مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (31): ئىنگلىز دائىرىلىرىنىڭ بېسىمى ۋە ھىندىستاندا قولغا ئېلىنىش

0:00 / 0:00

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1942-يىلىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئۆزىنىڭ سىياسىي مۇساپىرلىق ھاياتىدىكى مۇھىم بىر قارارنى بېرىدۇ. يەنى ئۇ 7 يىلدىن ئارتۇق پاناھلىنىپ تۇرغان ئافغانىستاندىن ئايرىلىپ، ھىندىستانغا بارىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك يازمىسىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ھىندىستاندىكى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى مېنىڭ ھىندىستانغا ئۆتۈشۈم ئۈچۈن ۋىزا بېرىشنى ئىككى يىل كېچىكتۈردى. 1941-يىلىنىڭ باشلىرىدا كابۇلدىكى ئەنگلىيە ئەلچىخانىسى ۋىزا بېرىشكە قارار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋىزا ئېلىپ 1942-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى پىشاۋۇرغا كەلدىم. ئۇ يەردىن كالكۇتتاغا بېرىپ، چىن باش كونسۇلى بىلەن كۆرۈشتۈم. باش كونسۇل مېنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇپ خىزمەت قىلىشىم ئۈچۈن چىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي بۇيرۇق يوقلۇقىنى باھانە قىلىپ، چىنغا بېرىشىمغا تەرەپدارلىق بىلدۈردى. مەن چىنغا بېرىشنى قوبۇل قىلمىدىم. بۇ سەۋەب بىلەن كونسۇل مېنى چىنغا زىيانلىق ھەرىكەت قىلىدۇ دېگەن گۇمان بىلەن مېنى ھىندىستاندىن چىقرىشقا ھەرىكەت قىلدى.»

ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ھىندىستانغا بېرىش ۋىزا ئىلتىماسىنى ئىككى يىلغىچە كېچىكتۈرۈپ قويۇشى ۋە ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، شۇ ۋاقىتلاردا دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالغان ئەنگلىيەنىڭ ئىچكىي-تاشقىي ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيە ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ كابۇلدا تۇرۇۋاتقان بۇغرانىڭ پائالىيەتلىرىگە دىققەت قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھىندىستانغا كىرىشىنى ئەنگلىيە ئۈچۈن خەتەرلىك دەپ قارىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

دېگەندەك، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھىندىستانغا بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەنگلىيە مەخپىي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. ئۇ «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك يازمىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن كالكۇتتادىن راۋالپىندىدىكى ئائىلەمنىڭ قېشىغا كېلەر-كەلمەيلا، ئەنگلىيە مەخپىي ساقچىلىرىنىڭ نازارىتىگە ئېلىندىم. 4-ئاينىڭ 29-كۈنى پىشاۋۇر ساقچىسىنىڭ قولىدا ئېلىپ قېلىنغان تۆت ساندۇق كىتابىمنى ئالغىلى پىشاۋۇرغا بارغىنىمدا، ئۇلار مەخپىي ساقچى باشلىقىنىڭ دېھلىدىن كەلگەن بىر بۇيرۇقىنى ماڭا بىلدۈردى. بۇيرۇقتا ھىندىستان ھۆكۈمىتى مېنىڭ تېزلىك بىلەن ھىندىستاندىن چىقىپ كېتىشىمنى تەلەپ قىلماقتا ئىدى. مەن، قولۇمدا پۇلۇم بولمىغانلىقتىن باشقا بىر يەرگە كېتىشىم مۇمكىن ئەمەس، دېدىم. 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇلار مېنى پىشاۋۇر مەركىزىي تۈرمىگە قامىدى. راۋالپىندىدە ئائىلەمگە قاراۋاتقان بىر نەۋرە تۇغقىنىم ئابدۇلكەرىم ھاجىنىمۇ مېنى قامىغان تۈرمىگە قامىدى.»

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، بۇغرا ھىندىستانغا ئىككىنچى قېتىم بارغان 1940-يىللارنىڭ باشلىرىدا ھىندىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان، بولۇپمۇ ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد ئالى جىنناھ گەندىنىڭ «ھەمكارلاشماسلىق» تىن ئىبارەت پاسسىپ كۈرەش يولىغا ئوخشىمىغان ھالدا قوراللىق كۈرەشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان يىللىرى ئىدى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە قوراللىق كۈرەش تەجرىبىسىگە ئىگە مۇسۇلمان لىدېر مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشى، ئەنگلىيە دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىشى تەبىئىي ئىدى.

تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيە دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ھىندىستاندا بولۇشى، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىگە ئىلھام بېرىدۇ، دەپ ھېسابلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بۇغرانىڭ خاتىرەلىرى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرىگە قارىغاندا، بۇغرا ھىندىستانغا بېرىشى بىلەنلا ھەم ئەنگلىيە دائىرىلىرىمۇ ھەم خىتاينىڭ كالكۇتتادىكى باش كونسۇلىمۇ ئۇنى دەرھال چوڭچىڭغا كېتىشكە قىستىغان. بۇغرا بۇنى رەت قىلغاندا، ئەنگلىيە مەخپىي ساقچىلىرى ئۇنى «ئۇرۇش مەزگىلىدىكى خەتەرلىك سىياسىي شەخس» قاتارىدا قولغا ئالغان. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مۇنۇلارنى تەكىتلەيدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قولغا ئېلىنغاندا ھىندىستاندا ئوقۇۋاتقان ئۇنىڭ جىيەنى مۇھەممەد ياقۇپ بۇغرا كېيىنچە «خاتىرەلىرىم» ناملىق ئەسلىمىسىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كۈچ تەڭپۇڭلىقىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا مىللىي مۇجادىلە ھەرىكىتىنى بۇ ۋەزىيەتكە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئافغانىستاندىن ھىندىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىگە كەلدى. ھىندىستاندىكى ئىنگلىز ھۆكۈمىتى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى ھىندىستاندا تۇرۇپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلماي خىتاي ئىچىگە كېتىشكە زورلىدى. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بۇنى رەت قىلغانلىقتىن قولغا ئالدى. دادامنى ئۇنىڭ ھىندىستاندىكى ۋەكىلى دەپ، شۇ كۈنى قولغا ئالدى. ئەتىسى راۋالپىندىنىڭ گېزىتلىرىدە ‹چىن تۈركىستاننىڭ لىدىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا پىشاۋۇردا، ئۇنىڭ ئادىمى ئابدۇلكەرىم ھاجى راۋالپىندىدە قولغا ئېلىندى. ئابدۇلكەرىم ھاجىنىڭ ئۆيىدىن نۇرغۇن ساندا چىن تۈركىستان خەرىتىسى چىقتى...› دېگەن خەۋەر بېسىلدى.»

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1942-يىلى 30-ماي كۈنى پېشاۋۇردا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، كالكۇتتادىكى خىتاي (گومىنداڭ) باش كونسۇلى بۇ دېلونى سۈرۈشتە قىلىپ، ئەنگلىيە تەرەپكە يوللىغان مەكتۇبى (سولدا) ۋە ھىندىستاندىكى ئىنگلىز دائىرىلىرىنىڭ خىتاي باش كونسۇلىغا قايتۇرغان جاۋابى (ئوڭدا)؛
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1942-يىلى 30-ماي كۈنى پېشاۋۇردا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، كالكۇتتادىكى خىتاي (گومىنداڭ) باش كونسۇلى بۇ دېلونى سۈرۈشتە قىلىپ، ئەنگلىيە تەرەپكە يوللىغان مەكتۇبى (سولدا) ۋە ھىندىستاندىكى ئىنگلىز دائىرىلىرىنىڭ خىتاي باش كونسۇلىغا قايتۇرغان جاۋابى (ئوڭدا)؛ (Teywen döletlik tarix sariyi)

تارىخىي مەنبەلەر ۋە ئالاقىدار ئارخىپ ماتېرىياللىرىغا قارىغاندا، 1939-يىلىنىڭ دېكابىر ئېيىدا ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا كابۇلدا ئۇچراشقاندىن تارتىپ تاكى بۇغرا ھىندىستاندىكى ئەنگلىيە تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىگىچە بولغان جەرياندا، ئەنگلىيە دائىرىلىرى بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئۇنىڭ دېلوسىنى چۆرىدىگەن بىر قاتار تارتىشمىلار ھەم دىپلوماتىك ئالاقىلار بولۇپ ئۆتكەن. تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، بۇ جەرياندا گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دېلوغا ئارىلىشىشتىكى مۇددىئاسى، بۇغرانىڭ شەرتى ۋە ئەنگلىيە تەرەپنىڭ ئەندىشىلىرى توغرىلىق ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان تۇغقانلىرىدىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتورانتى ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ بوۋىسى ياقۇپ بۇغرانىڭ خاتىرەلىرىگە قارىغاندا، بۇغرا ھىندىستانغا بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ھەم خىتاي كونسۇلىنىڭ ھەم ئەنگلىيە دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا قالغانلىقىنى ۋە ئاخىرىدا ئەنگلىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

1942-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى كالكۇتتادىكى خىتاي (گومىنداڭ) باش كونسۇلىنىڭ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش ھەققىدە گومىنداڭ مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىگە يوللىغان مەكتۇبى
1942-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى كالكۇتتادىكى خىتاي (گومىنداڭ) باش كونسۇلىنىڭ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش ھەققىدە گومىنداڭ مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىگە يوللىغان مەكتۇبى (Teywen döletlik tarix sariyi)

دېمەك، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1942-يىلىدىكى كابۇلدىن ھىندىستانغا قىلغان سەپىرى، ئۇنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئويلىنىش؛ چەت ئەلدىكى مىللىي مۇجادىلەنى جىددىي ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىش؛ ۋەتەندە قۇراللىق ئىنقىلابقا مۇمكىنچىلىك بولمىغاندا سىياسىي كۈرەش يولى ئارقىلىق چىقىش يولى تېپىشقا ئۇرۇنۇشتەك بىر قاتار سەۋەبلەردىن بولغان ئىدى. ھالبۇكى، بۇغرانىڭ ھىندىستانغا بېرىپلا ئەنگلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشى ۋە خىتاي مەركىزىگە كېتىشكە زورلىنىشى، ئۇنىڭدا باشقا تاللاشقا ھېچقانداق مۇمكىنچىلىك قالدۇرمىغان ئىدى.

(داۋامى بار)