1930-يىللارنىڭ باشلىرىدا خوتەن ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلغان ۋە خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنى قۇرغان؛ ئافغانىستاندىكى ھىجرەت يىللىرىدا مۇنقەرز ۋەتىنىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ياپونىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن بىر مەھەل مەخپىي ئالاقىلەر قۇرغان؛ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» دىن ئىبارەت ئابىدە ئەسەرنى يېزىپ چىققان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، 1943-يىلىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە نېمە ئۈچۈن خىتاي مەركىزىگە بېرىش يولىنى تاللىۋالدى؟ بۇ ئۇنىڭ قوراللىق ئىنقىلاب يولىدىن ۋاز كەچكەنلىكى ياكى سىياسىي مۇرەسسە يولىنى تاللىۋالغانلىقىنىڭ نەتىجىسىمۇ؟ ۋە ياكى ماكان ۋە زاماننىڭ قىستىشى، شۇنداقلا خىتاي مەركىزىگە بېرىشقا مەجبۇر قالغانلىقىدىن بولغانمۇ؟
بۇ سوئاللار ئۇزۇندىن بۇيان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ھاياتى ۋە كۈرەش يولىغا قىزىققۇچىلارنى ئىزچىل ئويلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان، ئەمما قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تېپىلمايۋاتقان بىر تارىخىي مۇئەمما ئىدى!
تەيۋەن دۆلەتلىك تارىخ سارىيى يېقىندا 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا رايونلار، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستانغا دائىر بىر قاتار مەخپىي ئارخىپلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى بىكار قىلىپ، ئاۋامغا ئاشكارا قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1942-يىلى مارت ئايلىرىدا ئافغانىستاندىن ئەنگلىيە ئىشغالىيىتىدىكى ھىندىستانغا كېلىشى؛ ئارقىدىنلا ئىنگلىز دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشى؛ ئامىنە بۇغرا خانىمنىڭ يولدىشىنى تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھىندىستاندىكى ئىنگلىز دائىرىلىرى بىلەن كالكۇتتادىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسىغا ئەرز سۇنۇشى؛ ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ چوڭچىڭدىكى گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە دوكلات سۇنۇپ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى ئىنگلىز تۈرمىسىدىن بوشىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى؛ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ھىندىستاندىكى ئىنگلىز دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدا بۇغرانىڭ دېلوسىنى مەركەز قىلغان جىددىي دىپلوماتىك تارتىشمىلار ھەققىدىكى يۈز بەتكە يېقىن ئارخىپ ھۆججەتلىرىمۇ ئۇچرايدۇ.

ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ياش ئۇيغۇر بىلىم ئادىمى تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تەيۋەن دۆلەتلىك تارىخ سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان «ھىندىستانغا كىرگەن شىنجاڭلىق مۇھاجىر مۇھەممەد ئەمىننى قۇتقۇزۇش» ناملىق مەخسۇس دوكلات، بۇغرانىڭ ھىندىستاندا قولغا ئېلىنىش ۋە تۈرمىدىن بوشىتىلىش جەريانىنى بىلىشتە مۇھىم مەنبە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
مەزكۇر ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئىچىدە ئامىنە بۇغرا خانىمنىڭ ھىندىستاندىكى شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرىدىن مۇھەممەد قاسىم ھاجى بىلەن بىرلىكتە كالكۇتتادىكى مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) باش كونسۇلخانىسىغا يازغان بىر پارچە ئىلتىماسى ئالاھىدە دىققەت سازاۋەردۇر. ئىنگلىزچە يېزىلىپ ئامىنە بۇغرا خانىمنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان مەزكۇر ئىلتىماستا خوتەن ئەمىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1942-يىلى 30-ماي كۈنى تاج-ماھال مېھمانخانىسىدا قولغا ئېلىنغانلىقى، ئارقىدىنلا تۇغقىنى ئابدۇلكەرىم ھاجىنىڭمۇ قولغا ئېلىنغانلىقى، مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتى ۋە كالكۇتتادىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ بۇ ئىشقا ئارا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىنگلىز تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىشىگە ياردەم قىلىشى تەلەپ قىلىنغان. تەيۋەن ئارخىپلىرىدىكى بۇ تارىخىي ھۆججەتلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلغان تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، ئامىنە بۇغرا خانىمنىڭ كالكۇتتادىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا يازغان مەزكۇر ئىلتىماسى ھەققىدە مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ.
ئامىنە بۇغرا خانىم ۋە مۇھەممەد قاسىم ھاجى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىشى، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ چوڭچىڭدىكى گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە ئارقا-ئارقىدىن دوكلاپ ۋە ئىلتىماس سۇنۇپ، ھىندىستاندا قولغا ئېلىنغان خوتەن ئەمىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى ئىنگلىز تۈرمىسىدىن بوشىتىشنى تەلەپ قىلىشى ئارقىسىدا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى كالكۇتتادىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسىغا ئالاقە ئەۋەتىپ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ دېلوسىنى سۈرۈشتە قىلىشنى بۇيرۇيدۇ. بۇنىڭ بىلەن 1942-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى كالكۇتتادىكى خىتاي باش كونسۇلى يېڭى دېھلىدىكى ئىنگلىز دائىرىلىرىگە مەكتۇپ يوللاپ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن ئابدۇلكەرىم ھاجىلارنىڭ دېلوسىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ، شۇنداقلا باشقا ئالاھىدە مەسىلە بولمىسا، ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇ كۈنى يېڭى دېھلىدىكى ئەنگلىيەگە قارام ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقىي ئىشلار سېكرىتارى كالكۇتتادىكى خىتاي باش كونسۇلىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، خوتەن ئەمىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ خىتاي مەركىزىگە كېتىشنى رەت قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ھىندىستانغا كەلگەندىن بۇيانقى ھەرىكەت ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ «ياپونىيە جاسۇسى» بولۇشتەك گۇماننى تۇغدۇرغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ.

ھالبۇكى، چوڭچىڭدىكى مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) دائىرىلىرىنىڭ ھىندىستاندا قولغا ئېلىنغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ دېلوسىغا ئارىلىشىشى، كۆپ تەرەپلىمىلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بولغان ئىدى. ئۇلارنىڭ كالكۇتتادىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسىغا كۆرسەتمە بېرىپ، بۇغرانىڭ دېلوسىنى سۈرۈشتە قىلىشى، قانداقتۇر «خىتاي پۇقراسى» دەپ قارالغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغراغا ئىگە چىقىش بولماستىن، بەلكى قوراللىق كۈرەش تەجرىبىسىگە ئىگە ھەم يۇرتىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان خوتەن ئەمىرىنى كۆز ئالدىدا تۇتۇپ تۇرۇش؛ ئۇنىڭ ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئىتتىپاق تۈزۈۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى. شۇڭىمۇ كالكۇتتادىكى خىتاي باش كونسۇلى 1942-يىلى 2-سېنتەبىردە چوڭچىڭغا ئايرىم تېلېگرامما ئەۋەتىپ، بۇغرانىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ياپونىيە بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.
گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ كۆرۈنۈشتە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى ئىنگلىز تۈرمىسىدىن چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئاستىرتىن بۇغرانىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئافغانىسىتاندىكى پائالىيەتلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقى؛ ئۇنىڭ ياپونىيە بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ئىچكىي باغلىنىشىنىڭ بولۇپ قېلىشىدىن خەۋپسىرەۋاتقانلىقى مەلۇم بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن چوڭچىڭدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، 1942-يىلىنىڭ دېكابىر ئېيىدا «مۇھەممەد ئەمىننىڭ ئىش-ئىزلىرى» ناملىق مەخسۇس دوكلات يېزىپ گومىنداڭ مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىغا تاپشۇرىدۇ. مەزكۇر دوكلاتنى كۆرۈپ چىققان تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەيسا ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ياپونىيە بىلەن ھەرقانداق شەكىلدىكى ئالاقىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇ يەنە ئىنگلىز دائىرىلىرىنىڭ بۇغرانىڭ ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى تەسىرىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى قولغا ئالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.
تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، بۇغرانىڭ خاتىرەلىرى ۋە «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك يازمىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلىنىپ، بۇغرانىڭ ئۆز دەۋرىدىكى دۇنيا سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى جىددىي ئۆزگىرىشلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاي مەركىزىگە بېرىپ سىياسىي كۈرەش يولىنى تۇتۇشنى قارار قىلغانلىقىنى؛ ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ بولسا بۇ ئىشتا ۋاسىتىچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ
تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن گومىنداڭ مەركىزىگە يازغان دوكلاتىدا، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئافغانىستاندا ئۆزى بىلەن كۆرۈشكەن چاغدا خىتاي مەركىزىگە بېرىش ئۈچۈن ئىككى شەرتنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى؛ يەنى بىرىنچىدىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا سېتىۋېتىلمەسلىكىنى، ئىككىنچىدىن، ئۆزىنىڭ خىتاي مەركىزىگە بېرىشتىن ئىلگىرى بىر مەزگىل ھىندىستاندا تۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن.

ئەيسا ئەپەندى دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇغرانىڭ دېلوسىغا تېزدىن ئارىلىشىشىنى؛ ئەگەر ئۇنىڭ ياپونىيە بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقى دەلىللەنسە، دەرھال ئۇنى ئىنگلىز تۈرمىسىدىن بوشىتىپ چىقىشىنى؛ ھىندىستاندا ئىگە-چاقىسىز قالغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئىگە چىقىشىنى؛ ئەگەر بۇغرانىڭ ھىندىستاندا داۋاملىق تۇرۇشى بىئەپ بولسا، ئۇنى خىتاي مەركىزىگە قايتۇرۇپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ھىندىستاندىكى ئىنگلىز دائىرىلىرى بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا بۇغرانىڭ دېلوسى توغرىلىق ئېلىپ بېرىلغان بىر مەھەللىك تارتىشمىلاردىن كېيىن، ئاخىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «خىتاي مەركىزىگە كېتىش» شەرتى بىلەن 1942-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىنگلىز تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ. ھىندىستاندىكى ئىنگلىز تۈرمىسىدە 8 ئايدەك قامىلىپ ياتقان بۇغرا ئۈچۈن ئەمدىلىكتە خىتاي مەركىزىگە كېتىشتىن باشقا ئىككىنچى بىر تاللىشى قالمايدۇ. شۇ يىلى 6-ئاپرىل كۈنى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا خانىمى ئامىنە بۇغرا بىلەن بىللە خىتاي ھاۋا يوللىرىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ چوڭچىڭغا يولغا چىقىدۇ.
دەرۋەقە، 1930-يىللاردا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىپ، خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنى قۇرغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1940-يىللارغا كەلگەندە خىتاي مەركىزىگە بېرىشى، ھەقىقەتەنمۇ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بىر تاللاش ئىدى. ھالبۇكى، بۇ مەجبۇرىي تاللاشنىڭ ئارقىسىدا ھەم گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەم ھىندىستاندىكى ئىنگلىز دائىرىلىرىنىڭ ئورتاق ئىش بىرلىكى ھەمدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئالدىغا سوققان چوتلىرى مەۋجۇت ئىدى. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، بۇغرانىڭ خاتىرەلىرى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى مۇرەككەپ تارىخىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، بۇغرانىڭ چوڭچىڭغا كېتىشىدىكى كونكىرېت سەۋەبلەر ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.
(داۋامى بار)