مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (15): خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2022.08.30
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (15): خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (ئالدىنقى رەت سولدىن 3-كىشى) 1954-يىلى قۇددۇس (ئېروسالىم)تا ئىسلام ئۆلىمالىرى بىلەن بىللە.
public domain

بۈيۈك ئىمپىرىيەلەر ئارىسىدا قىسىلىپ قالغان خەلقلەرنىڭ تارىخىي تەقدىرى ھامان ئەتراپتىكى زور كۈچلەرنىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى ۋە سىياسىي ئويۇنلىرى داۋامىدا قۇربانلىق قىلىۋېتىلىدۇ ياكى ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئېچىلغان «شاھمات تاختىسى» نىڭ بىر پېشكىسىغا ئايلاندۇرىۋېتىلىدۇ.

1930-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ مەسئىلى يېقىلىشتىن ئىلگىرىلا دۇنيانىڭ گېئو-سىياسى ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر دەرىجىدە كۆزىتىپ كۆرگەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، خوتەن ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى كۈنلەردە قوشنا ئەللەرنىڭ قوللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان ئىدى. يەنە كېلىپ شەرقتە خىتاي، غەربتە سوۋېتلەر ئىتتىپاقى، جەنۇبتا ھىندىستاننى بېسىپ ياتقان بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپىرىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ سەزگۈر تۇپراقتا ئەتراپتىكى زور كۈچلەرنىڭ مۇداخىلىسىدىن خالىي ھالدا مۇستەقىل بىر ھاكىمىيەتنى تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ ئىنتايىن قىيىنلىقىنىمۇ ئوبدان بىلەتتى.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتورانتى، مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا جەمەتىگە مەنسۇپ ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ مىللىي ئىنقىلابتىن خېلى يىللار ئىلگىرىلا ئەتراپتىكى ئىككى بۈيۈك ئىمپىرىيە ۋە باشقا قوشنا ئەللەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ تەقدىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇ خوتەن ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردىلا سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسىدا دۇنياغا كەلگەن بۇ ئىسلامىي ھاكىمىيەتكە دۈشمەنلىك نەزەرى بىلەن قارايدىغانلىقىنى، ھىندىستاننى بېسىپ ياتقان بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپىرىيەسىنىڭمۇ مۇستەملىكە رايونلىرىنىڭ مۇقىملىقىنى كۆزلەپ، خوتەن ھۆكۈمىتىگە سوغۇق نەزەر بىلەن قارايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدى. تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ بۇ نۇقتىنى تەكىتلەيدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى خوتەن ھۆكۈمىتى گەرچە سوۋېت بولشېۋىكلار ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىغا، بولۇپمۇ ئىنقىلاب نەتىجىسىدە دۇنياغا كەلگەن خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى ياكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغانلىقىنى خېلى بالدۇر جەزملەشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ھىندىستاندىكى بۈيۈك بىرىتانىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىنكاسىغا قارىتا يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە ئۈمىد كۈتۈشكەن ئىدى. ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى، 1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىلىرىنىڭ بىرىتانىيە ئىمپىرىيەسىگە بولغان خاتا مۆلچەرى ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ياقۇب بەگ دەۋرىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن خاتا چۈشەنچىلەرنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى مەسىلىسىدە رۇسلار بىلەن ھەرقانداق شەكىلدە بىر ئاڭلاشما ھاسىل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى، ھەتتا ئۇنىڭ زەرەر كەلتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئىنتايىن ئېنىق پىكىرگە ساھىب ئىدى.

ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئەسەرلىرىنى نەشىرگە تەييارلىغۇچى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھىندىستاندىكى بىرىتانىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرمايدىغانلىقىنى ئۆز دەۋرىدىلا ھېس قىلىپ يەتكەن. شۇڭا خوتەن ھۆكۈمىتى قۇربانۇللا ۋە مىيان ھەسەنخان باشچىلىقىدا يەركەندىن بىر ئەلچىلەر ئۆمىكى تەشكىللەپ ئافغانىستانغا ئەۋەتكەن. ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بۇ ئەلچىلەر ئۆمىكىنى قىزغىن كۈتىۋالغان ۋە ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما رەسمىي ئالاقىلار باشلانمايلا خوتەن ھۆكۈمىتى يىقىلغان.

ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندىمۇ خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە پەقەت ئافغانىستانغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىنىڭلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئافغانىستان پادىشاھى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭدىن ئىجابىي بىر نەتىجە ھاسىل بولغۇچە خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ تۇڭگانلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ تاشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ ئافغانىستانغا ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت تارىخىدىكى بىردىن-بىر ئوڭۇشلۇق دىپلوماتىك سەپەر بولغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭدىن نەتىجە كۆرۈلگىچە خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

دەرۋەقە، تارىخ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ ئىستىقبالىنى يارقىن بىر نەتىجىگە ئۇلايدىغان مۇمنكىنچىلىكنى بەرمەيدۇ. بۈيۈك ئىمپىرىيەلەر ۋە زور كۈچلەرنىڭ ئارىلىق نۇقتىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ مىللىي ئىنقىلابى يەنە ئاشۇ ئەتراپتىكى بۈيۈك كۈچلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ قۇربانى قىلىۋېتىلىدۇ. ھالبۇكى، مەيلى خوتەن ھۆكۈمىتى بولسۇن ياكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بولسۇن، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تارىخىنىڭ شۇنچە قىسقا بولۇشىغا قارىماي، ئەتراپتىكى قوشنا ئەللەر بىلەن مەلۇم دەرىجىدە مۇناسىۋەت قۇرۇشقا ئۈلگۈرگەن ئىدى. خۇددى ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى تەكىتلىگەندەك: «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ جاسارەتلىك ئوغلانلىرى، ئەتراپتىكى شۇنچە كۆپ توسالغۇ ۋە جاھانگىر كۈچلەرنىڭ دۈشمەنلىكلىرىگە قارىماي، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى دۇنياغا كۆرسىتىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى!»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.