كۈرەش قاينىمىدا ئۆتكەن يىللار - 10

0:00 / 0:00

ئېستونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن دەۋاسى ھەمدە ئەركىنلىك يولىدا ئېلىپ بارغان كۈرەش تارىخىدىكى مۇھىم بىر سەھىپە بولۇپ قالىدۇ. مەزكۇر يىغىن ھەر ساھە ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ، بولۇپمۇ جۇشقۇن روھتىكى ياشلارنىڭ ئىشتىراكى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلىدۇ. دۇنيادىكى چوڭ - كىچىك مەتبۇئاتلار، يەنى رادىئو، تېلېۋىزىيە ھەمدە گېزىتلەر بۇ ھەقتە خەۋەرلەر بېرىلىدۇ.

مەزكۇر يىغىننىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان دولقۇن ئەيسا ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشقا قاراپ زور بىر قەدەمنى ئالغانلىقىنى، ياش بىر ئەۋلادنىڭ مىللىي دەۋادا كەم بولسا بولمايدىغان زور كۈچ ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر دەرىجىدە ھېس قىلىدۇ. يىغىنغا قاتناشقان چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە كوممۇنىست خىتاينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى سەل قارىغىلى بولمايدىغان كۈچ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ.

شۇنىڭدىن سەل بۇرۇن، يەنى 1999 - يىلى ميۇنخېندا شەرقىي تۈركىستان - ئۇيغۇرىستان مىللىي قۇرۇلتىيى چاقىرىلىدۇ. بۇ قېتىملىق چوڭ يىغىننى شۇ ۋاقىتتا مۇھاجىرەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيون مەركىزى مەزكۇر قۇرۇلتايغا ساھىبخانىلىق قىلىدۇ. ئەمما شۇ ۋاقىتتىكى شارائىت ھەمدە ئوخشاشمىغان گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپلىرى نەتىجىسىدە مەزكۇر قۇرۇلتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان بىردىن - بىر ئالىي تەشكىلىي ئاپپاراتى بولۇش ئىمكانىيەتلىرىنى تولۇق ھازىرلىيالمايدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى يەنىلا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئورنىنى ساقلاپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ميۇنخېنننى مەركەز قىلغان ھالدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى چوڭ تەشكىلاتى - مىللىي قۇرۇلتاي بىلەن ياشلار قۇرۇلتىيى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ھەمدە بىر - بىرى بىلەن رىقابەت ئاساسىدا راۋاجلىنىدۇ. ئۆز دەۋرىدە مىللىي قۇرۇلتاي «ئۇچقۇن» گېزىتىنى نەشر قىلىپ تارقىتىدۇ (كېيىنچە «ئىستىقلال» دەپ ئۆزگەرتىلىدۇ). ياشلار قۇرۇلتىيى «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق ژۇرنالنى چىقىرىدۇ. ئومۇمەن بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتلىرى رىقابەت، بەسلىشىش ۋە بىر - بىرىنى تولۇقلاش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئېستونىيەدىكى يىغىندىن كېيىنمۇ دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى خېلى بىر مەزگىلگىچە ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالىدۇ. لېكىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىر گەۋدىگە ئۇيۇشۇپ ئەڭ ئالىي بىر تەشكىلىي ئاپپاراتنى قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسى شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى كەڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ئورتاق تەلىپى بولۇپ قالىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا سىياسىي ئويۇن ئويناپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە ھەرقايسى ئەللەرگە دىپلوماتىك بېسىم قىلىشى نەتىجىسىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى تۈرلۈك توسالغۇلارغا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەممە بىردەك ۋەتەن سىرتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي دەۋا كۈرەشلىرىگە ۋە مىللىي مەنپەئەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، بىرلىككە كەلگەن بىر ئالىي ئورگاننىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. بۇ ھال مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز - ئارا بىرىكىپ ئاخىرقى ھېسابتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە شارائىت ھازىرلايدۇ.

1999 - يىلىدىن باشلاپلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى پارچىلاش، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى تۈرلۈك يوللار بىلەن توسالغۇغا ئۇچرىتىش ھەمدە ئۇلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش قىلمىشلىرى مەلۇم بولۇشقا باشلايدۇ. 1999 - يىلى دولقۇن ئەيسا ئامېرىكىغا بېرىش ۋىزىسىنى ئېلىش ئۈچۈن فرانكفۇرتتىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا بىر دوستى بىلەن بىللە كىرىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن كونسۇلخانىنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرى گېرمان ساقچىلىرىغا خەۋەر بېرىپ، دولقۇن ئەيسانى تۇتقۇزىدۇ. ساقچىخانىدىكى ئۇزاققا سوزۇلغان تەكشۈرۈش جەريانىدا ئاخىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دولقۇن ئەيسا ئۈستىدىن «ئادەم ئۆلتۈرۈپ قاچقان خەتەرلىك جىنايەتچى» دېگەن بوھتان بىلەن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقى ھەمدە خەلقئارا ساقچى (ئىنتېرپول) غا مەخپىي خەۋەر بەرگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. گېرمان ساقچىلىرى خىتاي تەرەپتىن كەلگەن بۇ ئويدۇرما دېلو ھەققىدە ھېچقانداق دەلىل - ئىسپات تاپالمىغاچقا دولقۇن ئەيسانى قويۇپ بېرىدۇ.

دولقۇن ئەيسا تۈركىيەدە
دولقۇن ئەيسا تۈركىيەدە


2003 - يىلىغا كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئارقىلىق خەلقئاراغا بايانات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى تۆت تەشكىلاتى (شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى، شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى، دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيون مەركىزى) نى «تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللانغۇچى تەشكىلاتلار» دەپ ئېلان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە چەتئەللەردىكى 11 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىنى «تېررورىست» دېگەن قالپاق بىلەن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىدۇ. دولقۇن ئەيسانىڭ ئىسمى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان مەزكۇر «قارا تىزىملىك» نىڭ ئۈچىنچىسىگە تىزىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا دولقۇن ئىستانبۇلدا ئېچىلىۋاتقان بىر يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تۈرك گېزىتلىرىگىمۇ بېسىلىدۇ. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ۋە دوستلىرىنىڭ بىردەك تەلىپى بويىچە بىخەتەرلىك ئۈچۈن دولقۇن دەرھال گېرمانىيەگە قايتىشقا تەرەددۇت قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيە چېگراسىدىن ساق - سالامەت چىقىپ گېرمانىيە ئامان - ئېسەن كېلىۋېلىشى شەخسەن ئۇنىڭ ئۆزىنىلا ئەمەس، بەلكى دوست - بۇرادەرلىرىنىمۇ قاتتىق ئەندىشىگە سالىدۇ. ئۇ دەرھال گېرمانىيەدىكى ئادۋوكاتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ. قايتىش سەپىرى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. ئۇ بىخەتەر ھالدا گېرمانىيەگە قايتىپ كېلىدۇ…

(داۋامى بار)