خىتاي مەركىزىگە كېتىش شەرتى بىلەن ھىندىستاندىكى ئەنگىلىيە دائىرىلىرىنىڭ تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، 1943-يىلى 4-ئايدا ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچراۋاتقان گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاقىتلىق پايتەختى چوڭچىڭغا يېتىپ بارىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك خاتىرەسىگە قارىغاندا، ئۇنى چوڭچىڭدا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى كۈتۈۋالىدۇ.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ بىئوگرافىك خاتىرەسىدە ئەيسا ئەپەندى بىلەن چوڭچىڭدا ئۇزۇن سۆھبەتلەشكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھازىرچە سىياسىي كۈرەش يولىنى تۇتۇش ۋە ئالىي مۇختارىيات ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش توغرىلىق پىكىر بىرلىكىگە كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇغرانىڭ خاتىرەلىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسەن، بۇغرا بىلەن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئەينى ۋاقىتنىڭ سىياسىي شارائىتىغا كۆرە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن بەش ماددىلىق سىياسىي كۈرەش پرىنسىپىنى بەلگىلەپ چىققانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ چوڭچىڭدا مەسئۇت سابىرى ۋە ئەيسا ئەپەندىلەر بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان سىياسىي كۈرەش پائالىيەتلىرى، ئۆز دەۋرىدە گومىنداڭ مەركىزىدىكى سىياسىي ئەربابلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغايدۇ. ئامېرىكادا ياشاۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ بەش ماددىلىق سىياسىي كۈرەش پرىنسىپى، گومىنداڭ مەركىزىدىكى ئوڭچىلار بىلەن سولغا ماھىل سىياسەتچىلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئىنكاسلىرىنى قوزغاش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆز دەۋرىدىكى چوڭچىڭنىڭ سىياسىي ھاۋاسىغا مەلۇم تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم.

1930-يىللارنىڭ باشلىرىدا قوراللىق ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلىپ، خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنى قۇرغان ۋە مىللىي مۇستەقىللىقتىن باشقا ھەرقانداق بىر چىقىش يولىنى رەت قىلغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، 10 يىللىق سىياسىي مۇساپىرلىق ھاياتىدىن كېيىن نېمە ئۈچۈن تىنچ ئۇسۇلدا سىياسىي كۈرەش ئېلىپ بېرىش ۋە ۋاقتىنچە «ئالىي مۇختارىيات» ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككىلەمچى سىياسىي يولنى تاللىۋالدى؟ پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ قارىشىچە، بۇغرانىڭ گومىنداڭ مەركىزىدە سىياسىي كۈرەش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مۇنقەرز ۋەتىنى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئالىي مۇختارىيات ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىنى تاللىۋېلىشى، ئىنتايىن ئازابلىق ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئويلىنىشلاردىن كېيىن ئېلىنغان بىر قارار ئىكەن. ئۆز دەۋرىدىكى مىللەتچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي مەركىزىدە تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن «ئالىي مۇختارىيات» تەلەپ قىلىش _ ئىنتايىن مۈشكۈل بىر جەريان بولسىمۇ، ئەمما ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى داۋام قىلىۋاتقان شۇ يىللاردا بۇغرا قاتارلىق سەرخىللەرنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ئەمەلىي ھەم رېئاللىققا ئۇيغۇنراق بىر يولنى تاللىشى ئىمكانسىز ئىدى.
دېگەندەك، بۇغرا قاتارلىق «ئۈچ ئەپەندى» لەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن «ئالىي مۇختارىيات» ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى سىياسىي كۈرەشلىرى، گومىنداڭ مەركىزىدىكى چېن لىفۇ، چېن گوفۇ قاتارلىق ئوڭ قانات خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا؛ سۇن جۇڭشەننىڭ ئوغلى سۇن كې ۋەكىللىكىدىكى سول قانات خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ بەزىدە شەرتلىك قوللىشى، بەزىدە سۈكۈت قىلىپ بىتەرەپ تۇرۇۋېلىشىدەك مۇرەككەپ پوزىتسىيەسىگە دۇچ كېلىدۇ.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1940-يىللارغا ئائىت خاتىرەلىرىدىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ چوڭچىڭدا بېكىتكەن «بەش ماددىلىق سىياسىي پرىنسىپى» ۋە شۇ بويىچە ئېلىپ بارغان سىياسىي كۈرەشلىرىگە قارىتا گومىنداڭ ھوقۇق مەركىزىدىكى ئوڭ-سول ئىككى گۇرۇھقا مەنسۇپ يۇقىرى قاتلام خىتاي سىياسىيونلىرىنىڭ ئوخشىمىغان ئىككى خىل پوزىتسىيەدە بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ شەرھىيلىشىچە، گەرچە سۇن كې ۋەكىللىكىدىكى سولغا ماھىل خىتاي دېموكراتچىلىرى «ئۈچ ئەپەندى» لەرنىڭ سىياسىي تەلەپلىرىگە ھېسداشلىق قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما چېن گوفۇ، ۋۇ جۇڭشىن قاتارلىق ئوڭ قانات مۇتەئەسسىپ خىتاي مىللەتچىلىرى ئۇلارغا جان-جەھلى بىلەن قارشى چىققان، ھەتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ خىتايدىن پەرقلىق ئايرىم مىللەت ئىكەنلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلمىغان.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتاي مەركىزىدە سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇغرا قاتارلىق سەرخىللەر، گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئوڭ-سول ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋە يوچۇقلاردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىشقا تىرىشىدۇ. تاران ئۇيغۇرنىڭ تەكىتلىشىچە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئۈچ ئەپەندى» لەر 1940-يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى خىتاينىڭ ۋاقىتلىق پايتەختى چوڭچىڭدا، گومىنداڭ ھوقۇق مەركىزىدىكى بىر-بىرى بىلەن پۇت تېپىشىۋاتقان بۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆز تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلاشقا مۇۋەپپەق بولغان.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي مەركىزىدە سىياسىي كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئۈچ ئەپەندى» لەر، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ۋە باشقا جەھەتلەردىكى مول بىلىملىرى، تەجرىبىلىرى، شۇنداقلا سۇن جۇڭشەننىڭ «ئۈچ مەسلەك» تەلىماتىدىكى «مىللەت مەسلىكى» دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى» ۋە «جۇڭخۇا فېدىراتسىيەسىگە قوشۇلۇش ياكى ئايرىلىش ھوقۇقى» نى تۇتقۇ قىلىپ، «ئالىي مۇختارىيات» تەلىپىنىڭ سىياسىي-قانۇنىي ئاساسىنى كۆرسەتمەكچى بولىدۇ. گەرچە ئوڭ قانات مۇتەئەسسىپ خىتاي مىللەتچىلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن گومىنداڭ ھاكىمىيەت مەركىزىدە «ئۈچ ئەپەندى» لەرنىڭ سىياسىي تەلەپلىرىنىڭ رېئاللىشىشى مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆز ئىمكانلىرى يەتكەن دائىرىدە سىياسىي دەۋاسىنى داۋام قىلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەيۋەن دۆلەتلىك تارىخ سارىيى مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارا قىلغان بىر قىسىم تارىخىي ئارخىپ ھۆججەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1940-يىللاردا گومىنداڭنىڭ ھاكىمىيەت مەركىزىدە بىر-بىرى بىلەن پۇت تېپىشكەندەك كۆرۈنگەن ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي توقۇنۇشلار قايسى دەرىجىدە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە موڭغۇلىيە مەسىلىسىگە بولغان قارىشىدا ھېچقانچە پەرق بولمىغان. يېڭىدىن ئاشكارا بولۇۋاتقان بۇ ئارخىپ ھۆججەتلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، گومىنداڭ مەركىزىدىكى ئوڭ-سول ئىككى گۇرۇھقا مەنسۇپ خىتاي سىياسىيونلىرىنىڭ سىياسىي ئىدېئولوگىيەسىدىكى پەرقلەر قانچىلىك زور بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ بىردەكلىكىنى 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى سىياسىي رېئاللىقنىڭ ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
(داۋامى بار)