موللا يۇنۇس ياركەندى ۋە چەكلەنگەن ئەسەرلەر

«ئانىلار بايرىمى» غا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزانە مېھنەتكەش ئانىلار! 13 – ماي «ئانىلار بايرىمى» ڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، باسقان قەدىمىڭلار گۈل – چىمەنگە تولسۇن! ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! بۇ ھەپتىلىك «يورۇق ساھىللار» پروگراممىسىدا سىلەر بىلەن قايتا دىدارلاشقانلىقىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشالمىز. بۈگۈنكى پروگراممىمىزنى «13 – ماي» (يەكشەنبە كۈنى) كېلىدىغان ئانىلار بايرىمىغا بېغىشلىدۇق، پروگراممىلىرىمىزنى ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىڭلارغا تىلەكداشمىز.



پەرزەنت ئۈچۈن ئوت بولۇپ يانغان، مېھرى ئاتەش يالقۇنلۇق گۈلخان، ئوتىدا كۆيۈپ سۈيىدە ئاققان، مېھنەتكەش ئانىلارنى ئەسلەپ قويايلى!

يىللار ئۆتتى چاچلىرىدا ئاق، يۈزلەر قورۇق قوللىرى قاداق، پەرزەنت ئۈچۈن يۈرەك يەنە ساق، شۇ دىلكەش ئانىلارنى ئەسلەپ قويايلى!

خارلىنىپ قالمىسۇن ئۇلۇغ ئانىلار، زارلىنىپ ئۆتمىسۇن ئايلار ۋە يىللار، پەرزەنت مېھرىدىن سۆيۈنسۇن دىللار، شۇ ئۇلۇغ ئانىلارنى ئەسلەپ قويايلى!

شۇنداق، قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار! ئانىلىرىمىز بىزنىڭ بىباھا گۆھىرىمىز، مېھىر - مۇھەببەت كانىمىز. ئۇلارسىز دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئانىلىرىمىزنى قەدىرلەش، ئۇلارنى رازى قىلىشنى بىز پەرزەنتلەرنىڭ ئىككى دۇنيالىق بۇرچى دەپ بىلىشىمىز لازىم. شۇڭا بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ئالدى بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ داڭلىق شائىرى بەختىيار ۋاھاب زادەنىڭ «ئانام» دېگەن شېئىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. ئاندىن 18 - ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ۋە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىغا مۇھىم ئاساس سالغۇچىلاردىن بىرى، شەرق ئەللىرىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇھەببەت ئابىدىسى بولغان «يۈسۈپ - زىلەيخا» داستانىنىڭ ئاپتورى موللا يۇنۇس يەركەندىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. ئاخىرىدا، «چەكلەنگەن ئەسەرلەر» سەھىپىمىز بويىچە بېرىپ كېلىۋاتقان «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر.

موللا يۇنۇس ياركەندى


باتۇر تەييارلىدى
موللا يۇنۇس ياركەندى 18 - ئەسىردە ياشىغان شائىرلاردىن بىرى. ئۇنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتى ھەققىدە مەلۇماتلار كەم بولۇپ، ئەسەرلىرىدىن بىزگە پەقەت بىرلا: «يۈسۈپ - زىلەيخا» داستانى يېتىپ كەلگەن.

موللا يۇنۇس ياركەندىنىڭ بۇ مەشھۇر داستانى بەزى تەرەپلەردىن ئابدۇراخمان جامىنىڭ پارس تىلىدا يېزىلغان شۇ ناملىق ئەسىرىگە ئوخشاپراق كەتسىمۇ، لېكىن ئۇ جامىنىڭ كىتابىدىن مۇستەقىل سيۇژىت، تىل ۋە بەدىئىي خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.

شائىر بۇ ئەسىرىنى 1755 - يىلى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ چىققان. داستان 9048 مىسرادىن ئىبارەت بولۇپ، 72 ماۋزۇغا بۆلۈنگەن بۇنىڭ ئىچىدىكى 14ى كىتابنىڭ يېزىلىش سەۋەبى، مۇھەببەت، ئىلىم ۋە تىل مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان، قالغان ماۋزۇلىرى بولسا، «يۈسۈپ - زىلەيخا» قىسسىسى بايان قىلىنغان.

موللا يۇنۇس ياركەندى شەرق ئەدەبىياتىدا سەييارە ۋەقەلىككە ئايلىنىپ كەتكەن يۈسۈپ ماۋزۇسىنى ئالاھىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتا يېڭىۋاشتىن ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلەپ چىققان ۋە ئۇنىڭغا ئۆزى ياشىغان مۇھىتنىڭ رېئال كۆرۈنۈشلىرىنى سىڭدۈرۈشكە ئىنتىلگەن.

ئاپتور داستاننىڭ كىرىش سۆزىدە ئالدى بىلەن ئەسەرنىڭ يېزىلىش سەۋەبى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتكەن. ئەسەرنىڭ باش - ئايىغىدا مۇھەببەت، تۇرمۇش، تىل توغرىسىدا نۇرغۇن قىممەتلىك پىكىرلەرنى، نەسىھەتلەرنى، ئىلغار پەلسەپىۋى قاراشلارنى بايان قىلغان.

شائىر ئۆز ئەسىرىنى:

ئىلاھا جەۋھەر نۇتقىمغا جان بەر،
دىلۇ جانىمغا ئىرپاندىن نىشان بەر.

تىلىم شەرھىن ھەم قۇۋۋەت راۋان ئەت،
سۆم نەقدىن قوبۇل ئىنسى جان ئەت.

كۆڭۈلنى ھەردەم سۆزدە تازا قىلغىل،
كارامىمنى بەلەن ئاۋاز قىلغىل.

دېگەن ئىبارىلەر بىلەن باشلىغان. ئاندىن داستاننىڭ ئاساسى قىسمىنى ھېكايە قىلىشقا كىرىشىدۇ، يەنى ياقۇبنىڭ بالىلىرى ئوتتۇرىسىدا تۇغۇلغان بىر - بىرىنى كۆرەلمەسلىك كەيپىياتلىرى، ئاكا - ئۇكىلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلاردىن باشلاپ، كېيىنكى بابلاردا تاكى داستان ئاخىرلاشقۇچە يۈسۈپنىڭ تەقدىرى، ھاياتى ۋە پائالىيەتلىرىنى بايان قىلغان.

شائىر ئۆز قەھرىمانلىرى - يۈسۈپ ۋە زۇلەيخا ئوبرازىدا ھەقىقىي، پاك مۇھەببەت ئىگىلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن بولسا، يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئوبرازىدا ئۆز شەخسىي ئىنتىلىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ھېچقانداق ياۋۇزلۇقلاردىن قايتمايدىغان مەككار شەخسلەرنىڭ تىپىنى ياراتقان.

قىسقىسى، «يۈسۈپ - زىلەيخا» داستانى ئىنتايىن زور ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە. داستاننىڭ ئاپتور بولسا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا دۇنياۋىي ماۋزۇدا ئەسەر ياراتقان ئاتاقلىق شائىر سۈپىتىدە ئۆزىگە خاس ئورۇن تۇتقان ھەم تۇتۇپ كەلمەكتە.