مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (10): مەخپىي تەشكىلات قۇرۇپ مىللىي ئىنقىلابقا ھازىرلىنىش

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2022.06.07
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (10): مەخپىي تەشكىلات قۇرۇپ مىللىي ئىنقىلابقا ھازىرلىنىش مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (سەپنىڭ ئالدىدا قىلىچ تۇتۇپ تۇرغان قارا كىيىملىك كىشى) نىڭ قوماندانلىقىدا ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈۋاتقان خوتەن ئەسكەرلىرى. 1933-يىل ئەتىياز، خوتەن.
RFA/Qutlan

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئابىدە كىتابىدا 1930-يىلىدىكى ۋەتەن ساياھىتىدىن ئالغان ھاسىلاتلىرى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن بۇ ساياھىتىم نەتىجىسىدە تۆۋەندىكى ئىككى مەسىلىنى ئېنىقلىۋالدىم: بىرىنچىدىن، ھەممىدىن بۇرۇن مەخسۇس ئەسكىرىي ماھىيەتتە بىر مەخپىي تەشكىلات قۇرۇپ چىقىپ، دۈشمەن خەۋەردار بولۇپ قېلىشتىن ئىلگىرى كۈچ توپلىۋېلىش؛ بۇ يول بىلەن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا خەلقىمىزنى ئىنقىلابقا ھازىرلاش ئۈچۈن تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش؛ ئىككىنچىدىن، ئىنقىلابنىڭ مەركىزى خوتەندە بولۇش، چۈنكى جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى ۋە خەلقنىڭ روھى ھالىتى جەھەتتە بۇ ۋىلايەتنى ھەممىدىن ئۇيغۇنراق كۆردۈم.»

ياش مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ قەلبىدە كەلگۈسى مىللىي ئىنقىلابنىڭ يالقۇنى كۆۋەجەپ تۇرغان بىر مەزگىللەردە، يەنى 1931-يىلى 4-ئايدا قومۇل ئىنقىلابى پارتلايدۇ. قومۇل ئىنقىلابىنىڭ يالقۇنى ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەتراپقا كېڭىيىپ، 1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ پەردىسىنى ئاچىدۇ. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، قومۇل ئىنقىلابى بىر مەيدان مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابىغا ھازىرلىنىپ تۇرغان ياش مۇھەممەد ئەمىن بۇغراغا زور ئىلھام ۋە ئۈمىد بېغىشلايدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئۆزىمۇ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدا، قومۇل ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى پىلانلىرىنىڭ خىيالدىن رېئاللىققا يۈزلەنگەنلىكىنى، مىلىتارىست جىن شۇرېننىڭ ئەسكىرىي كۈچى قومۇل تەرەپكە توپلانغان بولغاچقا، خوتەندە تەشكىلات قۇرۇپ ئىنقىلابغا ھازىرلىنىش ئۈچۈن پۇرسەت تۇغۇلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ: «شۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، قومۇل ئىنقىلابى قوزغالدى. ئالتەشەھەر تەرەپلىرىگە ئىنقىلاب خەۋەرلىرى ئانچە-مۇنچە كەلگىلى باشلىدى. 1932-يىلى پۈتۈن دۈشمەن قوشۇنلىرىنىڭ قومۇلغا يىغىلغانلىقى ۋە باشقا جايلارغا يۆتكىگىدەك زاپاس دۈشمەن كۈچى يوقلۇقى مەلۇم بولدى. بۇ ۋەزىيەتتە ئالتەشەھەرنىڭ مۇھىم يەرلىرىدە تەشكىلات قۇرۇپ چىقىش يېتەرلىك بولىدۇ، دەپ ئويلىدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈم ئويلاپ يۈرگەن ئەسكىرىي ماھىيەتتە بىر تەشكىلات قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلدىم. ھىجىرىيە 1351-يىلى جامادىئەل ئەۋۋەلنىڭ 15-كۈنى (مىلادىيە 1932-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى) كېچىسى بۇ پىكرىمنى ئىنىم نۇرئەھمەدكە ئېيتتىم. ئۇ پەۋقۇلئاددە ھاياجان بىلەن بۇ پىكرىمنى قوللىدى. تەشكىلاتىمىزنىڭ بىرىنچى ئەزاسى ئىنىم نۇرئەھمەد بولدى. شۇ كۈندىن باشلاپ بىردىن-ئىككىدىن ئەزا توپلاشقا باشلىدۇق ۋە بىر ئاي ئىچىدە ئەزالىرىمىز ئەللىكتىن ئاشقان بىر مەخپىي تەشكىلات قۇرۇپ چىقتۇق.»

نەشرىياتچى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، گەرچە ئىنقىلابنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە خوجانىياز ھاجى بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈرلۈك ئىختىلاپلار كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما 1931-يىلىدىكى قومۇل ئىنقىلابى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ئۈچۈن، جۈملىدىن خوتەن ئىنقىلابى ئۈچۈن ئىلھام مەنبەسى ۋە قوزغاتقۇچى كۈچ بولغانىدى.

ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ جىيەنى مەرھۇم دوكتور ياقۇپ بۇغرانىڭ نەۋرىسىدۇر. ئۇ م. بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىش جەريانىدا، ھەزرىتىمنىڭ 1930-يىلىدىكى ۋەتەن ساياھىتىدىن كېيىن خوتەندە قۇرغان مەخپىي تەشكىلاتنىڭ خوتەن ئىنقىلاب ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

1932-يىلى سېنتەبىردە خوتەندە مەخپىي تەشكىلات رەسمىي قۇرۇلغاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئىككى ئىنىسى ۋە تالىپلىرىنى ئىشقا سېلىپ، تېز سۈرئەتتە تەشكىلات ئەزلىرىنى كېڭەيتىدۇ ۋە قورال-ياراق توپلاشقا كىرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قەشقەر ۋە يەركەنتە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ شۆبىلىرىنى قۇرۇش ھەم ئەزالىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن ئىنىسى نۇرئەھمەدنى قەشقەرگە ئەۋەتىدۇ: «قەشقەر ۋە يەركەندىمۇ تەشكىلات قۇرۇش پىكرى تۇغۇلدى. قەشقەردە تەشكىلات قۇرۇپ چىقىشىمىز ئوڭاي بولىدۇ، دەپ ئىنىم نۇرئەھمەدنى قەشقەرگە ئەۋەتتۇق. كېيىنچە ئەزالىرىمىزدىن قۇربانۇللانىمۇ ئەۋەتتۇق. بۇ ئىككىسى بۇرۇن قەشقەردە بىر مەزگىل ئوقۇغان ئىدى. بۇلارغا يەنە قەشقەردىكى چىن ئەسكەرلىرىنىڭ سانى، ئەمەلىي كۈچى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ كېلىشنىمۇ تاپشۇرغانىدۇق. ئۇلار قەشقەردە تەشكىلات قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى، ئەمما باشقا ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇنداپ، ئىنقىلابقا ئۈلگۈرۈپ خوتەنگە قايتىپ كەلدى.»

مەخپىي تەشكىلات قۇرۇلۇپ تاكى خوتەن ئىقىلابى پارتلىغۇچە بولغان يېرىم يىلدەك جەرياندا، ئىنقىلابنىڭ تۈرلۈك تەييارلىقلىرى جىددىي رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ھەزرىتىم بىر تەرەپتىن مەسچىتلەردە تەبلىغ قىلىش نامى بىلەن خەلققە نۇتۇق سۆزلەپ مىللىي ئىنقىلابقا چاقىرىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى قاراقاش، خوتەن، لوپ قاتارلىق جايلاردا قورال-ياراق ۋە پۇل-مال توپلاپ ئىنقىلابقا ھازىرلىنىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدا، خوتەن ئىنقىلابى پارتلاشنىڭ ھارپىسىدا تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ سانى ۋە توپلانغان قۇرال-ياراقلارنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى خىتاي قۇۋۋەتلىرىنىڭ كۈچى بىلەن تەڭلەشكىدەك دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ: «خوتەندىكى ئەزالارنىڭ ئەڭ مۇھىم پائالىيىتى مۇمكىنقەدەر كۆپرەك قورال ۋە پۇل توپلاش ئىدى. مەخپىي پائالىيەتلىرىمىز تەقدىرگە لايىق دەرىجىدە داۋام قىلماقتا ئىدى. ئالتە ئاي داۋام قىلغان مەخپىي پائالىيەتلىرىمىز نەتىجىسىدە، قاراقاشنىڭ پۈتۈن يېزا-كەنتلىرىدە ھەر قاتلام خەلق ئىچىدىن ئەزا توپلاندى ۋە ھەر بىر ئەزا ئۆزىگە لايىق ۋەزىپىگە تەيىن قىلىندى. ئىلچى ئەتراپىدىنمۇ خېلى كۆپ كىشىلەر تەشكىلاتىمىزغا قېتىلدى. دۈشمەننىڭ پۈتۈن ھەرىكەت ۋە مەخپىي ئەھۋاللىرىدىنمۇ ھەر كۈنى خەۋەر ئېلىپ تۇرالايدىغان بولدۇق. شۇنداق قىلىپ، شۇ يىلىنىڭ شەۋۋال ئېيى (10-ئاي) غىچە، ئەزالىرىمىزنىڭ سانى ۋە قوراللىرىمىز خوتەن ۋىلايىتىدىكى چىن قۇۋۋەتلىرىنىڭكىگە تەڭلەشتى.»

ئاخىرىدا پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1930-يىلىدىكى ۋەتەن ساياھىتىدىن كېيىن خوتەندە قۇرغان مەخپىي تەشكىلاتىنىڭ خوتەن ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە قىلىشىدا تەشكىلىي ۋە ئەسكىرىي جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.