مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (27): ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنى تۈركىيەگە ئەۋەتىپ ھەربىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش
2023.04.11

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئافغانىستاندىكى ھىجرەت ھاياتىدا قىلغان مۇھىم ئىشلىرىنىڭ بىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بالىلىرىدىن مەھمەت رىزا بېكىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆسمۈرنى تۈركىيەگە ئەۋەتىپ، ھەربىي ئاكادېمىيەلەردە ئوقۇتۇشى بولغان ئىدى.
مەلۇمكى، 1930-يىللاردا ئافغانىستان-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ئىنتايىن جانلانغان بولۇپ، تەرەققىيات ۋە دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشىغا كىرىشكەن ئافغانىستان ھەر جەھەتلەردە مۇستافا كامال تۈركىيەسىنى ئۆزىگە ئۆرنەك قىلماقتا ئىدى. دەل مۇشۇ ۋاقىتلاردا تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ كابۇلغا كەلگەن مەمدۇھ شەۋكەت ئەسەندال، ئافغانىستاننىڭ تەرەققىيات ۋە زامانغا لايىقلىشىش ئىشلىرىغا ئاكتىپ ئارىلاشقان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كابۇلدىكى باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن تاشقىرى يەنە تۈركىيەدىن زور بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ زامانىۋىي مائارىپ ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان ئىدى. گېرمانىيەدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى، دوكتور ئابلەت سەمەتنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، ئافغانىستاندىكى بۇ جىددىي ئۆزگىرىشلەر ئەلۋەتتە كابۇلدا سىياسىي مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ دىققىتىدىن قاچمىغان ئىدى.
ئافغانىستاندىكى تۈركىيە باش ئەلچىسى ئەسەندال، شۇ يىللاردا رۇس بولشېۋىكلىرىنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ ئافغانىستاندا پاناھلىنىۋاتقان غەربىي تۈركىستانلىق ئۆزبېك، تۈركمەن، قىرغىز ۋە تاتار مۇھاجىرلىرى بىلەن 1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن ئافغانىستانغا قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇر سىياسىي مۇساپىرلىرىغىمۇ قۇچاق ئاچقان ئىدى. تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئەسەندالنىڭ تۈركلۈك ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەرنى پەقەتلا تۈركىيەدە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ، دېگەن قاراشتا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتورانتى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ تۇغقانلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندىمۇ، ھەزرىتىمنىڭ كابۇلدا تۇرغان يىللىرىدا ئۆز ئەتراپىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنى تۈركىيەگە ئەۋەتىپ ئوقۇتۇش ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش ئىستىكىدە بولغانلىقىنى، بۇ ئىشتا كابۇلدىكى تۈركىيە باش ئەلچىسى ئەسەندالنىڭ زور رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ مەغلۇب بولۇشىدىكى ئاچچىق ساۋاقلارنىڭ بىرى، ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرى ئارىسىدا ھەربىي تەلىم كۆرگەن ياكى ئەسكىرىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان كىشىلەرنىڭ يوق دېيەرلىك بولغانلىقى ئىدى. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئافغانىستاندىكى سىياسىي مۇساپىرلىق ھاياتىدا بۇ ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، تۈرك ئەلچىسى ئەسەندالنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆز ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى تۈركىيە ھەربىي ئاكادېمىيەلىرىگە ئەۋەتىپ ئوقۇتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.
دېگەندەك، ئەسەندالنىڭ بىۋاسىتە ياردىمى بىلەن 9 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى 1930-يىللارنىڭ ئاخىرى تۈركىيەگە بېرىپ، ئەنقەرە، ئىنستانبۇل ۋە كونيادىكى ھەربىي مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇيدۇ. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن مەھمەت رىزا بېكىن كېيىنچە تۈركىيە ئارمىيەسىدە گېنېرال بولىدۇ.
گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىن ھاياتىنىڭ ئاخىرىقى يىللىرى يازغان ئەسلىمەسىدە ئۆزلىرىنىڭ قانداق قىلىپ تۈركىيەگە ئوقۇشقا بارغانلىقى توغرىلىق مۇنداق دەپ يازغان ئىدى: «ھەزرىتىم كابۇلدا تۇرغان يىللاردا بۈيۈك ئەلچى ئەسەندال بىلەن ئىنتايىن سەمىمىي بىر دوستلۇق قۇرغان ئىدى. بىر كۈنى ھەزرىتىم مېنى ئەسەندالنىڭ ئىشخانىسىغا باشلاپ ئاپىرىپ تونۇشتۇردى ۋە ماڭا ئوخشاش توققۇز ئوقۇغۇچىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەسەندال بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمىنى ئەلچىلىككە چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇش ئەھۋالىنى سورىدى. مەنمۇ شۇنىڭدىن كېيىن دائىم تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، ئەسەندال بىلەن كۆرۈشىدىغان بولدۇم. بىر كۈنى تۇغقىنىم مەھمەت يۇنۇس بۇغرا بىلەن بىرلىكتە بارغىنىمىزدا، ئۇ بىزگە نامىق كامالنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى ھەققىدىكى تۈركچە شېئىرىنى بىز چۈشىنەلەيدىغان شەكىلدە قەغەزگە يېزىپ، ‹بۇلارنى ئوقۇڭلار› دەپ بەرگەن ئىدى. ھەر قېتىم كۆرۈشكىنىمىزدە، ئۇ بىزگە مىللىي كىملىك تۇيغۇسى ھېس قىلدۇرۇش ۋە كىم ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتەتتى. بىر كۈنى ئۇ بىزگە ‹ئىستىقلال مارشى›نىڭ دەسلەپكى ئىككى كۇپلېتىنى يېزىپ بەردى، ئاندىن ئۇنى ئاھاڭى بىلەن بىزگە ئۆگەتتى. ئۇ ھەر جۈمە كۈنى بىزنى ئەلچىلىككە چاقىرىپ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتۇراتتى. بىزگە ئاتاتۈركنىڭ نۇتۇقلىرىدىن پارچىلارنى، شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركلۈككە ئائىت كىتابلارنى ئوقۇشقا بېرەتتى. ئەسەندال ھەزرىتىم بىلەن تۈركلۈككە دائىر تېمىلاردا، خىتاي مەسىلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن سۆھبەتلىشەتتى. ئۇ ھەر زامان بىزنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇپ يېتىشىشىمىزنى تەكىتلەيتتى، ھەزرىتىمنىڭ مەقستىمۇ شۇ ئىدى. ياپونىيە تەرەپ بىزنى ئوقۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ھەزرىتىم مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا خىزمەت قىلالايدىغان ئىنسانلارنى پەقەتلا تۈركىيەدە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.»
1970-يىللارنىڭ ئاخىرى تۈركىيە ئارمىيەسىدىن پېنسىيەگە چىققان گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىن 1986-يىلى ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنى قۇرۇشقا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. شۇ يىللاردا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ئۆزىنىڭ چەكلىك ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىللىنىپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇشىغا تۈرتكە ۋە ياردەمدە بولىدۇ. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۆزىنىڭمۇ 1980-يىللارنىڭ ئاخىرى تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەندە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە 1930-يىللاردا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئافغانىستاندا ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن سالغان ئۇل بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
(داۋامى بار)