مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (29): بىرىنچى ھىجرەت يىللىرىدىكى شېئىرىي ئىجادىيىتى

0:00 / 0:00

1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ كەشمىر ۋە ئافغانىستاندىكى بىرىنچى ھىجرەت ھاياتى باشلانغان ئىدى. تەخمىنەن 8 يىلغا يېقىن داۋام قىلغان بۇ سىياسىي مۇساپىرەت ھاياتى بۇغرا ئۈچۈن ۋەتەننىڭ تەقدىرى مەسىلىسىدە قايتا ئويلىنىش، دۇنيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش ۋە كېيىنكى مىللىي مۇجادىلە ئۈچۈن يول ئىزدەش جەريانى بولغان ئىدى. بۇ يىللاردا كابۇلنىڭ ئارقا كوچىلىرىدىكى بىر خىلۋەت ھويلىدا «ئابدۇللاخان يەركەندى» دېگەن نام بىلەن ياشىغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، مۇنقەرز ۋەتىنى ئۈچۈن ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ بىلەن قوپۇرۇلغان يىمىرىلمەس بىر تارىخ قورغىنى- «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نى يېزىپ تاماملىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ يىللاردا ئۇ يەنە ۋەتەن ھەققىدىكى ئوتلۇق تۇيغۇلىرى مۇجەسسەملەنگەن بىر يۈرۈش شېئىرلارنى يازغان ئىدى.

پۈتۈن دۇنيانى ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى قاپلىغان 1941-يىلى ئافغانىستان ئۈچۈنمۇ سىياسىي جەھەتتىن داۋالغۇپ تۇرغان بىر يىل بولغان ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۆز تۇپراقلىرىنىڭ ساھىبى بولۇپ ياشاۋاتقان ئافغان خەلقى شۇ يىللىق قۇربان ھېيتنى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەكلا زور داغدۇغا بىلەن كۈتۈۋالىدۇ. ھالبۇكى، سىياسىي مۇساپىرەت ھاياتىنى ياشاۋاتقان بۇغرا ئۈچۈن «ۋەتەنسىز بايرام-بايرام ئەمەس ئىدى»:

يۈرەكىم قان ئارا يۈزمەكتەدىر باغرىم ياراسىدىن،

ئۆگۈزلەردەك ئاقار ياشىم ۋەتەنسىزلىك بالاسىدىن

نە تەڭ كىم، گەر يۈرەكتىن قان، كۆزۈمدىن ياش ئاقىتسام مەن،

بۇ ياڭلىغدۇر كىچىك ئۆكسۈزكى، ئايرىلمىشىن ئاناسىدىن.

بۇ كەلگەن خەلق بايرامى ماڭا بايرام ئەمەس چۈنكىم،

يوق ئاڭا يەر كۆڭۈل ئىچرە بۇ قايغۇلار ئاراسىدىن.

جاھاندا ھەر نە غەم بار بارچەسى توپلاندى باشىمغە،

قۇتۇلماق ئاھى بولغايمۇ بۇ جاھاننىڭ ماجىراسىدىن.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ قىزى فاتىمە بۇغرا تەرىپىدىن 1983-يىلى نەشىرگە تەييارلانغان بۇغرانىڭ شېئىرلار توپلامى - «ۋەتەن قايغۇسى».
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ قىزى فاتىمە بۇغرا تەرىپىدىن 1983-يىلى نەشىرگە تەييارلانغان بۇغرانىڭ شېئىرلار توپلامى - «ۋەتەن قايغۇسى». (RFA/Qutlan)

مانا بۇ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1941-يىلىدىكى قۇربان ھېيت كۈنىدە كابۇلدا يازغان «بايرام» ناملىق شېرىنىڭ دەسلەپكى ئىككى كۇپلېتى ئىدى. ئۇ، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى زور داغدۇغا بىلەن تەبرىكلەۋاتقان قۇربان بايرىمىدا، پامىر تاغلىرىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى مىسكىن ۋەتىنىنى، ئاشۇ مۇنقەرز ۋەتىنىدە ئەركسىز ياشاۋاتقان ئېتىكى شورلۇق خەلقىنىڭ تەقدىرىنى ئويلىغان ئىدى. خۇددى ئۇ يۇقىرىقى شېئىرىدا تەكىتلەپ ئۆتكەندەك، ۋەتەن قايغۇسىدا پۇچىلىنىۋاتقان بىر ئىنسان ئۈچۈن مۇساپىرەتتە ئۆتكۈزگەن بايرام _ بايرام ئەمەس ئىدى.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ باھاسى بويىچە ئېيتقاندا، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا كۆپ قىرلىق بىر شەخس ئىدى. ئۇ مىللىي ئىنقىلاب رەھبىرى، دىنىي ئالىم، سىياسىيون ۋە تارىخچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يېتىلگەن بىر شائىر ئىدى.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ قەلەم بىلەن ئېلىپ بارغان مۇجادىلە ھاياتىدا «ۋەتەن قايغۇسى» ناملىق شېئىرلار توپلامى بىلەن «قۇتلۇق تۈركان» ئوپېراسى ناملىق چوڭ ھەجىملىك سەھنە ئەسىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى. تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، «ۋەتەن قايغۇسى» ناملىق بۇ شېئىرلار توپلامىدىن يەر ئالغان يالقۇنلۇق شېئىرىي ئەسەرلەرنىڭ بۇغرانىڭ ئەدەبىي تالانتىنى تولۇق نامايان قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېرمانىيەدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى، تۈركولوگىيە دوكتورى ئابلەت سەمەتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۆز ھاياتىنى بېغىشلىغان ۋەتەن خىزمىتىدە ئەلەم بىلەن قەلەمنى تەڭ كۆتۈرۈپ ماڭالىغان ناھايىتى ئاز ساندىكى سەرخىللارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ كۆتۈرگەن ئەلەم ئۆز خەلقىنى ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق يولىغا يېتەكلىگەن بولسا، قەلىمىدىن تۇغۇلغان ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە پىكىر تەلقىنلىرى ئارقىلىق ۋەتەن دەۋاسىنىڭ تەۋرەنمەس ئاساسلىرىنى تىكلىگەن ئىدى.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك يازمىسىدا ئۆزىنىڭ 1935-يىلى 2-ئايدا ھىندىستاندىن ئايرىلىپ، پامىر تاغلىرىدىكى قار-شىۋىرغانلىق يوللاردا جاپالىق سەپەر قىلىپ، ئاخىرى ئافغانىستاننىڭ ۋاخان جىلغىسىغا يېتىپ بارغانلىقىنى؛ ئۇ يەردىن ۋەتەنگە قايتا كىرىش مۇمكىنچىلىكى بولماي 6 ئايچە تۇرۇپ قالغانلىقىنى يازغان. بۇغرا كېيىنچە كابۇلغا بارغاندىن كېيىن، قولىغا قەلەم ئېلىپ «تارىخ ھىجرىنىڭ 1353-يىلىنىڭ ئاخىرىدە قىش مەۋسۈمىنىڭ شىددەتلىك كۈنلىرىدە ھىندىستاندىن پامىرغىچە قىلغان مۇشەققەتلىك ساياھىتىمىزدىن بىر مۇخەممەس» ناملىق 348 مىسرالىق شېئىرىي ئەسەر يازغان. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، بۇ مۇخەممەسنى بۇغرانىڭ بىرىنچى ھىجرەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ۋەتەن ئۈچۈن چىقىش يولى ئىزدەش مۇجادىلەسىنىڭ بەدىئىي ئىنكاسى، دەپ قارايدۇ.

ۋەتەن تېمىسى-مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا شېئىرىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئانا تېمىسىدۇر. ئۇ شېئىرلىرىدا ۋەتىنىگە بولغان پۈتمەس-تۈگىمەس ئوتلۇق سۆيگۈلىرىنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ۋەتەن ئاسمىنىنى قاپلىغان زۇلمەتنىڭ ھامىنى تارقايدىغانلىقىنى، «ئىرتىش كېچىكلىرىدىن دائىم سىل ئېقىۋارمەيدىغانلىقى» نى جاكارلايدۇ:

ئەي دوستۇم، ئىستەسەڭ ئەگەر كوھىقافغە قاچ،

ئەي دۈشمەنىم، ياراغىڭ ئالىپ باشىم ئۈزرە كەل!

ئۆلسەم قالۇر بۇ ساي يۈزىدە مەڭگۈ ئىزلىرىم،

يولچى تاپۇر ئازىقسە، ئاندىن ئاخىر ئەل.

بۇغرا، ئاژۇن قارا مەڭگۈ-مەڭگۈ ئەمەس ساڭا،

ئىرتىش كېچىكلەرىدىن ئاقارمۇ ھەمىشە سەل؟

مەركىزى شىۋېتسىيەدىكى دۇنيا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋەتەن سۆيگۈسى-بۇغرا شېئىرىيىتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك تېمىسىدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇغرا ئۆز شېئىرلىرىدا ۋەتىنىگە بولغان چەكسىز سۆيگۈسىنى قانداق ئىپادە قىلغان بولسا، ھاياتىنىمۇ شۇنداق ياشىغان بىر ئىنسان ئىدى.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «بەدەخشاندا ئېيتىلغان تۈركىي مۇخەممەس» ناملىق شېئىرىدا يىراقتىكى مۇنقەرز ۋەتىنىنى «مىسكىن ۋەتەن، غېرىب ۋەتەن، بىناۋا ۋەتەن» دەپ تەسۋىرلىسە؛ «بايرام» ناملىق شېئىرىدا ئۆزىنىڭ يات ئەلدىكى غۇربەت تۇيغۇلىرىنى «ۋەتەن يوق، مىللەت يوق، دوستۇم يوق، ھەر نە بارىم يوق» دېگەن مىسرالار ئارقىلىق ئىپادە قىلغان ئىدى. شۇڭىمۇ پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، بۇغرانىڭ كابۇلدىكى سىياسىي مۇساپىرەت ھاياتىنى «ۋەتەن ھەسرىتىدە پۇچىلانغان ئازابلىق 8 يىل» دەپ ئېيتىدۇ:

ۋەتەن يوق، مىللەت يوق، دوستۇم يوق، ھەر نە بارىم يوق،

جانىم بىرلە ئۈمىدىم قالدى قورقارمەن فەناسىدىن.

شەھرىكىم تۇردۇم ئاندا ھېچ بىر دەردىمگە دەرمان يوق،

باشىمغە يۈز بالا كەلمەكتەدۇر خەلقىمنىڭ جەفاسىدىن.

ئىسىت-كىم يۇرت ئارا مۇستەبىتلەر ھۆكۈم سۈرمەكتە،

قۇتۇلماي قالدى مىللەت، ئاھ كۈنلەرنىڭ قاراسىدىن.

باشىمغە كەلسە ھەر تۈرلۈك بالا رازى ئىدىم ئەمما،

قۇتۇلسا گەر ۋەتەن بىرلە ئۇلۇس ئۇشبۇ ياراسىدىن.

قۇتۇلسا ئىدى يۇرتۇم، يوق ئىدى بىر زەررە پەرۋايىم،

خالايىقنىڭ ماڭا قىلغان ۋەفا خاھى جەفاسىدىن.

كەل، ئەي بۇغرا! جاھاندىن قاخشىما مۇنداغ،

خاتادۇر بۇ ئىشىڭ، يانغىل بۇ ئەقلىڭنىڭ خاتاسىدىن.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بىرىنچى ھىجرەت مەزگىلىدە كابۇلدا يازغان «بەدەخشاندا ئېيتىلغان تۈركى مۇخەممەس – مىسكىن ۋەتەن، غېرىب ۋەتەن، بىناۋا ۋەتەن» ناملىق شېئىرىنىڭ قوليازمىسىدىن بىر كۆرۈنۈش.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بىرىنچى ھىجرەت مەزگىلىدە كابۇلدا يازغان «بەدەخشاندا ئېيتىلغان تۈركى مۇخەممەس – مىسكىن ۋەتەن، غېرىب ۋەتەن، بىناۋا ۋەتەن» ناملىق شېئىرىنىڭ قوليازمىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. (RFA/Qutlan)

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ شېئىرىيەت ساھەسىدىكى تالانتىنىڭ يەنە بىر يارقىن ئىپادىسى شۇكى، ئۇ ئۆز ئانا تىلى، يەنى تۈركى-ئۇيغۇر تىلى بىلەن بىر يۈرۈش يالقۇنلۇق شېئىرلارنى يېزىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئەرەب ۋە پارس تىلىدىمۇ بەدىئىي بالاغىتى يۇقىرى بولغان بىر قىسىم شېئىرلارنى يازغان. بۇ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئەدىب ۋە شائىرلاردىلا كۆرۈلىدىغان كلاسسىكلارغا خاس شېئىرىي تالانت ئىدى.

دوكتور ئابلەت سەمەت، تىل نۇقتىسىدىن بۇغرا شېئىرلىرىنىڭ ئىپادىلەش كۈچى ۋە سۆز ئىشلىتىش ماھارىتىگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇغرا كلاسسىك تۈركىي شېئىرىيىتىنىڭ تىل ۋە ئىپادىلەش ماھارەتلىرىنى تولۇق ئىگىلىگەن بىر شائىر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە تۈركى تىلىدىكى سۆز بايلىقلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان بەدىئىي تىل ئۇستىسى ئىدى.

قىسقىسى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا كەشمىر ۋە ئافغانىستاندا ئۆتكۈزگەن بىرىنچى مۇھاجىرەت يىللىرىدا ئۆزىنىڭ ۋەتەن ھەققىدىكى پۈتكۈل ھېس-تۇيغۇلىرى، ئوي-خىياللىرى، سېغىنىشلىرى، ئازابلىرى ۋە پىكىر تەلقىنلىرىنى قەلىمىدىن تامغان شېئىرىي مىسرالارغا مۇجەسسەملىگەن ئىدى. ئۇ، يىراقتىكى ۋەتىنىنىڭ «باھار ھاۋاسى» نى توسۇپ تۇرغان ھەيۋەتلىك ھىمالايا ۋە قاراقۇرۇم تاغلىرىغا قاراپ، «ئارقاڭغا چېكىل»، «سالقىنلىسۇن، بۇ يۈرەكنىڭ ئوتلۇق يارىسى» دەپ خىتاب قىلغان ئىدى!

ھىمالايا، شۇ ئالدىمدىن چېكىل بىر ياققا،

قاراقۇرۇم، ئۆزۈڭنى تارت يولدىن يىراققا،

قاراڭغۇتاغ، سەنمۇ سۈرۈل بىر ئاز ئۇزاققا،

سالقىنلاسۇن بۇ يۈرەكنىڭ ئوتلۇغ ياراسى،

كېلىپ ماڭا گۈزەل يۇرتنىڭ باھار ھاۋاسى.

(داۋامى بار)