«بىز مەدەنىيەتتە نېمە ئۈچۈن چېكىنىپ كەتتۇق؟» (2)
2012.12.08
ھاكىميەت بېشىدا ئولتۇرغان ھەرقانداق ھۆكۈمران ئۆز ھاكىمىيىتىنى قول ئاستىدىكى ئەمىر - ئەكابىرلىرى ئارقىلىق يۈرگۈزىدۇ، ھۆكۈمران قانچە چىرىك، خىيانەتچى ۋە پارىخور بولسا، قول ئاستىدىكىلەرمۇ شۇنچە چىرىك، پارىخور ۋە خىيانەتچى بولىدۇ. تارىخىمىزنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق، ئەنە شۇنداق چىرىك، پارىخور، خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ كۆپ ئۆتكىنىنى بىلەلەيمىز. (بۇ ئەھۋال تارىخمىزدىلا ئەمەس، ھازىرقى كۈنىمىزدىمۇ ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەردىن بىرى ھېسابلانماقتا - تەھرىر) ھۆكۈمران ۋە قولچوماقلىرىنىڭ چىرىكلىكى، پارىخورلىقى تۈپەيلىدىن خەلق ئۈستىدىكى باج - سېلىق كۆپىيىپ كەتكەن، خەلق قاتمۇ قات زۇلۇم دەستىدىن ياشاشقىمۇ ئامالسىز قالغان. بىر تەرەپتىن خان ۋە ئۇنىڭ ئامبال، دوتەيلىرى زۇلۇم قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، نائىنساپ بەگلەر، خوجىلار، شەرىئەتنى دەستەك قىلىۋالغان موللىلار ھەرخىل ئالۋاڭ - ياساق، باج - سېلىق، شەرىئەتتە بەلگىلەنگەندىن ئارتۇق ئۆشرە - زاكات، پىترە يىغىپ زۇلۇم سالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ سادىق قۇل غالچىلىرى بەگلەر بولسا، باج ۋە سېلىقنى ھەسسىلەپ يىغىپ ئۆزىنى بېيىتىش بىلەن بىرگە ئامبال، دوتەيلەرگە سوغا - سالام، پارا بېرىپ تېخىمۇ چوڭ ئىمتىيازلار ئۈچۈن (توغرىسى خەلقنىڭ قېنىنى تېخىمۇ بەك شوراش ئۈچۈن) ھەرىكەت قىلدى، خەلق قاڭغىر قاخشاپ جان تەسلىم قىلىۋاتسا، ئامبال، دوتەي، بەگ - غوجاملار ئۆزلىرىنىڭ پاراغەتلىك تۇرمۇشىنىڭ پەيزىنى سۈردى، نەتىجىدە زۇلۇمغا چىدىمىغان خەلق نۇرغۇن قېتىملىق قوزغىلاڭ قىلىپ، مۇستەبىت، چىرىك ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرماقچى بولدى.
مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىخ، ئەينى دەۋردىكى رېئاللىق. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى دەۋرى ۋە باشقا دەۋرلەردە بولسۇن، ھۆكۈمرانلارنىڭ ئېغىر زۇلۇملىرى خەلقنى پۈتۈنلەي ھالىدىن كەتكۈزىۋەتكەن. مۇشۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا تېنچلىقنىڭ بولماسلىقى، سوپىزمنىڭ بېسىمى، ئىقتىسادى قىيىنچىلىق خەلقنى ئۆزىنىڭ مەدىنىي مائارىپ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلەلمەيدىغان قىلىپ قويغان. خەلق ماددى، مەنىۋى بايلىقلىرىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولغان. «پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا» دەيدۇ ئۇيغۇر دانالىرى، دەرھەقىقەت پۇل بولمىسا ھېچ ئىش ئاقمايدۇ، پۇل دېمەك ئىقتىساد، كاپىتال، مەبلەغ دېمەكتۇر. يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، ئۇرۇش ۋە دەھشەتلىك ئېزىشلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىگىلىكىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغان بولۇپ، سوپىزمنىڭ تەركى دۇنياچىلىق تەشەببۇسى بۇ ۋەيرانچىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. مەيلى جوڭغارلار بولسۇن ياكى چىڭ سۇلالىسى بولسۇن، خەلقنىڭ مەدەنىيەت مائارىپ ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىشى، قوللىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى خەلق پەن - مائارىپ ئارقىلىقلا ھاياتلىق يولىنى، باراۋەرلىكنى، ھەتتا ئۇلارنى ئاغدۇرۇپ، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش يولىنى تاپالايتتى، ھۆكۈمرانلار ئۇيغۇرلارنى ئاداققى ئۆز ھۆكۈمىدە تۇتۇشنى مەقسەت قىلىدىغان تۇرسا، بۇنى قانداقمۇ خالىسۇن؟ ئۆز - ئۆزىنى تونىغان، مىللەتپەرۋەرلىكى ۋۇجۇتقا كەلگەن مىللەتلا مەڭگۈ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتلەندۈرەلەيدۇ، بۇنى پەقەت ھەقىقى پەن - مائارىپلا ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. شۇڭا بۈيۈك مۇتەپپەككۈر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىلىم بىلەن كۆككە چىققىلى بولىدىغانلىقى، قۇلنىڭ قۇللۇقتىن خالاس بولالايدىغانلىقىنى مۇندىن مىڭ يىل مۇقەددەم بىزگە جاكارلىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى غالچىسى ياڭ زېڭشىننىڭ خەلقنى مەڭگۈ نادانلىق كىشەنىدە كىشەنلەپ تۇرۇش ئۈچۈن پەن مائارىپنى قاتتىق چەكلەپ، خۇراپى موللىلارنى سېتىۋېلىپ خەلقنى ئىدارە قىلغانلىقى بۇنىڭ پاكىتى ئەمەسمۇ؟
20 - ئەسىردىن ئىلگىرى ئەرشى، فۇتۇھى، موللا مۇھەممەت سادىق قەشقىرى، زوھۇرى، موللا يۇنۇس يەركەندى، غېرىبى، نىزارى، كاتىبى، موللا مۇھەممەت تۆمۈرى، نازىمى، تەجەللى... گە ئوخشاش مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بىر تۈركۈم مەدەنىيەت ئەرباپلىرى يېتىشىپ چىققان، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىدا مەلۇم ئىقتىسادى ئارقا تېرىگى بار ئىدى. بولۇپمۇ 20 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى مەدەنىيەت ئەرباپلىرىمىزدىن ئابدۇقادىر داموللا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، موللا مۇھەممەت ئوغۇز ھەمرا، ئىمىنجان باھاۋىددىن... قاتارلىق بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك كىشىلەر ئىقتىسادى جەھەتتىن ئازراق بولسىمۇ ئاساسى بولغاچقىلا چەتئەلگە چىقىپ ياكى ئۆلكە مەركىزىگە بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلالىغان، مەكتەپ ئېچىپ ئىلىم تارقىتالىغان. ئىقتىساد يەنى پۇل بولمىغانلىقتىن نۇرغۇن ئەقىللىق پەرزەنتلەر خۇددى موللا توختى يازغاندەك ئۇقۇشتىن قېلىشقا مەجبۇر بولغان. ئىقتىساد بولمىسا قۇرۇلۇش قىلغىلى بولمىغىنىغا ئوخشاش مەكتەپ - مەدرىسلەرنى سېلىپ، ئىلىم مەرىپەت تارقىتىش مۈمكىن بولمايدۇ، خەلقمۇ نادان قېلىپ مەڭگۈ "ماڭقۇرت" بولۇپ قالىدۇ.
4. سەۋەب: سىرتقى دۇنيا بىلەن ئالاقە ئازىيىپ بېكىنمىچىلىك كۈچەيگەن
خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەرەققىياتتا بۇنچىلىك قالاق ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى خەلقئارا مۇھىت بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇر دېڭىزچىسى يىغمىشنىڭ غەربكە بارىدىغان دېڭىز يولىنى ئېچىشى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خۇيزۇ دېڭىزچىسى جېڭ خېنىڭ دېڭىز قاتنىشىنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈرىشى بىلەن شەرق - غەرب ئالاقىسى قۇرۇقلۇقتىن كۆرە دېڭىز يولىغا كۆچتى. چۈنكى كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپ مەركىزىي ئاسىيادا بىر - بىرىگە قارشى بىرمۇنچە ئۇششاق فېئودال خانلىقلار بارلىققا كەلدى. نەتىجىدە يىپەك يولىدىن ئىبارەت بۇ شەرق - غەرب مەدەنىيەت، ئىقتىساد - سودا لېنىيىسى تېنچ بولمىغانلىقتىن ئاستا - ئاستا ئۆز رولىنى يۇقۇتۇپ بارىدۇ. بۇ ھەقتە سابىق سوۋېتلىك مۇئەللىپلەر گافىروف بىلەن مىروشىنكوۋلار مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«يىپەك يولىنىڭ توسۇلىشى ھەمدە ياۋرۇپالىقلارنىڭ ھىندىستان ۋە خىتايغا بارىدىغان دېڭىز يولىنى ئېچىپ، ئۇنى ئىگەللىۋېلىشى سەۋەبىدىن مەركىزى ئاسىيانىڭ دۇنيا بىلەن بولغان سودا قاتناش ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. غەرب بىلەن شەرقنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يولى ئۆزگىرىپ، مەركىزى ئاسىيانى جەنۇب ۋە شىمال تەرەپتىن ئەگىپ ئۆتىدىغان بولدى. مەركىزى ئاسىيادا يەرلىك فېئودال ھۆكۈمرانلىق كۈچەيگەنلىكتىن، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتتە ناھايىتى تېز خاراپلىشىشقا قاراپ ماڭدى».
ئامېرىكىلىق ئاتاقلىق تارىخشۇناس ستاۋرىئانۇس ئەپەندى دۇنيا تارىخىدىن يەكۈن چىقىرىپ، «دۇنيانىڭ ئومۇمىي تارىخى» ناملىق كىتابىدا: "دۇنيا تارىخى ئىسپاتلىدىكى، بىر ئىجتىمائى گۇرۇھنىڭ مەدەنىيەتتە تەرەققى قىلىشىنى ئۇنىڭ قوشنىلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلالىغان ياكى قىلالمىغانلىغى بەلگىلەيدۇ. بىر ئىجتىمائى گۇرۇھ ئېرىشكەن ھەر خىل كەشپىياتلارنى باشقا ئىجتىمائى گۇرۇھلارغا تارقىتىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بېرىش - كېلىش قانچە كۆپەيسە، ئۆز ئارا ئۆگىنىش پۇرسىتىمۇ كۆپىيىدۇ. ئومۇمەن، مەدەنىيەتتە ئەڭ ئىپتىدائى ھالەتتىكى قەبىلىلەرمۇ ئۇزاق جەرياندا بېكىك ياشىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار قوشنا قەبىلىلەرنىڭ مەدەنىيەت مۇۋەپپىقىيەتلىدىن پايدىغا ئېرىشەلمىگەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، باشقا جۇغراپىيىلىك ئامىللارغا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچ - مىللەتلەر ئارىسىدىكى يېقىنلىشىشقا باغلىق. باشقا مىللەتلەر بىلەن ئۆز ئارا تەسىر كۆرسەتكەن ئەشۇ مىللەتلەرنىڭ غايەت تەرەققىياتلارغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتى ئىنتايىن زور. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ دۇچ كېلىدىغىنى تەرەققىيات پۇرسىتى بولۇپلا قالماستىن، يەنە شاللىنىش بېسىمىدۇر. ناۋادا ئۆز ئارا تەسىر پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ تەرەققى قىلمىسا، چوقۇملا ئاسىمىلاتسىيە بولىدۇ ياكى يۇقۇلۇش خىرىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەكسىچە بېكىك ھالەتتە ياشىغان مىللەت سىرتتىن كېلىدىغان ئېنرتسىيىگە ئېرىشەلمىسە، يەنى خەۋپ - خەتەر بولمىسا، شاللىنىش بېسىمى ئۇلار ئۈچۈن مەۋجۇت بولمىسا، ئۇلار ئەسلىدىكى ھالىتى بويىچە نەچچە مىڭ يىل ياشايدۇ".
مەركىزىي ئاسىيادا ياشىغان ئۇيغۇر خەلقىمۇ يۇقىرىقى قانۇنىيەتنىڭ سىرتىدا ئەمەس.
بۇ چاغدا ۋەتىنىمىزدىلا ئەمەس، مەركىزىي ئاسىيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئەھۋالمۇ بۇنىڭغا ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، مۇسۇلمان شەرق دۇنياسى خاراپلىشىشقا يۈزلىنىپ، بۇرۇنقى مەدەنى گۈللىنىش پۈتۈنلەي تۈگەشكەن، بۇرۇنقى ئىلىم - پەن گۈللىنىشى ئاخىرلىشىپ، خۇراپىيلىق ۋە مەزھەبچىلىك كۈچىيىپ تەپرىقى ھاكىميەتلەر كۆپەيگەن، ئۆز ئارا نىزالار كۆپىيىپ، ئىگىلىك ۋە خەلق تۇرمۇشى خاراپلاشقان. ياۋروپادا بولسا، ئەھۋال بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئىسلاھات، رىقابەت جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، تەبىئى پەن، ئىجتىمائى پەنلەردە ۋە سانائەتتە يېڭى بۆسۈش بولۇۋاتقان ۋە سانائەت، يېزا ئىگىلىگى تەرەققى قىلىپ ماشىنىلىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇچقاندەك تەرەققى قىلغان ئىدى. بىز بۇلاردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ھالدا " قۇدۇقنىڭ تېگىدىكى پاقىدەك" ئاسمان مۇشۇ دەپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇق. نەتىجىدە ئىنسانلار تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى«ئۇچار گىلەم»، «ياغاچ ئات» تا ئەكس ئەتكەن ھاۋا قاتناش ئارزۇلىرىمۇ شۇ بويىچە چۆچەك بولۇپ قېلىۋەردى.
داۋامى بار.