ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار! بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ئالدى بىلەن مەشھۇر دىنىي ئۆلىما، ۋەتەن مۇستەقىللىقى ئۈچۈن باسقۇنچى مەنچىڭ لەشكەرلىرىگە قارشى قان كېچىپ جەڭ قىلغان مۇجاھىد، يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ يېزىپ چىققان «تارىخى ئەمىنىيە» ۋە «تارىخى ھەمىدى» ناملىق كىتابلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ 19 - ئەسىردىكى قاراڭغۇ تارىخىنى، بولۇپمۇ ياقۇب بەگ بەدۆلەت ۋە ئۇ پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا روياپقا چىقارغان «قەشقەرىيە دۆلىتى» نىڭ قۇرۇلۇش ۋە يىقىلىش جەريانىدىكى بارلىق ۋەقەلەرنى يارقىن يورۇتۇپ بەرگەن ۋە بۇ ھەقتە ئىزدەنگۈچىلەر ئۈچۈن مەشئەل يېقىپ بەرگەن تارىخچى، شائىر موللا مۇسا سايرامى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

بۇنىڭدا ئالدى بىلەن موللا مۇسا سايرامى ھەققىدە تەييارلانغان قىسقىچە تەرجىمىھال، ئاندىن موللا مۇسا سايرامىنىڭ بىر پارچە مەسنەۋىسىدىن بەھر ئالىسىلەر. ئاخىرىدا «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر.