بۈيۈك كۈچلەرنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ قالغان مەركىزىي ئاسىيادىكى ئىچكىي قۇرۇقلۇق دۆلىتى ئافغانىستان، 1930-يىللاردا ھەم رۇس بولشېۋىكلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن قاچقان «قۇرباشى» (باسماچى) لارنىڭ، ھەم ئەنگىلىيەگە قارشى ھىندى مۇستەقىلچىلىرىنىڭ، ھەم شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ پاناھگاھىغا ئايلانغان ئىدى. يەنە بىر قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پورۇخ ھىدى گۈپۈلدەپ پۇراشقا باشلىغان بۇ يىللاردا ئۆزىنى بىتەرەپ دەپ ئېلان قىلغان ئافغانىستان پادىشاھلىقى، يەنە بىر جەھەتتىن دۇنيادىكى بۈيۈك كۈچلەرنىڭ ئاسىيادىكى «شاھمات تاختىسى» بولۇپ قالغان ئىدى. شىمالدا سوۋېتلەر ئىتتىپاقى، جەنۇبتا ھىندىستاننى بېسىپ ياتقان بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپىرىيەسى، شەرقىي ئاسىيادا باش كۆتۈرگەن ياپونىيە، ياۋروپادا كۈنسايىن زورىيىۋاتقان گېرمانىيە، شۇنداقلا ئوسمانلى ئىمپىرىيەسىنىڭ خارابىسى ئۈستىدە جۇمھۇرىيەت جاكارلىغان مۇستافا كامال تۈركىيەسى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كابۇلدىكى دىپلوماتىيەلىك ۋە ئىستىخبارات توپلاش ھەرىكەتلىرى ئىنتايىن كۈچەيگە ئىدى. مانا مۇشۇنداق بىر مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، خوتەن ئەمىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋاخان كارىدورى ئارقىلىق 1935-يىلى سېنتەبىر ئايلىرىدا كابۇلغا كېلىدۇ.
تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئەينى ۋاقىتتا ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ «غەيرىي-رەسمىي دۆلەت مېھمىنى» سۈپىتىدە «سىياسىي پائالىيەت بىلەن شوغۇللانماسلىق» شەرتى بىلەن كابۇلغا كېلىپ يەرلەشكەن.
ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ياش ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا كابۇلغا يېتىپ بارغان يىللاردا، دۇنيا سىياسىي سەھنەسىدا كونا-يېڭى كۈچلەر قايتىدىن باش كۆتۈرىۋاتقان، يەنە بىر قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ شەپىسى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان مەزگىللەر ئىدى.
گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تۈركولوگ ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچى، دوكتور ئابلەت سەمەتنىڭ بايان قىلىشىچە، تۇپراقلىرى شەرقىي تۈركىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان، سىياسىي جەھەتتىن بىتەرەپ بولغان، شۇنداقلا ئاشۇ مەزگىللەردە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ۋاقىتلىق پاناھلىنىپ، دۇنيادىكى بۈيۈك سىياسىي كۈچلەر بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشىغا ئەڭ باب كېلىدىغان قوشنا دۆلەت-شەك-شۈبھىسىزكى ئافغانىستان ئىدى.
دەرۋەقە، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خوتەن ئەمىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى «غەيرىي-رەسمىي دۆلەت مېھمىنى» سۈپىتىدە «سىياسىي پائالىيەت قىلماسلىق» شەرتى بىلەن كابۇلغا يەرلەشتۈرۈشتە، ئۆز ئالدىغا مەلۇم سەۋەبلىرى بار ئىدى. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ تەكىتلىشىچە، شۇ مەزگىللەردىكى ئافغانىستان، دۇنيادىكى بۈيۈك كۈچلەرنىڭ ئاسىيا ئىستراتېگىيەسىدىكى كۈچ سىنىشىش نۇقتىسى ۋە «شاھمات تاختىسى» غا ئايلانغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئافغانىستان ھۆكۈمىتىمۇ ھەم سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ھەم بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ خوتەن ئەمىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى چىقىش قىلغان سىياسىي پائالىيەتلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى.
ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1930-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئەنگىلىيە كونتروللۇقىدىكى ھىندىستاندىن ئايرىلىپ، ئافغانىستانغا كېلىشىدە چوڭقۇر ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ، ھەزرىتىمنىڭ مۇنقەرز ۋەتىنىنىڭ ئېنىقسىز تەقدىرىنى دۇنيادىكى بۈيۈك كۈچلەرنىڭ ئاسىيا ئىستراتېگىيەسىدىكى كۈچ سىنىشىش سەھنىسىگە ئايلانغان ئافغانىستاندا يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا تاشلاپ كۆرمەكچى بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.
دوكتور ئابلەت سەمەتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ كابۇلغا بېرىشى، قانداقتۇر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پامىر ئېگىزلىكىنى نۇقتا قىلىپ ئوينىلىۋاتقان «بۈيۈك ئويۇن» (Great Game) ۋە ئۇنىڭ جەنۇب ھەم شىمالدىكى ئىككى قاتناشقۇچىسى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ئۈچۈن ئەمەس ئىدى. ۋەتىنى ئۈچۈن جىددىي چىقىش يولى ئىزدەۋاتقان ھەزرىتىمگە نىسبەتەن ئاسىيادا باش كۆتۈرگەن ياپونىيەنىڭ بۈيۈك ئاسىيا ئىستراتېگىيەسى ئۇنى ئەڭ قىزىقتۇرغان سىياسىي تۇتۇملارنىڭ بىرى ئىدى. بولۇپمۇ ياپونىيەنىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇلغان مانجۇرىيە دۆلىتى ئاسىيادىكى مۇستەملىكە مىللەتلەر ئۈچۈن يېڭى بىر ئۆرنەك بولماقتا ئىدى.
شۇنداق قىلىپ، بۈيۈك كۈچلەرنىڭ ئاسىيا ئىستراتېگىيەسى بويىچە ئافغانىستاندا ئوينىلىۋاتقان «شاھمات ئويۇنى» غا «غەيرىي-رەسمىي دۆلەت مېھمىنى» سالاھىيىتى بىلەن كابۇلغا يېتىپ كەلگەن خوتەن ئەمىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرامۇ قاتناشقان بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن كابۇلنىڭ ياركەندلىك مۇساپىرلار ئولتۇراقلاشقان ئارقا كوچىلىرىدىن بىرىدە بېشىغا كافكازچە قوزا تېرىسىدىن تىكىلگەن قارا تۇماق، ئۇچىسىغا تۈركىستانچە يوللۇق پەرىجە كىيكەن «ياركەندلىك ئابدۇللاخان ئەپەندى» ئافغانىستاندىكى خەلقئارا دىپلوماتىيە چەمبىرىكىنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ قالدى.
(داۋامى بار)