كۈرەش قاينىمىدا ئۆتكەن يىللار - 3
2013.04.20

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇرۇلغان «تەڭرىتاغ ستۇدېنتلار پەن - مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» ناھايىتى تېزلىكتە تەرەققىي قىلىپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭ ئەزالىرى 2000 كىشىدىن ئاشىدۇ. تۇرسۇن قۇربان قاتارلىق پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارمۇ بۇ ئۇيۇشمىغا ئەزا بولۇپ كىرىدۇ ھەمدە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى قوللايدۇ.
مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ رەىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دولقۇن ئەيسا ئىدارە ھەيئىتى تەركىبىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ستۇدېنتلار ۋەكىللىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا، مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ شۆبىلىرى سانائەت ئىنسىتىتۇتى، پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، مېدىتسىنا ئىنستىتۇتى ۋە مالىيە - ئىقتىساد ئىنىستىتۇتلىرىدا ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلىدۇ. «تەڭرىتاغ ستۇدېنتلار پەن - مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» نىڭ قارمىقىدا ئوقۇغۇچىلار سەنئەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، ھەر ھەپتىنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كۇلۇپلىرىدا مەدەنىيەت - سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلىدۇ. بۇ مەزگىللەردە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ مەزكۇر ئۇيۇشما نامىدىن كۆرسەتكەن سەنئەت نومۇرلىرى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىدۇ. دولقۇن ئەيسامۇ مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ سەنئەت پائالىيىتىدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا بېغىشلانغان بىر پەردىلىك درامىدا باش رول ئېلىپ، تاماشىبىنلارنىڭ كۈچلۈك ھېس - ھاياجانىنى قوزغايدۇ. ئۇلار تاللانغان سەنئەت نومۇرلىرىنى ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە قويۇپ زور زىلزىلە قوزغايدۇ. ھەتتا كېيىنچە ئالىي مەكتەپلەردىن ھالقىپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ مەركەزلەشكەن رايونىدىكى ئىتتىپاق تىياتىرىدا ئويۇن قويۇپ جەمئىيەتتىمۇ زور تەسىر پەيدا قىلىدۇ. يازلىق تەتىلدە «تەڭرىتاغ ستۇدېنتلار پەن - مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» ئۆز قارمىقىدا مەدەنىيەت - ماارىپ گۇرۇپپىسى ۋە سەنئەت گۇرۇپپىسى دېگەن ئىككى گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيىلىرىگە بېرىپ جەمئىيەت تەكشۈرۈش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەنئەنت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.
1980 - يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئۇنىۋېرسىتېت ھاياتى دولقۇن ئەيساغا ئوخشاش بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ قەلبىدە مىللەت ۋە ئانا تۇپراققا بولغان ھەقدارلىق تۇيغۇسىنى ئويغىتىدۇ. ئاشۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىكى مىللىي ئويغىنىش ۋە تەرەققىيات تەلەپلىرى بارغانسېرى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان قويۇق مىللىي كەيپىياتقا بولغان سەزگۈرلۈكىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. مىللىي ئويغىنىش ۋە مىللىي كەيپىيات ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىۋېرسىتېتلەردىكى كومپارتىيە ئورگانلىرى بىلەن خىتاي ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدۇ. بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەردىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى ۋە چەتكە قېقىش خاھىشلىرى بارغانېرى كۈچىيىپ بارىدۇ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى كەيپىياتى ئالاھىدە كۈچىيىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىر ياتاقتا تۇرماسلىق، ياتاق بىنالىرىنى ئايرىش قاتارلىق تەلەپنى ئوچۇق - ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. 1988 - يىلىنىڭ ياز ئايلىرىغا قەدەر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھاقارەت قىلىدىغان 100 پارچىدىن ئارتۇق چوڭ خەتلىك گېزىتلىرى مەخپىي ھالدا تاملارغا چاپلىنىدۇ. فىزىكا فاكۇلتېتى ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ھاجەتخانىسى ئىشىكىگە نامەلۇم خىتايلار تەرىپىدىن يېزىلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرلىرىنى قۇل، ئاياللىرىنى پاھىشە قىلىمىز! چوشقىلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھاجەتخانىغا كىرىشى بىردەك مەنئى قىلىنىدۇ.» دېگەن خىتايچە خەتلەر بايقىلىدۇ. بۇ ھادىسىلەر پۈتۈن ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتتىق غەزەپ - نەپرىتىنى قوزغايدۇ.
1988 - يىلى 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى دولقۇن ئەيسا قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى «تەڭرىتاغ ستۇدېنتلار پەن - مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» نامىدىن 200 دەك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى تەشكىللەپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ مەمۇرىيىتى ئالدىغا يىغىلىدۇ ھەمدە مەكتەپ مۇدىرى بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوللۇق تەلەپلىرى مەكتەپ رەھبەرلىكى تەرىپىدىن قوپاللىق بىلەن رەت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېرىم يىل ئىلگىرى «تەڭرىتاغ ستۇدېنتلار پەن - مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» نامىدىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە پارتىيە كومىتېتىغا يوللانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 13 تۈرلۈك تەلەپ ۋە دوكلادلارىغا قارىتا ھېچقانداق جاۋاب بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇيۇشما ھەيئىتى دولقۇن ئەيسانىڭ يېتەكچىلىكىدە دەرھال جىددىي يىغىن ئېچىپ، ئەتىسى يەنى 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى تەشكىللەشنى قارار قىلىدۇ. شۇ كۈنى كېچىسى ئوقۇغۇچىلار ئۇخلىماستىن نامايىش تەييارلىقىغا كىرىشىدۇ، شۇار - لوزۇنكىلار يېزىلىدۇ.
15 - ئىيۇن سەھەردە مەكتەپ مەمۇرىيىتى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئىتتىپاق كومىتېتى مەسئۇللىرى دولقۇن ئەيسانى چاقىرىدۇ ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنى دەرھال تارقىتىۋېتىشنى ئېيتىدۇ. ئەمما دولقۇن ئەيسا ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلار رەھبەرلىرى رەت قىلىدۇ. ئاخىرىدا ئامال قىلالمىغان مەكتەپ دائىرىلىرى ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن شۇ كۈنى دولقۇن ئەيسا قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار يېتەكچىلىرى بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دولقۇن ۋە ئەركىن قاتارلىق ئىككىيلەن ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كۆرىدىغانلىقىنى، ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر ۋاقىت نامايىش ئۈچۈن تەييارلىق ھالىتىدە تۇرىدىغانلىقىنى شەرت قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، شۇ كۈنى سەھەردە مەخسۇس بىر كىچىك ماشىنا دولقۇن بىلەن ئەركىننى ئېلىپ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتمۇ - قات پوستلار قويۇلغان خىزمەت بىناسىغا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ يەردە ئۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ماارىپقا مەسئۇل مۇئاۋىن سېكرېتارى جانابىل، مائارىپ نازارىتى، مالىيە نازارىتى، خەلق ئىشلار نازارىتى ھەمدە پىلان كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىرىنچى قول مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت باشلايدۇ. ئارىدىن ئىككى سائەت ئۆتمەيلا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىگە يىغىلىپ كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىشقا تەييارلانغانلىقى خەۋىرى كېلىدۇ. دولقۇن ئەيسا قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت تالاش - تارتىش، پوپوزا قىلىش، يۇمشاق ۋە قاتتىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشتەك تۈرلۈك كەيپىياتتا داۋاملىشىدۇ. دولقۇن ئەيسا قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوللۇق تەلەپلىرى ئورۇنلانمىغىچە، نامايىشتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئوچۇق بىلدۈرىدۇ.
(داۋامى بار)