مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (45): «ئالتاي» نەشرىياتى ئەتراپىدا
2024.04.02
«ئالتاي» نەشرىياتى 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم روللارنى ئوينىغان ئىدى. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك يازمىسىدا ئۆزلىرىنىڭ 1945-يىلى 10-ئايدا ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، بىر مىللەتچى پارتىيە قۇرماقچى بولغانلىقىنى، ئەمما شەرت-شارائىتنىڭ يار بەرمىگەنلىكى سەۋەبلىك «ئالتاي» نەشرىياتى نامىدا بىر ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەسىس قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنى كەلگۈسىدە قۇرۇلغۇسى مىللەتچى پارتىيەنىڭ ئاساسى قىلماقچى بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
دەرۋەقە، «ئالتاي» نەشرىياتى 1946-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قانۇنلۇق بىر ئىجتىمائىي تەشكىلات سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نەشرىياتچىلىق ۋە مەتبۇئات تارىخى «ئۈچ ئەپەندى» لەر تەرىپىدىن 1930-يىللاردىكى مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ)نىڭ پايتەختى نەنجىڭدە باشلانغان ئىدى. شۇڭىمۇ ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1948-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى «ئالتاي» نەشرىياتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، «بىز ‹ئالتاي›نىڭ باش ئىدارىسىنى 1934-يىلى 1-ئايدا نانكىندە قۇرغان ئىدۇق» دەيدۇ.
ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا بىر ئىجتىمائىي تەشكىلات سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان «ئالتاي» نەشرىياتى ئەڭ ئالدى بىلەن تۈرك مىللەتچىلىرىنىڭ سىياسىي غايىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان، شۇنداقلا ياش بىر ئەۋلاد سەرخىللەرنى تۈرك مىللەتچىلىكى ئىدېئولوگىيەسى بىلەن تەربىيەلەيدىغان مۇنبەرگە ئايلانغان.
تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، «ئالتاي» نەشرىياتى قۇرۇلۇشى بىلەنلا «ئالتاي» ناملىق ئىلگىرىدىن نەشر قىلىنىپ كەلگەن مەجمۇئە بىلەن «ئەرك» ناملىق ھەپتىلىك گېزىتنى ئۆزىنىڭ ئىككى مۇھىم قانىلى قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
«ئالتاي» نەشرىياتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەتبۇئاتچىلىق بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ياشلارنىڭ كەڭ دائىرىدە بىلىم ئېلىشى ئۈچۈن كۇتۇپخانىچىلىق ئىشلىرىنىمۇ پائال راۋاجلاندۇرغان. تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئالتاي» نەشرىياتىنىڭ قارمىقىدا قۇرۇلغان «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» كۇتۇپخانىسى شۇ زامانلاردا ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ مۇھىم كۇتۇپخانىغا ئايلانغان.
1947-يىلى «ئالتاي» نەشرىياتى ئۆز تارىخىدىكى ئەڭ گۈللەنگەن بىر دەۋرنى كۈتۈۋالغان. نەشرىيات قارمىقىدا «بىلىم تۈركۈمى» ناملىق بىر ئىلمىي كومىتېت قۇرۇلۇپ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئىلمىي يېتەكچى بولغان. «بىلىم تۈركۈمى» كونفىرانىس بۆلۈمى، ئەدەبىيات بۆلۈمى ۋە تارىخ-جۇغراپىيە بۆلۈمىدىن ئىبارەت ئۈچ ئىلمىي بۆلۈمگە ئايرىلغان. كونفىرانىس بۆلۈمىگە پولات قادىرى بىلەن ئىبراھىم مۇتىئى؛ ئەدەبىيات بۆلۈمىگە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بىلەن چىنگىزخان داموللام؛ تارىخ-جۇغراپىيە بۆلۈمىگە ھەزرىتىم بىلەن پولات قادىرى مەسئۇل بولغان. «بىلىم تۈركۈمى» نىڭ قارمىقىدا «دەرنەك» ناملىق مۇنبەر قۇرۇلۇپ، قەرەللىك دوكلات ۋە لېكسىيەلەر بېرىلىشكە باشلىغان. تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، «دەرنەك» نىڭ ئۆز دەۋرىدىكى بىلىمگە ئىنتىلىۋاتقان ياشلار ئۈچۈن قىممىتى مۆلچەرلىگۈسىز مۇھىم مۇنبەرگە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «ئالتاي» نەشرىياتىنىڭ ھەر ساھەلەر بويىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قاتار پائالىيەتلىرى ۋە ئىلمىي-سىياسىي چىقارمىلىرى مىللەتپەرۋەرلىك روھىغا ئىگە ئۇيغۇر ياشلىرىنى قانچىلىك خوشاللاندۇرسا؛ گومىنداڭ ئوڭ قانات مىللەتچىلىرى بىلەن رۇس كوممۇنىستلىرىنى شۇنچىلىك بىئارام قىلغان.
1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە ئىلى ئىنقىلابچىلىرىنى مەركەز قىلغان سوۋېت ئىتتىپاقىغا ۋە كوممۇنىزمغا ماھىل گۇرۇھ بىلەن «ئۈچ ئەپەندى» لەرنى مەركەز قىلغان تۈرك مىللەتچىلەر گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا جىددىي تارتىشمىلار ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گەرچە بۇ ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدا مەلۇم زىددىيەتلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئەخمەتجان قاسىمى ئۈرۈمچىدە تۇرغان يىللىرىدا «ئالتاي» نەشرىياتىنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن ھەمدە قولىدىن كېلىشىچە ماددىي ياردەملەرنى بەرگەن.
چىنگىزخان داموللام 1948-يىل 5-دېكابىر كۈنىدىكى «ئەرك» گېزىتىدە ئېلان قىلغان باش ماقالىسىدە «مەتبۇئات بىزنىڭ بىردىن-بىر قورالىمىزدۇر» دەپ يازغان ئىدى. دەرۋەقە، كېيىنكى يىللاردا «ئالتاي» نەشرىياتى پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن مەتبۇئاتچىلىق ئىشلىرىنى كېڭەيتىشكە ۋە تېخىمۇ زور كۆلەم ھاسىل قىلىشقا تىرىشقان. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، 1940-يىللارنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا «ئالتاي» نەشرىياتى قارمىقىدا «خانتەڭرى» ناملىق ژۇرنال، قۇربان قوداي تەرىپىدىن «يالقىن» ۋە «ئۇچقۇن» قاتارلىق گېزىتلەرنىڭمۇ نەشىر قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئالتاي» نەشرىياتىنىڭ مەتبۇئاتچىلىق ساھەدىكى بۈيۈك خىزمەتلىرىدىن باشقا، يەنە بىر ئەڭ مۇھىم تۆھپىسى شەرقىي تۈركىستاندا بىر ئەۋلاد تۈركچىلىك مەپكۇرەسىگە ئىگە مىللەتچى ياش سەرخىللەرنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەنلىكىدە ئىكەن.
ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ «ئالتاي» نەشرىياتى ئەتراپىدا بىر تۈركۈم مىللەتچى ياشلار ۋە زىيالىيلارنىڭ توپلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ۋەھالەنكى، «ئالتاي» نەشرىياتى ئەتراپىدا يېتىشىپ چىققان بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر سەرخىللىرى 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا باستۇرۇپ كىرىشى بىلەن ئوخشىمىغان تەقدىر-قىسمەتلەرنى ياشاشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، كوممۇنىست خىتاي ئىشغالىيىتى مەزگىلىدە ھىجرەت يولىنى تاللىغان ياكى ۋەتەندە قېلىشنى قارار قىلغان بىر ئەۋلاد مىللەتچى سەرخىللەرنىڭ كېيىنكى ئاچچىق كەچمىشلىرى بىلەن قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلمىي-ئەدەبىي ئەمگەكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.
(داۋامى بار)