كۈرەش قاينىمىدا ئۆتكەن يىللار - 13

0:00 / 0:00

كورىيە پايتەختى سېئۇلدىكى خەلقئارا ئايرودرومىدا كورىيە چېگرا خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان دولقۇن ئەيسا ئۈچ - تۆت كۈنگە سوزۇلغان مۇرەككەپ جەريانلاردىن كېيىن ئاخىرى دۇبەيگە قاراپ ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا ئېلىپ چىقىلىدۇ. بۇ ئايروپىلان دۇبەيگە ئۇچامدۇ ياكى بېيجىڭغىمۇ؟ بۇ سوئال تېخىچە ئۇنىڭ كاللىسىدا گۇمان ھالىتىدە تۇرماقتا ئىدى.

ئايروپىلان تاكى سېئۇل ئاسمىنىغا كۆتۈرۈلگۈچە بولغان ئارىلىقتا ئۇنىڭ كاللىسىدا تۈرلۈك - تۈمەن خىياللار كېچىدۇ. ئەمدى دۇبەيگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇنى قانداق بىر تەقدىر كۈتۈپ تۇرىدۇ؟...

ئۇزاققا سوزۇلغان ۋەھىمىلىك سەپەردىن كېيىن ئايروپىلان دۇبەي ئايرودرومىغا قونىدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ چېگرا خادىملىرى ئۇنى ئايروپىلاندىن چۈشۈرۈپ، ئايرىم ئىشىكلەردىن ئۆتكۈزۈپ ئاخىرى گېرمانىيىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا سېلىپ قويىدۇ. ئايروپىلان ئالپ تاغلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ گېرمانىيە ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەندە ئاندىن ئۇ بىر مەيدان قورقۇنچلۇق چۈشكە ئوخشايدىغان ھايات - ماماتلىق كەچۈرمىشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

بىر ئىندىۋىدۇئال شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى مۇرەككەپ ھاياتى ۋە ۋەتەن دەۋاسىنىڭ قايناملىرىدا يۈرگەن دولقۇن ئەنە شۇ پەيتتە ھەققانىيەتنىڭ ھامان كوممۇنىست خىتايغا ئوخشاش مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىدۇ.

دولقۇن ئەيسانىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرىنىڭ ئاخىرقى قىسمىنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز ئۇنىڭ ئاغزاكى بايانلىرىغا قۇلاق سالغايسىز.

(تۈگىدى)