«ئۇيغۇر مائارىپىدا مىللىي كىملىك تەربىيىسىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشى» ناملىق ماقالە ۋە چەكلەنگەن ئەسەرلەر

ئەسسالامۇئەلەيكۇم «يورۇق ساھىللار» سەھىپىسىنىڭ قەلبداش دوستلىرى! ياخشىمۇسىلەر؟ يورۇق ساھىللار سەھىپىسىنىڭ بۇ ھەپتىلىك يېڭى پروگراممىسىغا خۇش كەلدىڭلار.

0:00 / 0:00

بۈگۈنمۇ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تەھلىل قىلىنغان نادىر ئەسەرلەرنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

«ئۇيغۇر مائارىپىدا مىللىي كىملىك تەربىيىسىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشى» ناملىق ماقالىدە «ئۇيغۇر مائارىپىدا مىللىي كىملىك تەربىيىسىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشى ھەر بىر مىللەتسۆيەر ۋىجدان ئىگىسىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا» دېگەن پىكىر ئىلگىرى سۈرۈلگەن.