ئۇيغۇر مائارىپىدا مىللىي كىملىك تەربىيىسىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشى

1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلىپ ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلغان ياپونىيىلىك كوجىما ياسۇتاكا ئەپەندى بىر قېتىملىق ئوقۇش مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىدىن مۇنداق بىرقانچە سوئال سورايدۇ:
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2012-10-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
1930-يىللاردا قەشقەردىكى شىۋېت باسمىخانىسى نەشر قىلغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ «ئېلىپبە» كىتابى.
1930-يىللاردا قەشقەردىكى شىۋېت باسمىخانىسى نەشر قىلغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ «ئېلىپبە» كىتابى.
RFA/Qutlan

--- قىزىل مىڭ ئۆيلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قايسى ناھىيىسىگە جايلاشقان؟ ئۇنىڭ خەرىتىدىكى ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك ئورنى قانچە؟

--- تارىم دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى قانچىلىك؟ ئۇ قەيەردىن باشلىنىپ قەيەردە ئاخىرلىشىدۇ؟

--- ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت نەزەرىيىسىدىكى «تۆت تادۇ»، «تۆت مىزاج» ۋە «تۆت خىلىت» قايسىلار؟

ئەپسۇسكى، مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن بۇ سوئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلەيدىغانلار چىقمايدۇ. كوجىما ياسۇتاكا ئەپەندىم شۇ قېتىملىق مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە بىر مىللەت مائارىپىنىڭ ئالدى بىلەن شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىنى تونۇشتىن باشلىنىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئۆز يۇرتى ۋە كىملىكىنى تونۇشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.

قەشقەردىكى شىۋېت باسمىخانىسى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن نەشر قىلغان ئانا تىلدا خەت-مەكتۇپ يېزىش قوللانمىسى (1920-يىللار)
قەشقەردىكى شىۋېت باسمىخانىسى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن نەشر قىلغان ئانا تىلدا خەت-مەكتۇپ يېزىش قوللانمىسى (1920-يىللار) RFA/Qutlan

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تاتارلار ۋەتىنى بىلەن ئورتا ئاسىيادا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ئۇسۇلى-جەدىد مائارىپى بالدۇر ئويغانغان بىر تۈركۈم مىللەت سەرخىللىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. يېڭى مائارىپ ئارقىلىق مىللەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تونۇشى ھەمدە قۇدرەت تاپتۇرۇشى جەددىچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەشەببۇسلىرىدىن بىرى ئىدى.

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ۋەتىنىدە مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان ئۇسۇلى-جەدىد مائارىپى قەشقەر، يېڭىسار ۋە يەركەن قاتارلىق جايلاردا شىۋېت مىسسىئونېرلىرى تەرىپىدىن ئېچىلغان ياۋروپاچە دىنىي مەكتەپلەرنىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىدۇ. شىۋېتلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن جەدىدچىلەر تەشەببۇس قىلىۋاتقان مائارىپتىكى مىللىي كىملىك مەزمۇنلىرىنى ئۆزلىرى ئاچقان مەكتەپلەرنىڭمۇ دەرس پروگراممىسىغا كىرگۈزىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا شىۋېتلار ئاچقان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىغا قارايدىغان بولساق، ياۋروپاچە دەرسلىك پروگراممىلىرىدىن باشقا، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يەنە «ئانا تىل»، «ئورتا ئاسىيا تارىخى»، «يۇرت جۇغراپىيىسى»، «ئانا تىلدا خەت-چەك يېزىش مەشىقى» قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلىپ ئۆتكەنلىكىنى بايقايمىز. «ئانا تىل» دەرسلىكىگە تاللانغان تېكىستلەر قويۇق مىللىي ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەمدە مىللىي ئەخلاق مىزانلىرىغا دائىر بىلىملەرنى ئۆگىتىشنىمۇ مەقسەت قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا شىۋېتلارنىڭ قەشقەر ۋە يەكەنلەردە تەسىس قىلغان مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ تاپشۇرۇق ۋە ئىمتىھان قەغەزلىرى ھازىر ستوكھولمدىكى شىۋېتسىيە چېركاۋىنىڭ ئارخىپخانىسىدا ساقلانماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئىلمىي جۇغراپىيە» دەرسىدە سىزغان خەرىتىلىرى دىققەتكە ئالاھىدە سازاۋەردۇر. 9 ياشتىن 14ياش ئارىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ياۋروپادىكى ئەنگلىيە، فىرانسىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خەرىتىلىرىنى قولدا سىزىپ چىققاندىن باشقا ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى مەمۇرىي خەرىتىسىنى خېلى يۇقىرى سەۋىيىدە سىزىپ چىققان.

ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن دەرسلىك قىلىنغان «ئورتا ئاسىيا تارىخى» ناملىق كىتاب ئورتا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ قەدىمدىن تاكى 1930-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخىي ئەھۋالىدىن سىستېمىلىق مەلۇمات بەرگەن. شۇ مەزگىلدە يەنە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئانا تىلدا تۈرلۈك مەزمۇنلاردىكى خەت-مەكتۇپلارنى يېزىش دەرسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن يېزىلغان تۈرلۈك خەتلەر ئۇيغۇر مەكتۇبچىلىق ئەنئەنىسىنىڭ گۈزەل ئۇسلۇبىنى نامايان قىلغان. بۇنىڭدىن جىددىي شەكىللىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مىللەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تونۇشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

ئەپسۇسكى، 1950-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر مائارىپى قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا ئۆزىنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇشقا باشلىدى. بىر مەزگىللىك «سوۋېت مائارىپ ئەندىزىسى» دىن كېيىن 1960-يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە «خىتاي مائارىپ ئەندىزىسى» كەڭ كۆلەمدە تەرغىب قىلىندى. ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىك قۇرۇلمىسىدا زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، قايسى يۆلىنىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىش مەسىلىسىدە قايمۇقۇش كۆرۈلدى. خىتايچە پىنيىن ئاساسىدىكى يېڭى يېزىقنىڭ مەجبۇرىي تېڭىلىشى ھەمدە ئۇيغۇرچە دەرسلىكلەردە خىتايچە سۆز-ئاتالغۇلارنىڭ سەلدەك يامراپ كېتىشى ئۇيغۇر مائارىپىغا ئېغىر قالايمىقانچىلىق ئېلىپ كەلدى. بولۇپمۇ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئەسەبىي كوممۇنىست ئىدىيە بىلەن خىتاي شوۋىنىزمىنىڭ كەك كۆلەملىك تەشۋىق قىلىنىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مائارىپ سىستېمىسىدىن مىللىي ئەنئەنە بىلەن مىللىي كىملىك تەربىيىسى سىقىپ چىقىرىلدى. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «تىل-ئەدەبىيات» دەرسلىكى دوڭ سۇڭرۈي، ليۇ خۇلەن، لېي فېڭ دېگەندەك خىتاي قەھرىمانلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان تېكىستلەر بىلەن تولۇپ كەتتى. «تارىخ» دەرسلىكلىرى كۇڭزى، مېڭزى زامانىدىن تارتىپ ماۋ زېدۇڭ دەۋرىگىچە بولغان خىتاي تارىخىنى بايان قىلدىكى، ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە بىر بەتمۇ ئۇچۇر بېرەلمىدى. «جۇغراپىيە» دەرسلىكىدە چاڭجياڭ ۋە خۇاڭخې دەريالىرى ھەققىدە ئەڭ ئىنچىكە ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تارىم دەرياسى بىلەن تەكلىماكان جۇغراپىيىسى ھەققىدە ھېچنېمە بىلمىدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر مائارىپى ئۆزىنىڭ مىللىي روھى ۋە قېنىدىن بارغانسېرى ئايرىلىپ قالدى.

1980-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلانغان خىتاينىڭ ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش دولقۇنىدا ئۇيغۇر مائارىپى گەرچە ئۆزىنىڭ مىللىي روھى ۋە مەزمۇنىنى تېپىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشقانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە بۇ خىل ئۇرۇنۇشمۇ سىياسىي زەربىگە ئۇچرىدى. 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ، «قوش تىللىق» مائارىپ نامىدا «يەك تىللاشتۇرۇش» قا قاراپ يۈزلەندۈرۈلگەن ئۇيغۇر مائارىپى تارىختىكى ئەڭ قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلدى. ئۇيغۇر مائارىپى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا مىللىي كىملىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتىكى مەجبۇرىيىتىدىن ئايرىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە  ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي ئىمكانىيىتىدىنمۇ ئايرىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.

قەدىرلىك ئاڭلارمەن دوستلار! ئۇيغۇر مائارىپىدا مىللىي كىملىك تەربىيىسىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشى ھەر بىر مىللەتسۆيەر ۋىجدان ئىگىسىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت