مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (23): ۋاخان كارىدورىدا ۋەتەنگە كىرىش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈش

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2023.02.07
muhemmed-emin-bughra.jpg مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھىجرەت يىللىرىدا (ئۈستەلنىڭ باش تەرىپىدە ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتقان قارا تۇماقلىق كىشى؛ ئورنى ۋە ۋاقتى ئېنىق ئەمەس).
M. I. Bughra arxipi

ھىجرەتنىڭ دەسلەپكى يېرىم يىلىدا كەشمىر بىلەن دېھلى ۋە بومباي ئارىلىقىدا تىنىمسىز قاتراپ، ئاسارەتتىكى ۋەتىنى ئۈچۈن تاشقىي دۇنيادىن مەدەت ئىزدىگەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، 1935-يىلى 2-ئايغا كەلگەندە، ھىندىستاندا داۋاملىق تۇرۇشنىڭ ھېچ بىر ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ. ئۇ «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ ھىندىستاندىن كېتىش سەۋەبلىرى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «1934-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى لاداققا كىردىم. كەشمىر ۋە ئەمرەتسەر قاتارلىق شەھەرلەردە تۇردۇم. دېھلى ۋە بومبايغا باردىم، مۇھىم شەخسلەر بىلەن كۆرۈشتۈم. ھىندىساندا تۇرغان مەزگىلدە شۇ قانائەتكە كەلدىمكى، چەت ئەلدە ۋەتىنىم ئۈچۈن مۇھىم بىر ئىش قىلىش ئۇ زاماننىڭ دۇنيا سىياسىتىگە ھېچ توغرا كەلمەيدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ، يۇرتنىڭ تاغلىق جايلىرىدا پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىپ، پۇرسىتى كەلگەندە ئىستىقلال ئېلان قىلىش پىلانى بىلەن يۇرتقا قايتىشنى قارار قىلدىم. ئائىلەمنى ھىجازغا يولغا سالدىم، ئاندىن 15 ئادىمىم بىلەن سودىگەر قىياپىتىگە كىرىپ، ئىسمىمنى ئابدۇللا يەركەندى دەپ ئۆزگەرتىپ، مەخپىي سۈرەتتە 1935-يىلى 2-ئايدا يولغا چىقتىم».

دەرۋەقە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ھېچ بىر ئەمەلىي نەتىجىسى كۆرۈلمىگەن سىياسىي كۆرۈشمىلەر بىلەن ھىندىستاندا داۋاملىق تۇرىۋېرىشكە ھېچ تاقىتى قالمىغان ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ زىممىسىگە خىتاي، رۇس ۋە ما خۇسەن تۇڭگانلىرىنىڭ ئىشغالىيىتىگە چۈشۈپ قالغان مۇنقەرز ۋەتىنىنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتى يۈكلەنگەن ئىدى. شۇڭا ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن قار-مۇز قاپلىغان پامىر تاغلىرى ئارقىلىق ئافغانىستاننىڭ ۋەتەن تۇپراقلىرى بىلەن چېگرالىنىدىغان ۋاخان كارىدورىغا بېرىشنى قارار قىلىدۇ. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ شۇ زاماندا ھىندىستاندىن ئايرىلىپ ئافغانىستانغا بېرىشنى قارار قىلىشىدا، ئۆز ۋاقتىدا خوتەندىن ئافغانىستانغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىش ۋە قورال سېتىۋېلىش، شۇنداقلا پۇرسىتى كەلگەندە ۋەتەنگە قايتىدىن كىرىش ئۈچۈن يول ئىزدەش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1930-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئافغانىستاندا چۈشكەن سۈرىتى.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1930-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئافغانىستاندا چۈشكەن سۈرىتى.
Yaponiye Tashqiy Ishlar Ministérliqi arxipi

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ھىندىستاندىن ئافغانىستانغا كېتىشنى قارار قىلىشىدا، ئۇنىڭ ۋەتەننىڭ تەقدىرىنى تېزراق ھەل قىلىشقا ئالدىرىغانلىقى؛ كەشمىر يولىدىن ۋەتەنگە قايتا كىرىش ئىمكانى قىيىن بولغاچقا، ئافغانىستانغا بېرىپ قورال ۋە ئادەم توپلاپ، پۇرسەت تۇغۇلغان ھامان ۋەتەنگە قورال كۈچى بىلەن كىرىشنى پىلان قىلغانلىقى مۇھىم سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

گېرمانىيەدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ كەشمىردىن ئايرىلىپ ئافغانىستانغا بېرىشنى قارار قىلىشىدا، ئەينى ۋاقىتتا ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن ئەلچىلەرگە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرغانلىقى، ھەتتا قورال-ياراق سېتىپ بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

دوكتۇر ئابلەت سەمەت يەنە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ شۇ ۋاقىتتىكى قوشنا ئەللەرنىڭ ۋەزىيىتىنى ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەنلىكىنى؛ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەقدىرىنى قوراللىق يول ياكى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا، شىمالدا سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن جەنۇبتا بۈيۈك برىتانىيە ئىمپىرىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىمپىرىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئارىلىق رايون بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئافغانىستاننىڭ ھەم ئىستراتېگىيەلىك ھەم سىياسىي جەھەتتىن ھىندىستانغا قارىغاندا پايدىلىقراق ئىكەنلىكىنى ئالدىن مۆلچەرلىگەنلىكىنى؛ شۇنداقلا بۇغرانىڭ كابۇلدا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ياپونىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىكلىرى بىلەنمۇ ئالاقە قىلىپ كۆرۈش ئويىنىڭ يوق ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

ھالبۇكى، ۋاخان كارىدورىدىكى بىر قانچە ئايلىق كۆزىتىش ۋە كۈتۈش، مۇھەممە ئەمىن بۇغرا ئويلىغاندەك ئىجابىي نەتىجە بەرمەيدۇ. باھار كېلىپ پامىر تاغلىرىنىڭ قار-مۇزلىرى ئېرىگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋاخان كارىدورىدىن ۋەتەنگە كىرىشنىڭ يوللىرى رۇس ۋە خىتاي ئەسكەرلىرى تەرپىدىن قاتتىق قامال قىلىنىدۇ. بۇ ئەھۋاللاردىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۆز خاتىرەسىگە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «پامىر يولىنىڭ قارلىرى ئېرىپ يول ئېچىلدى. تاشقورغان تەرىپىگە پامىر قىرغىزلىرىدىن جاسۇس يوللىدىم. پۈتۈن يوللارغا چىن ۋە رۇس ئەسكەرلىرى يەرلىشىپ، بىزنى تۇتۇش ئۈچۈن مۇكەممەل ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى. ئالدىمىزغا مېڭىش ياكى ھىندىستانغا قايتىشىمىز ئىمكانسىز بولدى. ئافغانىستانغا چېكىنىشتىن باشقا چارە قالمىغان ئىدى. لېكىن، ۋەتەن چېگراسى كۆزىمىزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان بىر يەردىن يەنە ئارقىغا، ئۇزاقلارغا چېىكىنىشكە كۆڭلۈم رازى بولماي قاتتىق قايغۇ ۋە سىقىلىش بىلەن چېگرا بۇرغىلىدا تۇرۇپ قالدىم. نۇرغۇن ئادەملىرىم ئۈمىدسىزلىنىپ، مەندىن رۇخسەت سوراپ ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كەتتى، يېنىمدا پەقەت 15 كىشىلا قالدى. . . بۇ ئارىدا ئافغانىستان چېگرا ئەمەلدارى بىزنى بىلىپ قالدى، مەن ئافغانىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىغا كابۇلغا بېرىپ بىر مۇددەت تۇرسام دەپ ئىلتىماس قىلدىم. ئۇلاردىن بۇ تەلىپىمنىڭ قوبۇل قىلغانلىقى توغرىسىدا جاۋاب كەلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئافغانىستاننىڭ غەيرىي-رەسمىي ھۆكۈمەت مېھمىنى سۈپىتىدە، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى كابۇلغا يېتىپ باردىم.»

نەشىرياتچى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ۋاخان كارىدورىدىكى پىلانلىرىدىن ۋاز كېچىپ ئەڭ ئاخىرىدا كابۇلغا كېتىشىدە، ئۇنىڭ قوراللىق كۈچ ئارقىلىق ۋەتەنگە كىرىش ئۈمىدىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى، يەنى مەۋجۇت شارائىتنىڭ بۇ پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مۇمكىنچىلىك بەرمىگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ كابۇلدا «غەيرىي-رەسمىي دۆلەت مېھمىنى» بولۇپ تۇرۇشىدا، ئۇنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تۈزۈشكەن ئىچكىي كېلىشىمى بارلىقىنى، ئۇنىڭ كابۇلدا تۇرغان يىللىرىدا قۇراللىق كۈرەش يولىدىن ئەسلا ۋاز كەچمىگەنلىكىنى، پەقەتلا بۇنىڭ ئۈچۈن پۇرسەت كۈتكەنلىكىنى؛ سىياسىي ياكى دىپلوماتىيەلىك يولغا مېڭىشىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئامالسىز تاللاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.