1934-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ما خۇسەن قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان 36-دىۋىزىيەسى خوتەن ئىلچىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى يىقىلىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى ئىنقىلاب رەھبەرلىرى خوتەننىڭ قاراڭغۇتاغ ئىچىگە چېكىنىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما تۇڭگانلارنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، چەت ئەلگە ھىجرەت قىلىش مەجبۇرىيىتىدە قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن غەربتە قاغىلىقتىن شەرقتە چاقىلىققىچە بولغان تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى بۇ بىيپايان تۇپراقلار ما خۇسەن قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان 36-دىۋىزىيەسىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىغا ئۆتىدۇ.
تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، ما خۇسەن تۇڭگانلىرىنىڭ خوتەن رايونىدا 3 يىلغىچە پۇت دەسسەپ تۇرالىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى مۇنداق ئىككى نۇقتىغا يىغىنچاقلايدۇ: بۇنىڭ بىرى، ما جۇڭيىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ رۇس بولشېۋىكلىرىنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قېلىپ، مىلىتارىست شېڭ شىسەيگە قارىتا تەھدىت بولۇشتىن قالغان؛ يەنە بىرى، چېگرادىن ئۆتۈپ تۇڭگانلارغا زەربەر بەرگەن سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى خەلقئارالىق غۇلغۇلا پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مارالبېشىنىڭ شەرق تەرىپىگە ئۆتمىگەن ۋە شۇ جايدىن قايتىپ كەتكەن.
شۇنىڭدىن باشلاپ، ما خۇسەن قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان ئەسكەرلىرى تاكى 1937-يىلىنىڭ سېنتەبىر ئايلىرىغا قەدەر، خوتەن رايونىنى ئۆز ئالدىغا ھەربىي ئىدارە قىلىدۇ. گەنسۇدىن چىققان تۇڭگان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ خوتەن رايونىنى ئۆز ئالدىغا ھەربىي ئىدارە قىلىشى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بۇ بىيپايان تۇپراقنى تاشقىي دۇنيادىن ئايرىپ باشقۇرۇشى، شۇ مەزگىللەردە تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ياۋروپالىق شەرقشۇناسلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغايدۇ.

ئامېرىكالىق ئەھمەد كامال 1935-يىلى ئېتنوگرافىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، قاراقۇرۇم يولى ئارقىلىق قاغىلىققا يېتىپ بارغاندا، ما خۇسەن تۇڭگانلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، خوتەنگە يالاپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەھمەد كامالنىڭ خاتىرىسىگە قارىغاندا، بىر كۈنى ما خۇسەن، ئەھمەد كامالنى ئۆزىنىڭ قوماندانلىق شىتابى (ئىلگىرىكى خوتەن دوتەي مەھكىمىسى) نىڭ يەر ئاستىغا جايلاشقان خەزىنەسىگە باشلاپ كىرىدۇ. ئەھمەد كامال بۇ ئۆيدە دۆۋە-دۆۋە چوكا ئالتۇنلار، ئالتۇن تەڭگىلەر، ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرى، شۇنداقلا مەنچىڭ دەۋرىدە قۇيۇلغان كۆمۈش پۇللار بىلەن چار رۇسىيەنىڭ ئاق تەڭگىلىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ.
ما خۇسەن بۇ بايلىقلارنى ئەھمەد كامالغا كۆرسەتكەندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: «بۇ بايلىقلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئۇرۇش قۇراللىرىنى سېتىۋېلىشىمىز ئۈچۈن توپلانغان. مېنىڭ بۇلارنى كۆرسىتىشىمدىكى مەقسەت شۇكى، بىز سېنىڭ ياردىمىڭ ئارقىلىق ئامېرىكادىن ئىلغار قۇرال-ياراغلارنى، بولۇپمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىشنى پىلانلاۋاتىمىز. بۇ ئىشتا سەن چوقۇم بىزگە ۋاكالەتچى بولۇپ بېرىشىڭ كېرەك! شۇندىلا مەن پۈتۈن شىنجاڭنى ئالالايمەن. ئالدى بىلەن قەشقەرنى، ئاندىن شىمالغا يۈرۈش قىلىپ ئۈرۈمچىنى ئالىمەن! شىنجاڭنى قولۇمغا ئالغاندىن كېيىن، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا ۋە تىبەتنى ئىشغال قىلىمەن. ئاندىن زور قوشۇن توپلاپ، ئورۇسلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى مۇسۇلمانلارنى قۇتۇلدۇرىمەن. شۇنداق قىلىپ، ئاخىرىدا ئەنشىدىن ھەرەمگىچە بولغان مۇسۇلمانلار تۇپراقلىرىنى تۇتاشتۇرىمەن!»
ناھايىتى ئېنىقكى، ئەھمەد كامالنىڭ بۇ بايانلىرىدىن ما خۇسەن تۇڭگانلىرىنىڭ خوتەننى بازا قىلىپ تۇرۇپ، ئاتالمىش «تۇڭگانىستان» دۆلىتى قۇرۇش خام خىيالىدا بولغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن خوتەن خەلقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، زور مىقداردا ئالتۇن-كۆمۈش ۋە پۇل-مال توپلىغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. شۇ مەزگىللەردە ئىچكىي ئاسىيادا تەكشۈرۈشتە بولغان ئاۋسترىيەلىك موڭغۇلشۇناس ۋالتېر ھېسسىگ ((Walther Hiessig ما خۇسەن تۇڭگانلىرى تەرىپىدىن 3 يىل ھەربىي ئىدارە قىلىنغان بۇ تېرىتورىيەنى «تۇڭگانىستان» دەپ ئاتايدۇ. ئۇندىن باشقا شۇ ۋاقىتتا خوتەن رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغان گېرمان شەرقشۇناسى فىلىچنېر (W. Filchner) بىلەن ئىنگىلىز شەرقشۇناسى مايلارت ((E. K. Maillart قاتارلىقلارمۇ ئۆز كىتابلىرىدا، ما خۇسەن تۇڭگانلىرى تەرىپىدىن ھەربىي ئىدارە قىلىنىۋاتغان خوتەن رايونىنى «تۇڭگانىيە» دېگەن نام بىلەن تىلغا ئالىدۇ.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، ما شىمىڭ، ما خۇسەن قاتارلىق تۇڭگان مىلىتارىستلىرىنىڭ 1930-يىللارنىڭ باشلىرىدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىغا ئارىلاشقان دەسلەپكى يىللاردىلا ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي قارا نىيىتىنى ئاشكار قىلغانلىقىنى، 1934-يىلى يازدا تۇڭگانلار خوتەننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ما خۇسەننىڭ بۇ زېمىننى بازا قىلىپ تۇرۇپ، گەنسۇ-چىڭخەيلەرگە تۇتۇشىدىغان بىر تۇڭگان دۆلىتى قۇرۇش خام خىيالىدا بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئەنگىلىيەلىك تارىخچى ئاندرېۋ فوربېس (Andrew Forbes) ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ 1986-يىلى ئېلان قىلغان «خىتاي ئوتتۇرا ئاسىياسىدىكى مىلىتارىستلار ۋە مۇسۇلمانلار» ناملىق كىتابىدا، ئەنگىلىيەنىڭ 1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك دىپلوماتىك ئارخىپ ھۆججەتلىرىگە تايىنىپ تۇرۇپ، ما خۇسەن تۇڭگانلىرىنىڭ خوتەننى بازا قىلىپ ئاتالمىش «تۇڭگانىستان» دۆلىتى قۇرۇش خام خىيالىدا بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ما خۇسەن تۇڭگانلىرىنىڭ خوتەندىكى 3 يىللىق دەھشەتلىك ھۆكۈمرانلىقى ھەققىدە خوتەن خەلقى ئارىسىدىمۇ كۆپلىگەن ئەسلىمىلەر ۋە يازما ھۆججەتلەر ساقلانغان. تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇھەممەت تۇردى قاسىم يازغان «خوتەن خەلقىنىڭ ئۈچ يىللىق پىغانى» ناملىق قەسىدىنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق تارىخنى ئەينەن يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى، ھالبۇكى، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە ما خۇسەن تۇڭگانلىرىنىڭ خوتەننى بازا قىلىپ تۇرۇپ «تۇڭگانىستان» دۆلىتى قۇرماقچى بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتلارنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ بۇ جەھەتتە ئامېرىكالىق سەيياھ ئەھمەد كامال بەرگەن مەلۇماتلارنىڭ ئىشەنچىلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئەنگىلىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن كونسۇلى گىللېت (M. C. Gillet) 1937-يىلى ئەتىيازدا ئالاھىدە تەستىق بىلەن ما خۇسەن ھۆكۈمرانلىقىدىكى خوتەن رايونىغا دىپلوماتىك زىيارەت ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ شۇ قېتىملىق خوتەن تەسىراتى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مېنىڭ تۇڭگانلاردىن ئالغان بىرىنچى تەسىراتىم شۇكى، ئۇلارنىڭ خوتەندە قۇرغان يەرلىك ھۆكۈمىتى تىپىك فاشىستىك خاراكتېرىگە ئىگە ھۆكۈمەت ئىدى. بۇ ھۆكۈمەتنى ئىدارە قىلىۋاتقان تۇڭگانلارنىڭ ھەممىسى 45 ياشتىن تۆۋەن ياش ئوفىتسېرلاردىن تەشكىل تاپقان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مەمۇرىي باشقۇرۇشتىن خەۋىرى يوق ئىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەربىي ئىدرىسى ئاستىدىكى بۇ ھۆكۈمەت ماھىيەت جەھەتتىن مۇستەبىت ھۆكۈمەت ۋە مىلىتارىستىك ھۆكۈمەت ئىدى. ئىككىنچى تەسىراتىم شۇكى، ئۇلارنىڭ بۇ تېرىتورىيەدە ئۆز ئالدىغا يۈرگۈزىۋاتقانلىرىنىڭ ھەممىسى مۇستەملىكىچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.»
مۇئاۋىن كونسۇل گىللېت يەنە ئۆز خاتىرىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «خوتەندىكى تۇڭگان ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل نىشانى ھەربىي ھازىرلىقلار ئۈچۈن ئالتۇن-كۆمۈش ۋە پۇل-مال توپلاش بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەرلىك خەلققە تاڭغان باج-سېلىقى مىسلىسىز دەرىجىدە ئېغىر ئىكەن. تۇڭگانلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى خوتەندە يەرلىك خەلقنىڭ ھاياتلىق ئېھتىياجى، بولۇپمۇ ھەرقانداق شەكىلدىكى مائارىپ پۈتۈنلەي نەەزەردىن ساقىت قىلىنغان ئىكەن.»
ئەنگىلىيەلىك سەيياھ پېتىر فلېمىڭ (Peter Fleming) مۇ 1935-يىلى كېرىيەنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ كېرىيەگە كەلگەن بىرىنچى كۈنىلا تۇڭگانلارنىڭ كېرىيە خەلقىگە 6 مىڭ دانە تۇخۇم، 300 كۈپ ئۆسۈملۈك مېيى، 140 تاختا چاي سېلىق سالغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ يەنە ما خۇسەننىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 10 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرى بىلەن زور مىقداردىكى ھەربىي ئاتلىرىنى بېقىش مەجبۇرىيىتىنىڭ خوتەن خەلقىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
ما خۇسەن خوتەن ھەربىي ھازىرلىقلار ئۈچۈن ئىقتىساد توپلاش مەقسىتىدە 1935-يىلىدىن باشلاپ، خوتەندە ئۆز ئالدىغا «تۇڭگان پۇلى» چىقىرىشقا باشلىغان. 1935-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەنگىلىيەلىك سەيياھ مايلارت (E. K. Maillart) خوتەننى زىيارەت قىلغاندا، خوتەندە تۇڭگانلارنىڭ يەرلىك ئۇستىلارنى ئىشقا سېلىپ، خوتەن قەغىزى بىلەن يىپەك رەختلەرگە «تۇڭگانىستان جۇمھۇرىيىتى»نىڭ پۇللىرىنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. فوربېسنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ما خۇسەن ھەتتا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئىلگىرى قەشقەردە باسقان قەغەز پۇللار بىلەن خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى باسقان پۇللارنى يىغىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «تۇڭگانىستان» دېگەن تامغىنى بېسىپ تارقاتقان ئىكەن.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بۈگۈن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان تۇغقانلىرىدىن بىرى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇرانتى ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ما خۇسەن تۇڭگانلىرى خوتەننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، چەت ئەلگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ خوتەندىكى ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئائىلە تۇغقانلىرى ئىنتايىن ئېغىر كۈلپەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. ئابدۇللا ئوغۇزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىدىن ئاڭلىشىچە، ھەزرىتىمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خوتەندە ما خۇسەن تۇڭگانلىرىنىڭ زۇلۇمىنى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە تارتقان جەمەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

1937-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىغا كەلگەندە، مىلىتارىست شېڭ شىسەينىڭ تەلىپى بويىچە سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ماتورلاشقان بىرقانچە پولكى تورغات ئېغىزى ئارقىلىق چېگرادىن تۇيۇقسىز ئۆتۈپ، كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە تانكىلانىڭ ھىمايىسىدە ما خۇسەن تۇڭگانلىرىغا قارشى شىددەتلىك ھۇجۇم باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ما خۇسەننىڭ ئەسكەرلىرى پۈتۈن سەپ بويىچە تارمار بولۇپ قاچىدۇ. ما خۇسەن ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، خوتەن خەلقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ توپلىغان ئالتۇن-كۆمۈشلىرىنى 40 تىن ئارتۇق ئات ۋە خېچىرغا ئارتىپ ھىندىستانغا قاچىدۇ. ئەنگىلىيە ئارخىپلىرىدىكى ھۆججەتلەرگە قارىغاندا، شۇ قېتىم ما خۇسەن خوتەندىن ئېلىپ قاچقان ئالتۇنلارنىڭ مىقدارى جەمئىي 164 كىلو 700 گرام بولۇپ، ئۇنى شۇ ۋاقىتتىكى ھىندىستان رۇپىيەسى بويىچە پۇلغا سۇندۇرغاندا، جەمئىي 450 مىڭ رۇپىيەدىن ئاشىدىكەن. ئەنگىلىيەگە قارام ھىندىستان ھۆكۈمىتى ما خۇسەن ئېلىپ قاچقان بۇ زور مىقداردىكى ئالتۇنلارنى چېگرادا مۇسادىرە قىلىپ، كەشمىردىكى دۆلەت خەزىنەسىدە «تۇڭگان ئالتۇنى» دېگەن نامدا مەخسۇس ھېسابات ئېچىپ ساقلايدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئەنگىلىيە بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا بۇ ئاتالمىش «تۇڭگان ئالتۇنى» ماجراسى ئۇدا 6 يىل داۋاملىشىدۇ. 1943-يىلىغا كەلگەندە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئالتۇنلارنىڭ پەقەت 7 دىن بىر قىسمىنى، يەنى 66 مىڭ رۇپىيە قىممىتىدىكى ئالتۇننى گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە قايتۇرىدۇ. قالغان مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، خوتەن خەلقىنى قان يىغلاتقان ما خۇسەن تۇڭگانلىرىنىڭ ئاتالمىش «تۇڭگانىستان» دۆلىتى قۇرۇش خام خىيالى ئاخىرى بەربات بولىدۇ. ئۇلار ئېلىپ قاچقان ئايتالمىش «تۇڭگان ئالتۇنى»مۇ ھىندىستان چېگراسىدا مۇسادىرە قىلىنىپ، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە يەم بولىدۇ. كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان يېرى شۇكى، 1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ئەنگىلىيەگە قارام ھىندىستان ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرى بولسۇن، ياكى خوتەن ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بولسۇن، كەشمىر بىلەن ئافغانىستان ئارىلىقىدا مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن ئاشۇ قىيىن كۈنلەردە، خوتەن خەلقىنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە كەلگەن بۇ ئالتۇنلارنىڭ بىر تىيىنىغىمۇ ئىگە بولالمايدۇ!
(داۋامى بار)