مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (28): «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نىڭ دۇنياغا كېلىشى
2023.04.25

خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى يىقىلغاندىن كېيىن ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا ھىجرەت ھاياتىنى ياشاشقا مەجبۇر بولغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ۋەتەنگە قايتىپ قوراللىق ئىنقىلابنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئىمكانىيىتىنى زادىلا تاپالمايدۇ. بۇ ئاچچىق تارىخىي رېئاللىق ئۇنىڭغا ۋەتەننىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ئەلەم كۈرىشى ئېلىپ بېرىشقا مۇمكىنچىلىك بولمىغاندا، قەلەم كۈرىشى ئېلىپ بېرىشنىڭ كۈچلۈك تەقەززاسىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. يەنى ئۇ ئالدى بىلەن مۇنقەرز ۋەتىنى ئۈچۈن سىستېمىلىق ئەسەر يېزىپ، شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ تارىخىي ئاساسلىرىنى ئېقى قەغەز قارىسى سىياھ ئارقىلىق تۇرغۇزماقچى ۋە ئۆز خەلقىنىڭ قەلبىدە قۇرماقچى بولىدۇ.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «كابۇلدىكى 7 يىللىق ھاياتىم جەريانىدا ئۆزۈمنىڭ كىملىكىمنى ئاشكارىلىماي ياشىدىم، ژۇرنالىستلار ۋە سىياسىي ساھەدىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلمىدىم. بۇ مەزگىلدە تۈركچە، ئەرەبچە، پارسچە ۋە ئۇردۇچە تىللارنى بىلگەنلىكىمدىن پايدىلىنىپ، بۇ تىللاردىكى ماڭا كېرەكلىك كىتابلارنى يىغدىم؛ گېزىت ۋە ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇپ ئوقۇدۇم؛ دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋاللىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شوغۇللاندىم. يەنە بىر تەرەپتىن ۋەتىنىم ئۈچۈن زامانىۋىي ئۇسۇلدا بىر تارىخ يېزىش ئىشىنى باشلىدىم. نەتىجىدە، <شەرقىي تۈركىستان تارىخى> ناملىق كىتابنى يېزىپ تاماملىدىم.»
دەرۋەقە، ئەينى ۋاقىتنىڭ مەۋجۇت شەرت-سارائىتىدا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» دىن ئىبارەت قۇرۇلۇش خاراكتېرلىق بىر ئابىدە ئەسەرنى يېزىپ چىقىش ئاسان ئەمەس ئىدى. تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى تەكىتلەپ ئۆتكەندەك، بۇ يىللاردا بۇغرا بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاننى قۇتقۇزۇشنىڭ يول ۋە چارە-تەدبىرلىرىنى ئىزدىگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» دىن ئىبارەت چوڭ ھەجىملىك كىتابىنى يېزىشقا كىرىشكەن.
ھالبۇكى، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىمكانىيەتلەر چەكلىك بولغان، بولۇپمۇ ۋەتەن تارىخىغا ئائىت زۆرۈر تارىخىي مەنبەلەرگە ئېرىشىش ئىنتايىن قىيىن بولغان يات بىر ئەلدە، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» دىن ئىبارەت قۇرۇلۇش خاراكتېرلىق تارىخىي ئەسەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىپ چىقىش، ئەمەلىيەتتە بىر قېتىملىق قەلەم ئىنقىلابى ھېسابلىناتتى. ئامېرىكادىكى ياش ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ كۆز ئالدىدىكى شۇنچە زور قىيىنچىلىقلارغا قارىماي مۇساپىرەتتە ۋەتەن تارىخىنى يېزىپ چىقىشتىن ئىبارەت بۇ بىر مەيدان قەلەم ئىنقىلابىغا تەۋەككۈل قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
«شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق بۇ ئابىدە ئەسەر يېزىلىپ، ئارىدىن 81 يىل ئۆتكەندە ئۇنىڭ تۈركىيە تۈركچىسىدىكى مۇكەممەل نەشرى 2021-يىلى «ئۆتۈكەن» نەشرىياتىدا يورۇق كۆردى. بۇ كىتابنىڭ تۈركچە تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1930-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى ئافغانىستاندا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»دىن ئىبارەت سىستېمىلىق تارىخ كىتابىنى يېزىپ چىقىشىدا، تۈركىيە باش ئەلچىسى مەمدۇھ شەۋكەت ئەسەندالنىڭ رولى زور بولغان ئىكەن. ئۇ، باش ئەلچى ئەسەندالنىڭ مۇھەممەد ئەمىن بۇغراغا كابۇلدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ كۇتۇپخانىسىنى ھەر ۋاقىت ئېچىپ بەرگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنى لازىملىق تارىخىي مەنبەلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ كۆزىتىشىچە، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نىڭ پايدىلانغان مەنبەلەر قىسمىدا ئەرەبچە، پارسچە كىتابلاردىن باشقا يەنە شۇ زامانلاردا تۈركىيەدە نەشىر قىلىنغان خېلى كۆپ تۈركچە تارىخىي مەنبەلەر ئۇچرايدىكەن. بولۇپمۇ بۇغرانىڭ 1917-يىلى تۈركىيەدە كىلىسلى رىفات بىلگە (Kilisli Rifat Bilge) تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «دىۋان لۇغات تۈرك» ناملىق ئەسىرىنىمۇ مەنبەلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشى، دىققەتكە سازاۋەر ئىكەن.
مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نىڭ مەنبەلەر قىسىمىدىكى كۆپ تىللىق كىتاب-ماتېرىياللارنى 1930-يىللارنىڭ شارائىتىدا ئاپتورنىڭ ھەم ۋەتەندىن ھەم مۇساپىرەتتىكى ئافغانىستاندىن تېپىشىنىڭ تولىمۇ قىيىنلىقىنى؛ ئۇنىڭ كابۇلدىكى تۈركىيە باش ئەلچىسى ئەسەندال بىلەن بولغان يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ ماتېرىياللارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئاسانلا تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
دەرۋەقە، 1930-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئافغانىستاندا سىياسىي مۇساپىرلىق ھاياتىنى ياشىغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، كابۇلدىكى تۈركىيە باش ئەلچىسى مەمدۇھ شەۋكەت ئەسەندالنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى. گېرمانىيەدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى، دوكتور ئابلەت سەمەتنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەسەندالنىڭ «مىللەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىللەتنىڭ ئېڭىنى ئويغىتىش كېرەك؛ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ۋەتەننى مىللەتنىڭ قەلبىدە قۇرۇپ چىقىش كېرەك» دېگەن سۆزلىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغراغا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قىلغان ئىدى.
ئاسارەت ئاستىدا قالغان مۇنقەرز بىر ئەلنىڭ مۇپەسسەل ۋە سىستېمىلىق تارىخىنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئەمەس، بەلكى يات تۇپراقلاردا يېزىلىشى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرادىن ئىبارەت بىر سىياسىي مۇساپىر ئۈچۈن ئېيتقاندا، 1930-يىللاردىكى ئافغانىستان شارائىتىدا تولىمۇ قىيىن بىر ئىش ئىدى. ھالبۇكى، قوراللىق ئىنقىلابنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىنكى ئاچچىق ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەن بۇغرا، ئافغانىستاندىكى مۇساپىرلىق يىللىرىدا قەلەم ئىنقىلابىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى تاماملىدى. تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، مەزكۇر ئەسەرنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشىدا ئاپتورنى ھەر جەھەتتىن قوللىغان، شۇنداقلا ماتېرىيال جەھەتتىن ياردەمدە بولغان ئەسەندال ئەپەندىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق بۇ كىتابىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى سەھىپىسىدە «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ئاخىرلاشتىمۇ؟» دېگەن سوئالغا ئىنتايىن كەسكىنلىك بىلەن: «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ئاخىرلاشمىدى، تاكى مۇستەقىللىق نېمىتى قولغا كەلتۈرۈلگەنگە قەدەر ئاخىرلىشىشى مۇمكىن ئەمەس!» دەپ يازغان ئىدى.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نى 1940-يىلى 4-ئايدا كابۇلدا يېزىپ تاماملىغان. بۇ كىتابنىڭ ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغان ئەسلى قوليازمىسى 866 بەت بولۇپ، ئۇنى نەشىر قىلىش ئۈچۈن 1941-يىلى كەشمىرنىڭ سىرىناگاردىكى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك جەمئىيىتى»گە ئەۋەتىپ بېرىلگەن. ھالبۇكى، بۇ كىتابنىڭ نەشرى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن كەينىگە سۈرۈلۈپ، 1947-يىلى ئاندىن كەشمىردىكى سىرىناگاردا تۇنجى مەتبە نۇسخىسى يورۇق كۆرگەن. 1948-يىلى كىتابنىڭ ئەسلى قوليازمىسى بىلەن كەشمىر نەشرىدىن بىرقانچە پارچىسى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ تەلىپى بىلەن ئابدۇلكەرىم بۇغرا تەرىپىدىن يوشۇرۇنچە ۋەتەنگە ئېلىپ كىرىلگەن. 1948-يىلىنىڭ ئاخىرى كىتابنىڭ ئەسلى قوليازما نۇسخاسى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا تەرىپىدىن قايتا تولۇقلىنىپ، ئالدىنقى يۈز بېتى ئۈرۈمچىدە بېسىلىپ تارقىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي ۋەزىيەتتىكى جىددىي ئۆزگىرىش تۈپەيلى ئاخىرى تولۇق بېسىلمىغان. 1949-يىلى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئىككىنچى قېتىملىق ھىجرەتكە ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولغاندا، «شەرقىي تۈركىتان تارىخى»نىڭ ئەسلى قوليازمىسى ئاپتور بىلەن بىللە ۋەتەندىن ئايرىلىپ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن، شۇنداقلا 1965-يىلى بۇغرا ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۇنىڭ قېشىدا ساقلانغان. ئۇنىڭدىن كېيىن كىتابنىڭ ئەسلى قوليازمىسى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ قىزى فاتىمە بۇغرا ۋە كۈيۈئوغلى يۇنۇس بۇغرانىڭ قولىدا ساقلانغان. 1971-يىلى «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» كەشمىرنىڭ سىرىناگار شەھىرىدە يەنە بىر قېتىم نەشىر قىلىنغان. 1987-يىلى ئەسەرنىڭ قايتا كۆزدىن كۆچۈرۈلگەن ئەسلى قوليازمىسى فاتىمە بۇغرا تەرىپىدىن ئەنقەرەدە نەشىر قىلىنغان. بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى نەشرى 1998-يىلى دوكتور ياقۇپ بۇغرا تەرىپىدىن ئەنقەرەدە نەشىر قىلىنغان. ئەسەرنىڭ ئاكادېمىك نەشرى 2016-يىلى توكيودا، تۈركچە مۇكەممەل تەرجىمە نەشرى 2021-يىلى «ئۆتۈكەن» نەشرىياتىدا يورۇق كۆرگەن.
(داۋامى بار)