللىق مۇھاجىرەت ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ گېرمانىيەگە كېلىدۇ. ئۇ گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىككىنچى نۆۋەتلىك «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇچرىشىشى» نى ميۇنخېندا چاقىرىدۇ. بۇ ئۇچرىشىشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن نۇرغۇنلىغان ۋەكىللەر ئىشتىراك قىلىدۇ. شۇندىن كېيىن ئۇلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۈچلەرنى، بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر دەۋاسى يولىدا جان كۆيدۈرۈۋاتقان چوڭلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش ۋە ئىچكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش چاقىرىقىنى ئورتىغا چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىر تەشكىلىي ئاساسى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېننى بازا قىلغان ھالدا شەكىللىنىشكە باشلايدۇ.

(داۋامى بار)