مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (26): كابۇلدىكى تۈركىيە باش ئەلچىسى مەمدۇھ شەۋكەت ئەسەندال بىلەن بولغان دوستلۇق ۋە ئالاقىلەر
2023.03.28

ئوسمانلى ئىمپىرىيەسىنىڭ خارابىسى ۋە ئاخىرىقى تىنىقى ئۈستىگە قۇرۇلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، مۇستافا كامال ئاتاتۈركنىڭ 1920-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ قانات يايدۇرغان كەڭ كۆلەملىك ئىسلاھات دولقۇنىدا، پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدىكى زامانغا لايىقلاشقان، ھاكىمىيەت بىلەن دىن ئايرىلغان، شۇنداقلا غەربلەشكەن بىر دۆلەتكە ئايلانغان ئىدى. بۇ دەۋردە شەرقتىكى كۆپلىگەن خەلقلەردە، بولۇپمۇ مۇستەملىكە ئەللىرىدە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى، مىللىي دۆلەت قۇرۇش غايىسى ۋە زامانىۋىيلىشىش چاقىرىقلىرى ئومۇمىي ئېقىمغا ئايلانغان ئىدى. 1919-يىلى مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولغا ئالغان ئافغانىستان بىلەن 1925-يىلى رىزا شاھ پەۋلەۋىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان ئىراندىمۇ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كەيپىياتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتتى. مەيلى ئافغانىستان پادىشاھى ئامانۇللاخان بولسۇن ياكى ئىران شاھى رىزا پەھلەۋى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى غازى مۇستافا كامالنىڭ تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىسلاھات ۋە زامانغا لايىقلىشىش مودېلى» غا ئىنتايىن قىزىقماقتا ئىدى.
ئامېرىكادا ياشاۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى تۈرك-ئىسلام دۇنياسىدا يېڭىدىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن بىرمۇنچە دۆلەتلەر «تۈركىيە مودېلى» دىن ئۆرنەك ئېلىشقا تىرشقان ئىدى.
دەرۋەقە، شىمالدا سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن جەنۇبتا ھىندىستاننى بېسىپ ياتقان بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ قالغان ئافغانىستان، 1930-يىللارغا كەلگەندە تاشقىي سىياسەتتە رۇس بولشېۋىكلىرى بىلەن ئىنگىلىزلارنىڭ چەمبىرىكىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشنى ئىستىگەن ئىدى. دۆلەتنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش ۋە قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ يولىنى ئىزدەۋاتقان ئافغانىستان بۇ يىللاردا دىپلوماتىيە جەھەتتىن ئاسىيادا باش كۆتۈرگەن ياپونىيە بىلەن ياۋروپادا كۈچلەنگەن گېرمانىيەگە ئىشىك ئاچقان، ئىسلام دۇنياسىدا بولسا «ئىسلاھات» ئارقىلىق «لايىقچىلىق مودېلى» ياراتقان تۈركىيە بىلەن ئىنتايىن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئىدى. گېرمانىيەدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى، دوكتور ئابلەت سەمەت بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، 1930-يىللاردا ئىسلام دۇنياسىدا ئافغانىستانغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن دۆلەتنىڭ تۈركىيە بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، 1930-يىللاردىكى تۈركىيە-ئافغانىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن كىشىنىڭ دەل تۈركىيەنىڭ كابۇلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مەمدۇھ شەۋكەت ئەسەندال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، 1935-يىلى «سىياسىي پائالىيەت قىلماسلىق» شەرتى بىلەن كابۇلغا كەلگەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «ئابدۇللاخان يەركەندى» دېگەن ئىسىم بىلەن ئافغانىستاندا ئەركىن پائالىيەت قىلىشىدا تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ رولى زور بولغان ئىدى. تۈركىيە-ئافغانىستان دوستلۇقى ئىنتايىن كۈچەيگەن بۇ يىللاردا، كابۇلدىكى تۈركىيە باش ئەلچىسى مەمدۇھ شەۋكەت ئەسەندال ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئابرويى ۋە سىياسىي تەسىر كۈچى ئارقىلىق، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئافغانىستاندا ئەركىن پائالىيەت قىلىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن ھەم ئۇنىڭغا كۈنلۈك بولغان ئىدى.
دوكتور ئابلەت سەمەتنىڭ تەكىتلىشىچە، مەمدۇھ شەۋكەت ئەسەندال شۇ يىللاردا سىرتقا قارىتا «تۈركىيەنىڭ ئافغانىسىتاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى» دېگەن دىپلوماتىيەلىك سالاھىيەت بىلەن بىلىنسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئافغانىستان دۆلىتى ۋە ئافغانىستان پادىشاھىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۇنىڭدىنمۇ زور ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئافغانىستان پادىشاھىنىڭ «باش مەسلىھەتچى» لىكىنى ئۆتىگەن ئىدى.
شۇ يىللاردا كابۇلدا تۇرۇۋاتقان سىياسىي مۇساپىر مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن تۈركىيە باش ئەلچىسى مەمدۇھ شەۋكەت ئەسەندال ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن دوستلۇق ۋە زىچ ئالاقىلەرگە مەرھۇم گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىنمۇ شاھىت بولغانىدى. مەھمەت رىزا بېكىننىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، شۇ ۋاقىتلاردا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ كابۇلدىكى كۆپ ۋاقتى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ باش ئەلچى ئەسەندال بىلەن بولغان سۆھبەتلىرى بەزىدە ھەتتا تاڭ ئاتقۇچە داۋاملاشقان ئىكەن. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتورانتى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ تۇغقانلىرىدىن ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ھەزرىتىمدە تۈرك مىللىيەتچىلىكى مەپكۇرىسىنىڭ تىكلىنىشىگە ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن كىشى _ مەمدۇھ شەۋكەت ئەسەندال ئىكەن.
تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ ئۆزى كۆرگەن تارىخىي مەلۇماتلار ۋە ھۆججەتلەرگە ئاساسەن، ئافغانىستاندىكى تۈركىيە باش ئەلچىسى مەمدۇھ شەۋكەت ئەسەندالنىڭ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ كېيىنكى سىياسىي ھاياتىغا، بولۇپمۇ 1940-يىللارنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى بەزى سىياسىي قارارلارنى ئېلىشىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.
ئۇنداقتا، مەمدۇھ شەۋكەت ئەسەندال كىم؟ ئۇنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى تۈركىيەنىڭ سىياسىي تارىخى ۋە تاشقىي دىپلوماتىيەسىدە تۇتقان ئورنى قانداق بولغان؟ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ مەمدۇھ شەۋكەت ئەسەندال بىلەن بولغان شەخسىي دوستلۇقى ۋە يېقىن مۇناسىۋەتلىرى قانداق شەكىللەنگەن؟ پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، مەمدۇھ شەۋكەت ئەسەندالنىڭ ئوسمانلى سۇلتانلىقىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە ئىقتىدارغا كەلگەن «تەرەققىي ۋە ئىتتىھات» پارتىيەسىنىڭ مۇھىم ئەزالىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ تۈرك-ئىسلام دۇنياسىدىدىكى تەسىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان ماھىر دىپلومات بولغانلىقىنى، يازغۇچى، بىلىم ئادىمى ۋە تۈرك مىللىيەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن چوڭقۇر پىكىرداشلىق ئورناتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ سىياسىي ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلغان بىر قىسىم بىلىم ئادەملىرى، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرىتىمنىڭ بەزى زامانداشلىرى، ئافغانىستاندىكى ئاز كەم ئون يىلغا يېقىن مۇساپىرەت ھاياتىنىڭ ئۇنىڭ كېيىنكى ئۆمرىدىكى سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ يۆنىلىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇلار يەنە ھەزرىتىمنىڭ كابۇلدا تۇرۇپ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» دىن ئىبارەت ئابىدە خاراكتېرلىق كىتابىنى يېزىشىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەقدىرى مەسىلىسىدە ياپونىيە تەرەپ بىلەن بولغان مەخپىي ئالاقىلىرىدىن ۋاز كېچىشىگە ئەمەلىيەتتە مەمدۇھ شەۋكەت ئەسەندالنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. دوكتور ئابلەت سەمەتمۇ بۇ قاراشنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
(داۋامى بار)