1933-يىلى 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى قاراقاش يامولىغا ھۇجۇم قىلىشتىن باشلانغان خوتەن ئىنقىلابى ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە شەرقتە چەرچەن-چاقىلىقتىن غەربتە يەركەن دەرياسىغىچە بولغان تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بىيپايان تۇپراقلارنى ئازاد قىلىدۇ. 1933-يىلى 4-ئايغا كەلگەندە خوتەن ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلغان مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتنىڭ باش ئورگىنى قاراقاشتىن خوتەن ئىلچىغا يۆتكەپ كېلىنىپ، خوتەن ھۆكۈمىتى رەسمىي قۇرۇلىدۇ. خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى توغرىلىق تۈرلۈك مەنبەلەردە تۈرلۈك تارىخلار كۆرسىتىلسىمۇ، ئەمما مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدا بۇ كۈننى «ھىجىرىيە 1350-يىلى زۇلھەججە ئېيىنىڭ 5-كۈنى، يەنى مىلادىيە 1933-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىدى،» دەپ يازىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، خوتەن ھۆكۈمىتى 1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىسىدە دۇنياغا كەلگەن تۇنجى مۇستەقىل ھاكىمىيەت بولۇپ قالىدۇ. خوتەن ھۆكۈمىتى جاكارلانغان كۈنلەردە خوجانىياز ھاجى تېخى ئۈرۈمچى-تۇرپان ئەتراپىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىدى، قەشقەر قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تېخى قۇرۇلمىغان ۋاقىتلار ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، خوتەن ھۆكۈمىتى 1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابىنىڭ تۇنجى

ھاكىمىيەت مېۋىسى ئىدى. ئۇنداقتا، خوتەن ھۆكۈمىتى قانداق خاراكتېردىكى بىر ھاكىمىيەت ئىدى، ئۇنىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسى قانداق بىر سىياسىي تۈزۈلمىنى ئاساس قىلغان؟
تۈركىيە ئەگ ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغان ھالدا، خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ ھەم ئىسلامىي ھەم مىللىي خاراكتېردىكى مۇستەقىل بىر ھاكىمىيەت بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇرانتى، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغۇچى، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ نەۋرە تۇغقانلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى، خوتەن ھۆكۈمىتى ئىشلەتكەن تامغىلاردا «ھۆكۈمەتى ئىسلامىيە خوتەن» دېگەن ئۈچ سۆزنىڭ بارلىقىنى، بۇنىڭدىن بۇ ھاكىمەتنىڭ ئىسلامىي ھۆكۈمەت بولغانلىقىدەك خاراكتېرىنى بىلىشكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ھالبۇكى، خوتەن ھۆكۈمىتىنى قۇرغۇچى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە سابىت داموللا قاتارلىق ئاساسلىق شەخسلەرنىڭ ھەم دىنىي ھەم دۇنياۋىي بىلىملەردىن خەۋىرى بولغان، شۇ ۋاقىتتىكى خەلقئارا سىياسىي ۋەزىيەتنى ياخشى چۈشەنگەن سەرخىللاردىن بولغانلىقىمۇ، خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ خاراكتېرىنى چۈشىنىشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئەسەرلىرىنى نەشىرگە تەييارلىغان ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي نامى توغرىلىق ھازىرغا قەدەر تارىخشۇناسلار ئارىسىدا تۈرلۈك ئاتالغۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭمۇ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدا پەقەتلا «خوتەن ھۆكۈمىتى» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتكەنلىكىنى؛ شۇنداق بولۇشىغا قارىماي دۆلەت باشلىقىنىڭ «مېلىك»، ھەربىي قومانداننىڭ «ئەمىر»، دىنىي رەھبەرنىڭ «شەيخۇلئىسلام» دەپ ئاتالغانلىقىغا ئاساسەن، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلامىي ھاكىمىيەت بولغانلىقى ۋە ئىسلامىي شەرىئەتنى ئۆزىنىڭ قانۇن ئاساسى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ جىيەنى ياقۇپ بۇغرا ئارىدىن يېرىم ئەسىر ئۆتكەندە يازغان «خوتەن قوزغىلىڭى توغرىسىدا ئەسلىمە» ناملىق يازمىسىدا، خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدارە سىستېمىسىنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك شەرىئەت قانۇنى بويىچە يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى، ئىنقىلاب پارتلىغان مەزگىللەردە «قۇرئان» ئايىتى چۈشۈرۈلگەن ئاق بايراقنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى، خوتەن ھۆكۈمىتى رەسمىي قۇرۇلغاندىن كېيىن بولسا «قۇرئان» ئايىتى چۈشۈرۈلگەن ئاي-يۇلتۇزلۇق ھاۋا رەڭ بايراقنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
1933-يىلى 2-ئايدا خوتەن ئىنقىلابى پارتلىغان كۈنلەردە شىۋېتسىيەلىك گېئولوگ نىلس ئامبۇلت (Nils Ambult) چەرچەندە گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا خوتەن قوشۇنلىرى شەرققە يۈرۈش قىلىپ چەرچەننى ئازاد قىلىدۇ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ تەستىقى بىلەن نىلس ئامبۇلت خوتەنگە كېلىدۇ ۋە شۇ يىلى 4-ئايدا خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا شاھىت بولىدۇ. نىلس ئامبۇلت شىۋېتسىيەگە قايتاقاندىن كېيىن 1939-يىلى ئېلان قىلغان «كاراۋان» ناملىق كىتابىدا خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ تولۇق نامىنى «ھۆكۈمەتى ئىسلامىيە جۇمھۇرىيەتى خوتەن» دەپ ئاتايدۇ. نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ساقلىنىۋاتقان نىلس ئامبۇلتنىڭ ئارخىپىدا خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ نامىدىن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئىمزاسى ۋە شەخسىي تامغىسى بېسىلىپ نىلس ئامبۇلتقا بېرىلگەن ئالاھىدە يول خېتىنىڭ ئەسلى نۇسخاسى مەۋجۇت. خوتەن قەغىزىگە يېزىلغان مەزكۇر ئالاھىدە يول خېتىگە «جۇمھۇرىيەتى ئىسلامىيە ھۆكۈمەتى خوتەن» دېگەن قىزىل تامغا بېسىلغان. خوتەن ھۆكۈمىتىدىن قالغان بۇ قىممەتلىك يازما ھۆججەتتىن خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ يالغۇز ئىسلامىي خاراكتېردىكى دىنىي ھاكىمىيەتلا ئەمەس، بەلكى ئۆز دەۋرىدە دۇنيا سىياسىي سىستېمىسىدا ئالقىشلىنىۋاتقان جۇمھۇرىيەت سىستېمىسىنى ياقلايدىغان مىللىي ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدا خوتەن ھۆكۈمىتىنى «مىللىي ھۆكۈمەت» دەپ ئاتىغانلىقىنى، ئۇنىڭ شۇ دەۋرنىڭ مەۋجۇت شەرت-شارائىتلىرىغا كۆرە ھەم ئىسلامىي ھەم مىللىي خاراكتېردىكى ھۆكۈمەت بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
(داۋامى بار)