مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (9): غۇلجادا سابىت داموللام بىلەن كۆرۈشۈش
2022.05.24
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە 1930-يىلى يازدا غۇلجادا سابىت داموللام بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، بۇ كۆرۈشۈش جەريانىدا ھەر ئىككىسىنىڭ مىللىي ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە پىكىر بىرلىكىگە كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ: «ساياھىتىم ئەسناسىدا كۆپ جايلاردا بىلىملىك، ساداقەتلىك، ئەستايىدىل، ۋەتەنپەرۋەر ۋە مىللەتپەرۋەر كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى دەرد بىلەن تولغان ئىكەن. ئەپسۇسكى، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ھازىر بولغان-بولمىغانلىقى ياكى بىر مىللىي ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلالايدىغان بىر كىشىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلىيالمىغانلىقىم ئۈچۈن، بىرەرسى بىلەن ئوچۇق بىر شەكىلدە پىكىر ئالماشتۇرۇشۇم مۇمكىن بولمىدى، پەقەت غۇلجادا سابىت داموللا ھاجىمنىڭ بىر مىللىي ئىنقىلاب ئۈچۈن پائالىيەتكە كىرىشىش پىكرىدە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. مەنمۇ مەقسىتىمنى سابىت داموللا ھاجىمغا ئاچتىم. بىرقانچە كېچە سۆھبەتلەشتۇق. ھازىرقى ئەھۋالدا، يۇرت ۋە خەلقىمىزنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن، قوراللىق بىر مىللىي ئىنقىلاب قوزغاشتىن باشقا چارە قالمىغانلىقى ھەققىدە بىر پىكىرگە كەلدۇق. ئىنقىلاب خوتەندىن باشلانسا ئۇيغۇن بولىدۇ، دەپ قارار قىلىشتۇق.»
ياش مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1930-يىلىدىكى ۋەتەن ساياھىتى ئەسناسىدا چۆچەكتە مەشھۇر تاتار ئالىمى شەيخ مۇھەممەد مۇرات رەمزى بىلەن، غۇلجادا سابىت داموللام بىلەن ئۇچرىشىشى، ئۇنىڭ كېيىنكى يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلاب ھاياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. بولۇپمۇ غۇلجادا سابىت داموللام بىلەن ئۇچرىشىش ۋە بىرقانچە كېچە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، ئۇ «يۇرت ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن، بىر مەيدان قوراللىق مىللىي ئىنقىلاب قوزغاشتىن باشقا چارەنىڭ قالمىغانلىقى» نى چوڭقۇر دەرىجىدە تونۇپ يەتكەن ئىدى. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ مۇجادىلە ھاياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلغان بىلىم ئادەملىرىنىڭ كۆزىتىشىچە، «ھەزرىتىم» (مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ خەلق ئىچىدىكى ھۆرمەت نامى) نىڭ بۈيۈك مىللىي ئىنقىلاب ھارپىسىدا غۇلجادا سابىت داموللام بىلەن ئۇچرىشىشى، بۇ ئىككى يولباشچىنىڭ كەلگۈسىسدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنى پىلانلاش ۋە ئۇنىڭ يول خەرىتىسىنى سىزىشىدا ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم بىر پۇرسەت بولغان ئىدى. تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن سابىت داموللامنىڭ 1930-يىلى غۇلجادا ئۇچرىشىشىنىڭ بىر تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى، ھەر ئىككەيلەننىڭ مىللىي ئىنقىلابقا ھازىرلىنىش ئۈچۈن «ساياھەت» نامىدا تەكشۈرۈشكە چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تۈركىيە چاناقەلئە 18-مارت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور نۇرئەھمەد قۇربان، ياش مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن سابىت داموللامنىڭ غۇلجادىكى ئۇچرىشىشىنىڭ 1930-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قېتىملىق مۇھىم ئۇچرىشىش بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ ئەمەلىيەتتە 1933-يىلى ئەتىيادا خوتەندە قۇرۇلغان خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى بىلەن 1933-يىلى نويابىردا قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يول خەرىتىسىنى سىزىشتا پىكىر ۋە ئىدىيە مەنبەسى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
«شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ نەۋرە تۇغقانلىرىدىن ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندىمۇ، ھەزرىتىمنىڭ 1930-يىلى غۇلجادا سابىت داموللام بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ خوتەن ئىنقىلابىنىڭ پىلانلىنىش ۋە روياپقا چىقىشىدا مۇھىم بىر قارار مەنبەسى بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ھالبۇكى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر دەرىجىدە ئۆگەنگەن يەنە بىر قىسىم بىلىم ئادەملىرى، ھەزرىتىمنىڭ 1930-يىلىدىكى ۋەتەن ساياھىتى ئەسناسىدا غۇلجادا سابىت داموللام بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى «بىر تاسادىپىيلىق» دەپ قارايدۇ. ئىستانبۇلدىكى «تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى» نىڭ باشلىقى، نەشرىياتچى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى دەل مۇشۇ قاراشتىكى بىلىم ئادەملىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى شەرھىيلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن سابىت داموللام غۇلجادا تاسادىپىي ئۇچراشقان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى بىر-بىرى بىلەن تونۇشىدىغان ياكى تونۇشمايدىغانلىقىنى تەستىقلايدىغان مەنبەلەرگە ئىگە ئەمەسمىز. ئۇلارنىڭ شۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا مىللىي ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىش ھەققىدە سۆزلەشكەنلىكى ئېنىق، ئەمما مېنىڭ شەخسىي قارىشىمچە ئۇلارنىڭ شۇ قېتىم دۆلەت قۇرۇش ۋە مىللىي ھۆكۈمەت تەشكىللەش توغرىلىق سۆزلەشكەن بولۇشى ناتايىن. چۈنكى شۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن سابىت داموللام دۇنيا ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا پايدىلىق بولغان تاشقىي ئامىللارنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن چەت ئەل سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا خوتەنگە قايتىپ مىللىي ئىنقىلاب تەييارلىقىغا كىرىشىدۇ.»
دوكتور نۇرئەھمەد قۇربان ئەپەندىمۇ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن سابىت داموللامنىڭ غۇلجادىكى ئۇچرىشىش ئەسناسىدا قوراللىق ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىش توغرىلىق پىكىر بىرلىكىگە كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىنقىلاب نەتىجىسىدە قۇرۇلغۇسى مۇستەقىل دۆلەتنىڭ قانداق شەكىلدىكى بىر جۇمھۇرىيەت بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ قانۇنىي ئاساسى ۋە دۆلەت تۈزۈمى، شۇنداقلا ئىدارە ئەھۋلى توغرىلىق كونكىرېت بىر لايىھەگە كەلمىگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ، خوتەن ئىنقىلابى پارتلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي سابىت داموللامنىڭ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ توسقۇنىغا قارىماي خوتەندىن قەشقەرگە كەتكەنلىكىنى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا دۆلەت قۇرۇش مەسىلىسىدە ئىككەيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئىختىلاپى كۆرۈلگەنلىكىنى بۇنىڭ بىر دەلىلى سۈپىتىدە كۆرسىتىدۇ.
نەشرىياتچى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن سابىت داموللامنىڭ 1930-يىلى غۇلجادىكى ئۇچرىشىشتا مىللىي ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىش توغرىلىق ھەر ئىككەيلەننىڭ پىكىر بىرلىكىگە كەلگەنلىكىنى دەلىللەيدىغان يازما مەنبەلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە قانداق بىر دۆلەت قۇرۇش ۋە مىللىي ھۆكۈمەت تەشكىللەش توغرىلىق پىكىر بىرلىكىگە كەلگەنلىكىنى دەلىللەيدىغان مەنبەلەرنىڭ يوقلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە خوتەن ئىنقىلابى غەلىبە قىلىپ، خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، سابىت داموللام بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئىختىلاپىنىڭ كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقى، سابىت داموللامنىڭ ھەزرىتىمنىڭ شۇنچە توسقۇنىغا قارىماي ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرغان قەشقەرگە يول ئالغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن خوتەن قوشۇنلىرى بىلەن قەشقەردىكى يەرلىك ئىنقىلابچىلار ئوتتۇرىسىدا چۈشىنىشمەسلىك ۋە سۈركۈلۈشلەر كېلىپ چىققانلىقى، كېيىنچە سابىت داموللامنىڭ مىللىي ئىنقىلاب رەھبىرى خوجانىياز ھاجىم ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ پىكرىنى ئالمايلا قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ئېلان قىلغانلىقىدەك بىر قاتار ۋەقەلەرنى ساناپ ئۆتىدۇ.
ئاخىرىدا ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، 1930-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلاب تارىخىغا شۇ دەۋردىكى مۇرەككەپ سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ نۇقتىسىدىن ئوبيېكتىپ باھا بېرىش كېرەكلىكىنى، سابىت داموللام باشچىلىقىدا قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى گەرچە ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىچكىي ۋە تاشقىي كۈچلەرنىڭ زەربىسىدە يىقىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە مىللىي دۆلەتچىلىكنىڭ مەنىۋىي مىراسى بولغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.
(داۋامى بار)