مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدا، ئۆزىنىڭ خوتەندىكى مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتنىڭ 18 نەپەر ئاساسلىق ئەزاسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ھىجىرىيە 1351-يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 20-كۈنى پەيشەنبە كېچىسى، يەنى مىلادىيە 1933-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى قاراقاشتىكى خىتاي يامولىغا ھۇجۇم باشلاشنى قارار قىلغانلىقىنى يازىدۇ. ھالبۇكى، خوتەندىكى خىتاي دائىرىلىرى قوزغىلاڭ پىلاندىن خەۋەر تېپىپ قالغاچقا، ئۇلار ھۇجۇم كۈنىنى ئالدىغا سۈرۈپ، مىلادىيە 1933-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى تاڭ سەھەردە تۇيۇقسىز ھۇجۇم باشلايدۇ.
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇرانتى، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغۇچى، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ نەۋرە تۇغقانلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى، خوتەن ئىنقىلابىنىڭ پارتلاش جەريانى ھەققىدە بىرىنچى قول تارىخىي مەنبەلەرگە تايىنىپ، ئۇچۇر بېرىدۇ. ئۇ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا رەھبەرلىكىدىكى خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ پەيتتە ئاقىلانە قارار چىقىرىپ، قوزغىلاڭنى دەل پەيتىدە باشلىغانلىقى ۋە دۈشمەننىڭ ئاجىز نۇقتىسىدىن بۆسۈش ئېغىزى ئاچقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئۇيغۇر خەلق تارىخىي داستانلىرىدا «سۇ ئۇخلىسا ئۇخلار، دۈشمەن ئۇخلىماس» دېگەن ھېكمەتلىك مىسرا بار. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، شۇنچە مەخپىي پىلانلانغان خوتەن ئىنقىلابىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى خوتەندىكى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سېزىلىپ قالىدۇ. تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بىر ئىنقىلابچىغا خاس سەزگۈرلۈك بىلەن مانا مۇشۇنداق ھايات-ماماتلىق پەيتتە جىددىي قارار چىقىرىپ، قوزغىلاڭ ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئەسەرلىرىنى نەشىرگە تەييارلىغان ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، خوتەندىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قوزغىلاڭ ۋاقتىدىن ئالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنى تۇتۇپ جازالىماقچى ۋە خەلققە ئىبرەت قىلماقچى بولغانلىقى، ئەمما ھەزرىتىمنىڭ بىر قەدەمنى بالدۇر ئېلىپ قوزغىلاڭنى مۇددەتتىن بالدۇر باشلاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.
ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى، خوتەن ئىنقىلابىنىڭ قوزغالغان كۈنى ھەققىدە تۈرلۈك قاراشلار ۋە ئوخشىمىغان تارىخلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نىڭ ئەسلى ئورگىنالىنى ئىچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلغانلىقى، كىتابتىكى ھىجىرىيە تەقۋىمى بىلەن مىلادىيە تەقۋىمى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ، خوتەن ئىنقىلابىنى مىلادىيە 1933-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى باشلانغان، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، 68 كىشى بىلەن قاراقاش يامولىغا ھۇجۇم قوزغاشتىن باشلانغان خوتەن ئىنقىلابىنىڭ چاقماق تېزلىكىدە ئۇلغايغانلىقى، قاراقاش ئازاد بولغاندىن كېيىن بىر كۈن ئىچىدە 10 مىڭ كىشىنىڭ ئىنقىلاب سېپىگە قوشۇلغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.
ئۇنداقتا، خوتەن ئىنقىلابىنىڭ بۈيۈك بىر يانغىن كەبى ئەتراپقا تېزلىكتە كېڭىيىشى ۋە قىسقىغىنە ئىككى ئاي ئىچىدە شەرقتە چەرچەن-چاقىلىقتىن غەربتە يەركەنگىچە بولغان بىيپايان تۇپراقلاردا غەلىبىگە ئېرىشىشىنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، بۇنىڭ سەۋەبىنى خەلقنىڭ مىللىي زۇلۇمغا بولغان قارشىلىقى، ئازادلىققا بولغان تەشنالىقى، ئىنقىلاب تەييارلىقىنىڭ پۇختا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ رەھبەرلىك جەھەتتىكى ئستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ يوقۇرى ئۈنۈمىگە باغلايدۇ.
ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى، خوتەن ئىنقىلابىنىڭ چاقماق تېزلىكىدە غەلىبىگە ئېرىشىشىنىڭ تۈپ سەۋەبىنى خىتاي زۇلۇمىدىن جاق تويغان خەلقنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئىنقىلابقا تەشنا بولغانلىقى ۋە ئۆزىنى ھازىرلىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن سابىت داموللامدەك ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ باشتا تۇرغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ.
ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىمۇ ئۇزۇن يىللىق مىللىي زۇلۇمنىڭ خوتەن خەلقىنى مىللىي ئىنقىلابقا ھازىرلىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خوتەن خەلقىنىڭ مۇھەممەد ئەمىن ھەزرىتىمگە بولغان ئەقىدىسى ۋە ئىشەنچىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
(داۋامى بار)