بولۇپمۇ يېقىنقى 3 - 4 ئەسىردىن بېرى ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا چېكىنىپ كەتتى؟... دېگەندەك بىر قاتار سوئاللارنى سورىماي تۇرالمايمىز. ئەلۋەتتە، ھەر ئىشنىڭ ئۇبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ سەۋەبلىرى، ئىچكى - تاشقى ئامىللىرى بولغاندەك، بىزنىڭ بۇ ھالغا كېلىپ قېلىشىمىزنىڭمۇ ھەرخىل سەۋەبلىرى بار. مانا بۇ ماقالىدا بىزنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يۈز يىلدا نېمە ئۈچۈن بۇنداق خارابلىققا پېتىپ قالغانلىقىمىزنىڭ بەزى ئۇبيېكتىپ سەۋەبلىرى روشەن يورۇتۇپ بېرىلمەكتە.
1. سەۋەب: تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى - تېنچلىق بولمىغان
تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق بىلەلەيمىزكى، 1600 - يىلىدىن 2000 - يىلىغىچە بولغان 400 يىل ئۇيغۇر جەمئىيىتى پۈتۈنلەي ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قالغان، ھەممە يەرنى قان ھېدى پۇراپ تۇرىدىغان جەمئىيەتكە ئايلانغان. سەئىدىيە خانلىقى دەۋردىدە دىيارىمىزغا سىڭىپ كىرگەن سوپى - ئىشانلارنىڭ سەئىدىيە ھاكىمىيىتىگە كۆز تىكىپ، مەنپەئەت، ئەمەل - مەنسەپ سەۋداسىدا مەزھەبلەرگە بۆلۈنۈپ، خەلقىمىزنى «ئاق تاغلىق»، «قارا تاغلىق» گۇرۇھلىرىغا ئايرىدى. مەزھەب پېشىۋالىرى ھاكىمىيەتنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىش ئۈچۈن، دىيارىمىزغا ئۇزۇندىن بېرى كۆز تىكىپ تۇرغان ياۋۇز دۈشمەننى باشلاپ كىردى. نىھايەت 1680 - يىلىغا كەلگەندە، ھاكىميەت ئۇيغۇرلاردىن جوڭغارلارنىڭ قولىغا ئۆتتى، مەزھەبچى سوپىلار بولسا، جوڭغارلارنىڭ سادىق غالچىلىرىغا ئايلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ قورچاق ھاكىميىتىنى تىكلەشكە مۇيەسسەر بولدى. سوپىلارنىڭ جوڭغارلار ياردىمىدە تىكلەنگەن بۇ قورچاق ھاكىمىيىتى ئەمەلىيەتتە خەلقنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىپ بايلىق توپلاپ، ئۇنى خوجايىنلىرىغا سوۋغا قىلىپ، خەلقنى تېخىمۇ دەھشەتلىك ۋەيرانچىلىققا گىرىپتار قىلدى.
ئىككى مەزھەبكە بۆلۈنۈپ كەتكەن سوپىلار يۇرتىمىزدا قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغاندىن سىرت، ئۆزلىرىنىڭ سوپىستىك ئىدىيىسى بويىچە مەدەنىيەتنى قاتتىق تەقىپ قىلىپ، مەدەنىيەتنى خەلق تۇرمۇشىدىن ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىماقچى بولدى ۋە نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەت ئەرباپلىرىنى قىرغىن قىلىپ يوقاتتى. ھاكىمىيەت جوڭغارلار ۋە ئۇلارنىڭ ھامىيلىغىدىكى سوپىلارنىڭ قولىدىن مانجۇ - چىڭ ئىمپېرىيىسىگە ئۆتكەندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىرىك ھۆكۈمرانلىرى بىر تۈركۈم يەرلىك فېئوداللار بىلەن ئېغىز - بۇرۇن يالىشىپ، خەلققە ئېغىر زۇلۇملارنى سالدى. نەتىجىدە، پۇقرالار ئېغىر زۇلۇمغا قارشى كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ قىلغان بولسىمۇ، ئىنتايىن دەھشەتلىك باستۇرۇلدى. ھەر قېتىملىق قوزغىلاڭنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن، خەلقنىڭ يۇرت ماكانىنى تاشلاپ باشقا يۇرتلارغا كۆچىشى، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدا قىرغىن قىلىپ ئادەم قالمىغاندا جەنۇپتىن ئاھالە كۆچۈرۈشى شۇنىڭ تىپك مىسالىدۇر.
خەلقنىڭ قوزغىلاڭلىرى ھە دېگەندىلا مەغلۇپ بولۇپ تۇردى، سەۋەبى ئۇلارنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى شەكىللەنمىگەن، ھەم سىياسىي ھەم ئەسكىرىي جەھەتتىن تولۇق يېتىلگەن رەھبەرلەر ۋۇجۇدقا چىقمىغانىدى. ئازاتلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ نىشانى پەقەت زۇلۇمنى يوقۇتۇشلا بولغىنى ئۈچۈن، ئىنقىلاپتىن پۇرسەتپەرەس خوجىلارمۇ پايدىلىنىپ ئۆز ھاكىميىتىنى تىكلەشكە تىرىشتى، خوجىلارنىڭ توپىلاڭلىرىمۇ خەلقنىڭ تالاپەت تارتىشىغا سەۋپچى بولۇپ زىيانلارنىمۇ كەلتۈردى.
19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە، خەلق يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئازاتلىق ئۈچۈن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ خوتەن، قەشقەر، كۇچار ۋە غۇلجىلاردا ھاكىمىتىنى تىكلىدى، لېكىن ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلغۇدەك باشچىلار بولمىغانلىقتىن خوتەندە ھەبىبۇللا ھاجى، كۇچاردا راشىدىنخاندەك ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىن خەۋەرسىزلەر رەھبەرلىك قىلىپ، بۆلۈنمە ھالەتتە خانلىق قىلىشتى. ئۇلاردا ۋەتەن، خەلق، مىللەت ئېڭى بولمىغانلىقتىن بىرلىشىپ ھاكىميەت قۇرۇپ، خەلقچىل سىياسەت يۈرگۈزۈشكە قادىر بولالماي، ئاقىۋەت خەلقنىڭ غالىبىيەت مېۋىسىنى رەڭۋازلارنىڭ ھىلە - مىكرىگە تارتقۇزۇپ قويدى. ئىلى سۇلتانلىغى، ئۈرۈمچى - سانجى خۇيزۇ ھاكىمىيىتى، كۇچار راشىدىنخان خوجا ھاكىمىيىتى، خوتەن ھەبىبۇللا خوجا ھاكىمىيىتى ۋە قەشقەر بۇزرۇك خوجىنىڭ ئۆز ئارا ئىستىلا ئۇرۇشلىرى يۈز بەردى ۋە ياقۇپبەگ باشچىلىقىدىكى «بەدۆلەت يەتتە شەھەر ھاكىمىيىتى» قۇرۇلدى. 1878 - يىلى چىڭ سۇلالىسى ھەممىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ نىسپى ھالدىكى تېنچلىق ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزگىچە ئۇرۇش يەنىلا داۋام قىلىپ كەلدى. تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ باقساق، جۈملىدىن ئەينى ۋاقىتتا ئۇرۇشقا بىۋاستە قاتناشقان، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىغىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن تارىخچى ئالىمىمىز موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخى ھەمىدى»، «تارىخى ئەمىنىيە» كىتاپلىرىنى كۆرىدىغان بولساق، بۇ ھەقتە يېتەرلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولالايمىز.
دېمەك، بىزنىڭ تارىخىمىز بۇ خىل قىرغىنچىلىقلار بىلەن تولۇپ كەتكەن. قان ھېدى، ئادەم ئۇستىخانلىرى تارىم ۋادىسىنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىغان ئىدى. «ئۇيۇشقاق، يەڭگۈچى، ئەقىللىق» مەنالىرىغا ئىگە خاسىيەتلىك نامى بار ئۇيغۇر خەلقى بىر ئۇچۇم مەزھەپچى، بايلىقخۇمار، ھوقۇقپەرەست، ئۇرۇشپەرستلەر تەرىپىدىن ئۇرۇش قاينىمىغا مەجبۇرى سۆرەپ كىرىلدى. خەلق ئۆز ھاياتىغىمۇ كېپىللىك قىلالمايدىغان، ئەتىسىگىمۇ ئىشەنچ قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى. ئەشۇ بىر ئۇچۇم رەزىل شەخسلەر ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتى، پاراغەتلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن مىللەتنى، خەلقنى، ۋەتەننى، كەلگۈسىنى، ئەۋلاتلارنى پۈچەك پۇلغا سېتىۋەتتى، ئۇيغۇر دىيارى ھالاكەتكە يۈزلەندى.
يېقىنقى 400 يىللىق تارىخىمىزدا نۇرغۇن قوزغىلاڭ ھەم توپىلاڭلار بولدى، خەلقنىڭ غەلىبە قىلغان، مەغلۇپ بولغان دەۋىرلىرىمۇ بولدى، ئەمما كەڭ خەلق ئاممىسىغا ھىچبىر مەنپەئەت نېسىپ بولمىدى. چۈنكى خەلق ئىنتايىن تۆۋەن ئاڭ سەۋىيىدە بولغىنى ئۈچۈن پەقەت چىرىك، مۇستەبىت ھاكىميەتنى ئاغدۇرۇشنىلا مەقسەت قىلغان بولۇپ، كونكېرت نىشان بولمىغان، ئۇلادا مەخسۇس ھاكىميەتچىلىكنى چۈشەنگۈدەك سەۋىيە، سىياسى پروگرامما تۈزگۈدەك ئىقتىدار بولمىغانلىقتىن، غەلىبە مېۋىسى ھە دېگەندىلا بىر ئۇچۇم پەسكەشلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى ياكى شۇلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلدى.
ھەقىقەت شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردىكى، گەرچە خەلق قوزغىلىپ مۇستەبىت ھەم چىرىك ھاكىميەتنى ئاغدۇرۇشنى كۆزلىسىمۇ، ئۇلاردا ئەشۇ زۇلۇمنى يوقۇتۇشتىن ئۆزگە نىشان بولمىغان، ئۇلاردا بىرەر سىياسى پروگرامما تۈزۈلمىگەن ھەم بولىشىمۇ مۈمكىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى خەلقتە ئۇنچىلىك ئىقتىدار بولمىغان، ئۇلاردا بىرەر سىياسى نىشان، ئورتاق ئېتىقاد بولمىغىنى ئۈچۈن، قان تۆكۈپ ئىنقىلاپ قىلسىمۇ، بىرلىشەلمەستىن بۆلۈنۈپ ياشاپ چىلبۆرىلەرگە يەم بولغان. ئۇلارنىڭ قىسقا ھاكىميەتلىرى، قوزغىلاڭلىرى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن خەلق يەنىمۇ قاتتىق دىشۋارچىلىققا دۇچار بولغان، جۈملىدىن يۇرت - ماكانىنى تاشلاپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان.
2. سەۋەب: ئىسلامىيەتتىن چەتنىگەن سوپىستىك جاھالەتنىڭ ۋەيرانچىلىقى
قازاق ئالىمى چوقان ۋەلىخانوپنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى سوپىلارنىڭ ئىككى گۇرۇھىغا بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، قەشقەر، ئاقسۇ، كۇچارلاردا ئاقتاغلىقلار مەزھىبىدىكى ئاھالە كۆپ بولسا، يېڭىسار، يەركەن، خوتەنلەردە قاراتاغلىق خوجىلارغا مۇرت بولغان ئاھالىلەر كۆپ بولغان. ئۇلار ھەر بىر شەھەر - يۇرتلاردىمۇ مۇرتلىرى ئارقىلىق خەلقنى پارچىلىغان بولۇپ، ئۆز - ئارا ئالاقىمۇ قىلمايدىغان بولغان.
«تەزكىرەئى ھىدايەت» قاتارلىق ئەسەرلەردىنمۇ سوپىلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئىسلام دىنىغا مۇخالىپ ۋە كۇپرىلىق قىلغان ھالدا ئۆزلىرىنى ئاللاھ بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ تەرغىپ قىلغانلىغىنى بىلىۋالالايمىز. ئۆزلىرىنى ئاللاھ بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغان بۇ سوپىلار نېمىنى تەرغىپ قىلىدۇ؟ دوتسېنت ئىبراھىم نىياز بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«سوپىزىمنىڭ تۈپ غايىسى ئىنسانلارنى تەركى دۇنيالىققا باشلاپ، رېئال دۇنيادىن، ئىجتىمائى تۇرمۇشتىن يۈز ئۆرۈپ، خىيالى دۇنيادا كۆرىدىغان «راھەت» نىڭ غېمىنى قىلىشقا چاقىرىشتىن ئىبارەت. ئۆزلىرىنى دىنى ئىسلامغا بېغىشلىغان خۇدانىڭ ئاتالمىش ئاشىقلىرى ئىسلام ئەقىدىلىرىگە مۇخالىپ بولغان قىلمىش - ئەتمىشلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى «سەئىد - مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى» دېيىشىپ، ئۆزلىرىگە ئەقىدە قىلغان، سابدىل مۇسۇلمان خەلقىمىزنى ئالدىدى. خەلقنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولغان ئەقىدىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى تەركى دۇنيالىققا باشلاپ، ئۆزلىرىگە ئىخلاس قىلغۇچىلارنى «جەننەت»كە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ، خەلقنى ئۆزلىرىگە مايىل قىلىشتى. بۇ دۇنيانىڭ ياخشىلىقىغا مۇيەسسەر بولالمىغان خەلقىمىز ئۇ دۇنيادا جەننەتتە بولسىمۇ راھەت كۆرۈشنى، ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ ئادەمدەك ياشاشنى ئىستىدى، شۇڭا خوجىلارغا ئىشىنىپ، ئۇلارغا مۇرت بولدى.
خوجا - ئىشانلار ئۆزلىرىنى ھەق كۆرسىتىش ئۈچۈن دەپ ساختا كارامەتلىرىنى ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ، ھەرخىل ھىيلە - مىكىرلەرنى قوللىنىپ خەلقنى ئالداپ، ئۇلارنىڭ ئەقىدە - ئىشەنچىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، خەلقىمىزنىڭ ماددى - مەنىۋى دۇنياسىغا ھۇجۇم قىلدى. نەتىجىدە ئۇلار بارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۇرۇپ چاقتى، بۇزدى، ئوت قويدى، ۋەيران قىلدى. مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇپ، مەدەنىيەت سورۇنلىرىنى سوپىلىق پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئايلاندۇردى. خەلقنىڭ مەدەنىيەت سورۇنلىرى - مەكتەپ، مەدرىس، كۈتۈپخانىلار سوپىلارنىڭ ئاياغ ئاستىدا ۋەيران بولدى. مىللىي مەدەنىيەتنى چەكلەپ، ئاۋامنى مەدەنىي پائالىيەتتىن ۋاز كېچىشكە قىستىدى. كىمىكى سوپىلار بىلەن قارشىلاشسا، خۇددى خوجا جاھان ئەرشى، بابا رەھىم مەشرەپ ۋە مىرزا شاھ مەھمۇت جوراس كەبى قەستكە ئۇچراپ پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ھەقتە«جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا» ناملىق ئەسەردە يېزىلغاندەك: «ئاپپاق خوجا ۋە ئاپپاق خوجىچىلار زامانىدا قەشقەرىيەدە مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىلىم - پەن، ئەدەبىيات - سەنئەت، مۇزىكا، ناخشا، ئۇسۇل، گۈزەل - سەنئەت، تىياتىر، سېرىكچىلىك، تىبابەتچىلىك، مەتبەچىلىك، تەرجىمە، خەتتاتلىق... قاتارلىق بارلىق ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى قەتئى مەنئى قىلىۋېتىلگەن. بۇنداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار «كاپىر»، «جادۇگەر»، «مۇرتەد» لەر ھېسابلىنىپ، جازاغا تارتىلىپ تۇرغان، ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ھەتتا خەت يېزىشنى ئۆگىنىش، ساز چېلىش، ياساش، مەشرەپ ئويناش، ئويۇن - كۈلكە قاتارلىق ئادەتتىكى ئىجتىمائى ئىنسانچىلىق خىسلەتلىرىمۇ قەتئى مەنئى قىلىۋېتىلگەن. پۈتۈن جەمئىيەتتە قۇرئان ۋە ھەپتىيەكتىن باشقا بارلىق يېزىلما ئەسەرلەر، بولۇپمۇ مىللى ئەسەرلەر، خاتىرە، نەمۇنىلەر، كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، يوق قىلىپ تاشلانغان. ئىلىم - مەرىپەت ئورۇنلىرى بۇزۇۋېتىلگەن، چەكلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئورنىغا زىكرى سۆھبەت خانىقالىرى، گۈلاخ، سازايى ھەمىدانلار (توۋا قىلدۇرۇش ئورۇنلىرى)، خوجا، ئىشانلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرى، ئەمەلدار بىنالىرى دەسسىتىلگەن».
«تەزكىرەئى ئەزىزان» قاتارلىق ئەسەرلەردىن مەلۇمكى «ئاق تاغلىق»، «قارا تاغلىق» خوجىلارنىڭ دەسلەپكى باشچىلىرى بىر تۇغقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا نوپۇز تىكلەش ئۈچۈن كۆز قاراشلىرىدا ماھىيەتلىك پەرق بولمىسىمۇ، خەلقنى ئىككىگە بۆلۈپ مەزھەپچىلىك قىلغان. ئۇلار ئۆز - ئارا نىزاھ قىلىشىپ، خەلقنى ئۇرۇش جېدەلگە سېلىپ قان تۆكۈپ، ئورنىنى مەڭگۈ تولدۇرۇپ بولغۇسىز تارىخى جىنايەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى. پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنى جاھالەت قاپلاپ، خەلق قاراڭغۇلۇق دۇنياسىغا غەرق بولدى. دېمەك، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى قىسمەتلىك پاجىئەلەرگە، يامان كۈنلەرگە قېلىشىدىغا مەزھەبچى سوپىلارنىڭ ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز جىنايى قىلمىشلىرى سەۋەبكار بولغان.
داۋامى بار.
0:00 / 0:00