مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (16): خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ئالاقىلىرى

0:00 / 0:00

1933-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى بولسۇن ياكى 1933-يىلى 11-ئايدا قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بولسۇن، ئۇلارنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەتراپتىكى بۈيۈك كۈچلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان ئىنتايىن سەزگۈر بىر مەسىلە ئىدى. بۇنى ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت رۇسىيەسىمۇ ھەم ھىندىستاننى بېسىپ ياتقان بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپىرىيەسىمۇ ئەسلا خالىمايتتى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىتىنىڭ قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپلا ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆز ئىمكانىيەتلىرى دائىرىسىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدا، «خوتەن ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپلا، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى سىياسىتى توغرىسىدا غەيرىي-رەسمىي يوللار بىلەن مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقانلىقى» نى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ يەنە «چەت دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش مەسىلىسىنىڭ مۇھىملىقى، ئەڭ بۇرۇن خوتەن ئىنقىلابچىلىرىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى» دەپ يازىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (ئوڭدىن 1-كىشى) ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن (سولدىن 1-كىشى) تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى مەمدۇھ شاۋكەت ئەسەندال (ئوتتۇرىدىكى كىشى) بىلەن بىللە. 1952-يىلى، ئەنقەرە. (مەنبە: «سۈرەتلەر بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا» ناملىق توپلام)
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (ئوڭدىن 1-كىشى) ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن (سولدىن 1-كىشى) تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى مەمدۇھ شاۋكەت ئەسەندال (ئوتتۇرىدىكى كىشى) بىلەن بىللە. 1952-يىلى، ئەنقەرە. (مەنبە: «سۈرەتلەر بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا» ناملىق توپلام) (RFA/Qutlan)

ھالبۇكى، خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستانغا رەسمىي ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن قانداق بىر شەكىلدە ئالاقە قىلىشقا تىرىشقانلىقى ھەققىدە قولىمىزدا يېتەرلىك مەنبە يوق. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى ھەققىدە ھېچبىر مەلۇماتنىڭ يوقلۇقىنى، گەرچە سابىت داموللام شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى نامىدىن تۈركىيەگە بىر ۋەكىل ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن بىر نەتىجە چىقمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئەسەرلىرىنى نەشرگە تەييارلىغان ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدا ۋە باشقا خاتىرەلىرىدە خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز دەۋرىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئالاقە قىلغانلىقى توغرىلىق ھېچبىر مەلۇمات بەرمىگەنلىكىنى، ئەمما سابىت داموللامنىڭ تۈركىيەلىك بىرىنى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى» سالاھىيىتى بىلەن تۈركىيەگە ئەۋەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھېچبىر نەتىجە قازىنالماي غايىب بولغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ.

دەرۋەقە، 1930-يىللاردىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇستافا كامال ئاتاتۈركنىڭ بىر يۈرۈش كەسكىن ئىسلاھاتلىرى نەتىجىسىدە سېكيۇلارىزم، يەنى دىندىن خالىي ھاكىمىيەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن ياش بىر مىللىي دۆلەت ئىدى. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتورانتى ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى، ئەينى ۋاقىتتا كامالىزم ئىدئېولوگىيەسىنى ئۆزەك قىلىپ، دىن بىلەن ھاكىمىيەتنى كەسكىن دەرىجىدە ئايرىغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي قان-قېرىنداشلىق نۇقتىسىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا ھېسداشلىق قىلسىمۇ، ئەمما خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدىن ئىبارەت ئىسلامىي خاراكتېردىكى بۇ ھاكىمىيەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش مەسىلىسىدە ئېھتىيات قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەيلى ئۆز دەۋرىدىكى ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە بولسۇن ياكى تۈركىيەنىڭ 1930-يىللادىكى دۆلەت ئارخىپلىرىدا بولسۇن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىغا قانداق پوزىسىيە تۇتقانلىقى توغرىلىق يېتەرلىك ئۇچۇر-مەلۇماتلار يوق. ھالبۇكى، ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى، خوتەن ئىنقىلابى يىقىلىپ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئافغانىستانغا ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ كابۇلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مەمدۇھ شەۋكەت ئەسەندالنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ھىمايەسىگە ئېرىشكەنلىكىنى، تۈركىيە باش ئەلچىسىنىڭ بىۋاسىتە ياردىمى بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1930-يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدا مەھمەت رىزا بېكىننى ئۆزئىچىگە ئالغان شەرقىي تۈركىستانلىق بالىلارنى تۈركىيەگە ئەۋەتىپ ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.

1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەر ھەققىدە يازما مەنبەلەرنىڭ شۇنچە ئاز بولۇشىغا قارىماي، يېقىندىن بۇيان تۈركىيەنىڭ تاشقىي دىپلوماتىيە تارىخىغا ئائىت ئارخىپلارنىڭ ئېچىلىشى، بۇ ھەقتىكى بەزى بوشلۇقلارنى تولدۇرماقتا. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، تۈركىيە ئارخىپلىرىدىكى بەزى مەنبەلەرگە كۆرە، قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان چاغدا تۈركىيەدىن 6 كىشى قەشقەرگە كېلىپ ھۆكۈمەت قۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بولماي تۇرۇپ ئۇلارنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ تۈركىيە ئارخىپلىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 1930-يىللاردىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى فاتىھ رۇشتى ئاراز شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى توغرىلىق «ئانادولۇ ئاگېنتلىقى» غا ئېيتقان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ ئۆزى بىلەن قان بېغى بولغان ۋە تۈركچە سۆزلىشىدىغان بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىدىن مەمنۇن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە بۇ دۆلەتنى قۇرغان قېرىنداش خەلقلەرنىڭ كامالىست تۈركىيەدىن ئۆرنەك ئېلىشىنى، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت قۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى فاتىھ رۇشتى ئاراز، 1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئوخشاش بىر ئىرقتىن بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنىڭ ئەمەلىي بىر نەتىجە بېرىشىنى مەمنۇنلۇق بىلەن كۈتىمىز. ھالبۇكى، بۇ ھەرىكەتنىڭ دىنىي ۋە ئاشقۇن كىشىلەرنىڭ قوزغىلىڭى شەكلىدە بولۇپ قېلىشى ياكى چەت دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ۋاستە بولۇپ قېلىشى، دىن بىلەن ھاكىمىيەت ئىشلىرى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن دۆلىتىمىزنىڭ پرىنسىپلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈرۈپ ئۆتىمىز.»

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، تۈركىيەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى توغرىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ مەنتىقە جەھەتتىن بىر-بىرىگە زىددىيەتلىك ھەم قوش بىسلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، 1930-يىللاردىكى مۇستافا كامال تۈركىيەسى بىر تەرەپتىن ئۆزلىرى بىلەن تىل، مەدەنىيەت ۋە قان-قېرىنداشلىق بېغى بولغان ئىككىنچى بىر تۈرك دۆلىتىنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغۇسى بۇ دۆلەتنىڭ كامالىزم پرىنسىپلىرىغا يات، قويۇق ئىسلامىي خاراكتېردىكى بىر ھاكىمىيەت بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشەلەنگەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.

(داۋامى بار)