1996 - يىلى 6 - ئايدا دولقۇن ئەيسا تۈركىيىدىن ئايرىلىپ گېرمانىيىگە كېلىدۇ ھەمدە ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ميۇنخېن شەھىرىگە يەرلىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار 1990 - يىللارنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ يېتەكچىلىكە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، دولقۇن ئەيسا بۇ تەشكىلات قارمىقىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ساناقلىقلا بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە ئولتۇراقلاشقان. ميۇنخېن شەھىرىگە ئەڭ دەسلەپ قەدەم باسقان ئۇيغۇرلار «ئازادلىق رادىئوسى» نىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلىمىدە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن تۈركىيىدىن كەلگەنلەر بولۇپ، 1980 - يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇرلار تەدرىجىي كۆپىيىشكە باشلىغان. دولقۇن ئەيسا گېرمانىيىگە كەلگەن يىللاردا ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى تۈرلۈك يوللار بىلەن جىددىي كۆپىيىۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىپ، ئورتا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ مۇستەقىللىقە ئېرىشىشى نەتىجىسىدە قولغا كەلگەن ئىمكانىيەتلەر بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپا ئەللىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشىغا يول ئاچقانىدى.
1995 - يىلى ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئۇچرىشىشى» دىن كېيىن، قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلۈش پىلانلانغان ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىش پائالىيىتى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەمەلدىن قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دولقۇن ئەيسا ميۇنخېندىكى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ مەسئۇللىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئۇچرىشىشىنى گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈش قارارىغا كېلىدۇ. بىر مەزگىللىك تەييارلىق خىزمەتلىرىدىن كېيىن 1996 - يىلى 11 - ئايدا «ئىككىنچى نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئۇچرىشىشى» ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن، يەنى ئورتا ئاسىيا ئەللىرى، تۈركىيە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەمدە ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن بولۇپ نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ئۈچ كۈنلۈك بۇ ئۇچرىشىشتا جەم بولىدۇ. يىغىن قاتناشچىلىرى بىردەك ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن بىر سىياسىي تەشكىلاتىنىڭ بولۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، بولۇپمۇ ئورتا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى زور كۆلەمدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋەتەن دەۋاسىدىكى يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر تەشكىلىي ئورگان قۇرۇش كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر يىغىلىشتا كۆپچىلىكنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى» رەسمىي قۇرۇلىدۇ. ئۆمەر قانات ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىكىگە، دولقۇن ئەيسا ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى» نىڭ يېتەكلىشى بىلەن ھەر جەھەتتىن جانلىنىشقا باشلايدۇ. قۇرۇلتاي قارمىقىدا «شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى» ناملىق ژۇرنال تەسىس قىلىنىپ قەرەللىك ھالدا نەشر قىلىنىشقا باشلايدۇ. 1999 - يىلىغا بارغاندا «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى» نىڭ قازاقىستاندىكى شۆبىسى سۈپىتىدە «قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكى» قۇرۇلىدۇ. ئۇيغۇر كونا يېزىقى بىلەن ئۇيغۇر سلاۋىيان يېزىقىدا چىقىدىغان «شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى» ناملىق بۇ ژۇرنال قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە تارقىتىلىپ زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىدۇ.
1998 - يىلىغا كەلگەندە «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى» نىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان يۈزلىگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەر قاتنىشىدۇ. بولۇپمۇ ئورتا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تەشكىللەنگەن چوڭ ئۆمەكلەر ئىشتىراك قىلىدۇ. مۇھاكىمە قىلىنىدىغان تېمىلار ۋە ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلىلەردىمۇ روشەن ئىلگىرىلەشلەر بولىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىندا ۋەكىللەر بىردەك پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنپەەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، ھەممە ئېتىراپ قىلغان بىر مىللىي قۇرۇلتاينىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ياشلار قۇرۇلتىيى بۇ قېتىملىق يىغىن ئارقىلىق يېقىن كەلگۈسىدە رەسمىي يوسۇندا بىر مىللىي قۇرۇلتاينىڭ تەشكىل قىلىنىشىنى، ئەگەر ئىككى يىلغىچە مىللىي قۇرۇلتاي تەشكىل قىلىنمىسا، ئۇ چاغدا «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى» نىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئۆز زىممىسىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. يىغىندا ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى سايلاپ چىقىلىدۇ. ئۆمەر قانات قۇرۇلتاينىڭ رەئىسلىكىگە، كۈرەش كۈسەن قاتارلىق ياشلار مۇئاۋىن رەىسلىككە، دولقۇن ئەيسا ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىدۇ.
ئەنقەرەدىكى ئىككىنچى قېتىملىق يىغىندىن كېيىن «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى» ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىنىنى 1999 - يىلى ئېستونىيەنىڭ پايتەختى تاللىندا ئېچىشنى قارار قىلىدۇ. بۇ قارارنىڭ ئېلىنىشىدا ئېستونىيىنىڭ يېڭىلا سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغان دۆلەت بولغانلىقى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغانلىقى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئېستونىيىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي دەۋالىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى» نىڭ ئۈچىنچى قۇرۇلتىيىنىڭ ئېستونىيىدە ئېچىلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يەڭ ئىچىدە دىپلوماتىيە ئويۇنى ئوينايدۇ. خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىقى لى پېڭ مەخسۇس ئېستونىيەگ دۆلەت زىيارىتى ئېلىپ بېرىپ بۇ ئىشنى توسماقچى بولىدۇ. ئەمما يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان، نوپۇسى ئاران بىر مىليوندىن ئاشىدىغان ئېستونىيە دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا پىسەنت قىلمايدۇ.
ئۆز مەقسىتىگە يېتىلمىگەن خىتاي تەرەپ ئاخىرى ئېستونىيىگە نوتا تاپشۇرۇپ ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ بېسىم ئىشلىتىدۇ. لېكىن ئېستونىيە تەرەپمۇ ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كاندىدات دۆلەت ئىكەنلىكىنى، دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى» نىڭ ئۈچىنچى يىغىنى خىتاي بىلەن ئېستونىيە ئارىسىدىكى دىپلوماتىك سۈركىلىشلەر ئىچىدە تاللىندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھەتتا ئېستونىيىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى لېننارت مېل شەخسەن ئۆزى موسكۋاغا بېرىپ، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانلاردىن بۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن 60 كە يېقىن ئۇيغۇر ۋەكىلنى پويىز بىلەن تاللىنغا ئېلىپ كېلىدۇ.

يىغىن ئېستونىيە دۆلەتلىك كۇتۇپخانىڭ ھەيۋەتلىك زالىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئېستونىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن بىرمۇنچە كىشى يىغىنغا قاتنىشىدۇ. تاللىن شەھەر باشلىقى ئېچىلىش سۆزى سۆزلەيدۇ. بۇ قېتىملىق يىغىنغا يەنە چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىدۇ. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ قاتلىمى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى، يىغىن تەرتىپى ھەمدە يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ يېڭىلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئىلگىرىكى مۇشۇ تىپتىكى يىغىنلاردىن خېلى زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. دۇنيادىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ قېتىملىق يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار تارقىتىدۇ.
(داۋامى بار)