1943-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا بارغاندا، شەرقىي ئاسىيادا ياپونىيە، ياۋروپادا گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق «ئوق مەركىزى» دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ئارمىيەسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىدىغانلىقى ئاساسىي جەھەتتىن بەلگىلىنىپ قالىدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتى ئۇرۇشتىن كېيىن خىتاينى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛ ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇپ ئۆزىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا مىنگونىڭ ئاساسىي قانۇنى» نى تۈزۈش ھەرىكىتى قوزغايدۇ، شۇنداقلا خىتاي تەۋەسىدىكى ئوخشىمىغان سىياسىي پارتىيە ۋە گۇرۇھلار ھەمدە چېگرا رايون مىللەتلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن لايىھەسىگە بولغان پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئالماقچى بولىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا گومىنداڭ مەركىزىدە «موڭغۇل-تىبەت كومىتېتى» دەپ ئاتىلىدىغان مىنىستىر دەرىجىلىك ئالاھىدە بىر ئورگان مەۋجۇت بولۇپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان رەسمىي ھۆكۈمەت مېخانىزمى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. 1943-يىلى ئاپرېلدا مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ۋاقىتلىق پايتەختى چوڭچىڭغا يېتىپ بارغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، خىتاي مەركىزىدە تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئەربابلاردىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە مەسئۇت سابىرى بايقوزى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، «تۈركىستانلىق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى» نامىدىن گومىنداڭ قانۇن تۈزۈش كومىتېتىغا 19 ماددىلىق تەكلىپ لايىھەسى تەييارلايدۇ.

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ خاتىرەلىرى ۋە تەيۋەن دۆلەتلىك تارىخ مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان گومىنداڭ ئارخىپلىرىدىكى ھۆججەتلەرگە ئاساسەن، 1944-يىلى «ئۈچ ئەپەندى» تەرىپىدىن چوڭچىڭدا تەييارلىنىپ، گومىنداڭ قانۇن تۈزۈش كومىتېتىغا يوللانغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالىي مۇختارىيەتىگە دائىر «19 ماددىلىق تەكلىپ لايىھەسى» ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.
تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، «ئۈچ ئەپەندى» باشچىلىقىدىكى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق سىياسىي مۇساپىرلارنىڭ ئۆز دەۋرىدە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى باشلاتقان ئاساسىي قانۇن لايىھەسىگە پىكىر ئېلىش چاقىرىقىنى بىر پۇرسەت دەپ بىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ سىياسىي ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە مۇختارىيەت تەلەپلىرىنى ئەكس-ئەتتۈرىدىغان ماددىلارنى تۇنجى قېتىم مىللەتچى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇن لايىھەسىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، بۇغرا قاتارلىق مەلۇم سىياسىي كۈرەش تەجرىبىسىگە ئىگە «ئۈچ ئەپەندى» نىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن لايىھەسىگە پىكىر ئېلىش پۇرسىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، «19 ماددىلىق تەكلىپ لايىھەسى» نى تەييارلاپ چىققانلىقىنى، بۇنىڭ گومىنداڭ مەركىزىدە دەل ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر سىياسىي كۈرەش ھەرىكىتى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، گومىنداڭ مەركىزىدە سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، مەسئۇت سابىرى ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار، 1943-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1944-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك «19 ماددىلىق تەكلىپ لايىھەسى» نى تەييارلاپ چىققان. ئاندىن ئۇنى خىتايچىغا تەرجىمە قىلىپ، ھەر بىر ماددىغا سۇن جۇڭشەننىڭ «ئۈچ مەسلەك» ۋە مىللەتچى خىتاينىڭ «دۆلەت قۇرۇش ئومۇمىي پروگراممىسى» دىكى مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا دائىر ماددىلاردىن ئاساس كەلتۈرۈپ، قىسقىچە ئىزاھات بەرگەن. «19 ماددىلىق تەكلىپ لايىھەسى» گومىنداڭ قانۇن تۈزۈش كومىتېتىغا يوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ تولۇق تېكىستى 1944-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ گېزىت بولغان «داگوڭباۋ» (大公报) گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان. تاران ئۇيغۇر ئەپەندى مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىنىڭ تەييارلىنىش ۋە گېزىتتە ئېلان قىلىنىش جەريانى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

مەيلى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، مەسئۇت سابىرى بايقوزى ياكى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەينى ۋاقىتتىكى خاتىرەلىرى ھەم يازمىلىرىدا، مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى يولىدىكى ئۆتكۈنچى بىر باسقۇچ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدى. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، «ئۈچ ئەپەندى» نىڭ مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىدە خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا «تۈركىستان» ۋە «تۈرك» دېگەن ناملارنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىۋېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
شەرقىي تۈركىستانغا دائىر «19 ماددىلىق تەكلىپ لايىھەسى» نىڭ ئىچىدىكى بەش ماددا ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر بولۇپ، ئۇلار (1) «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ ‹تۈرك› مىللىتى ئىكەنلىكىنى تونۇش ۋە ئېتىراپ قىلىش» ؛ (2) «‹شىنجاڭ› دېگەن خىتايچە نامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ‹تۈركىستان› ئاتالغۇسىنى قوللىنىش» ؛ (3) «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئالىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى تونۇش ۋە قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىش» ؛ (4) «‹جۇڭخۇا مىللىتى› دېگەن ئۇقۇمنى رەت قىلىش، ئۇنىڭ ئورنىغا ‹خىتاي تەۋەسىدىكى مىللەتلەر› دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش» ؛ (5) «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆلكە رەئىسى چوقۇم يەرلىك خەلقتىن بولۇش ۋە سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىش» قاتارلىقلار ئىدى. تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىدىكى يۇقىرىقى بەش ماددىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسىدىكى سىياسىي ۋە قانۇنىي ئورنى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋە قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرى ھەققىدىكى «19 ماددىلىق تەكلىپ لايىھەسى» 1944-يىلى 10-ئايدا «داگوڭباۋ» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گومىنداڭ مەركىزىدىكى ئوڭ قانات خىتاي مىللەتچىلىرى بىلەن سولغا ماھىل سىياسەتچىلەر ئارىسىدا، شۇنداقلا خىتاينىڭ تارىخ ۋە سىياسەت ساھەسىدىكى ئەربابلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغايدۇ. گومىنداڭ مەركىزىدىكى چېن لىفۇ، چېن گوفۇ، كوڭ شياڭشى، ۋۇ جۇڭشىن قاتارلىق ئوڭ قانات ئەشەددىي خىتاي مىللەتچىلىرى بۇنىڭغا قارىتا كۈچلۈك قارشىلىق چۇقانلىرى كۆتۈرگەن بولسا؛ گومىنداڭ قانۇن پالاتاسىنىڭ رەئىسى سۇن كې (سۇن جۇڭشەننىڭ ئوغلى)، گومىنداڭ تەپتىش ئەمەلدارى يۈ يوۋرېن قاتارلىق سولغا ماھىل سىياسىيونلار ھېسداشلىق ۋە قوللاش پوزىتسىيەسىدە بولىدۇ. مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، ئەينى دەۋردە «19 ماددىلىق تەكلىپ لايىھەسى» گە قارىتا گومىنداڭ مەركىزىدە كۆتۈرۈلگەن تالاش-تارتىشلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.
1940-يىللارنىڭ سىياسىي ئاتموسفېراسىدا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق «ئۈچ ئەپەندى» ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقان شەرقىي تۈركىستانلىق سىياسىي مۇساپىرلارنىڭ خىتاي مەركىزىدە تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقى تەلەپ قىلىشى؛ «تۈرك» دېگەن مىللەت نامى بىلەن «تۈركىستان» دېگەن جۇغراپىيەلىك جاي نامىنى خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەس ئىدى. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق سىياسىي سەرخىللەرنىڭ خىتاي مەركىزىدە ئېلىپ بارغان بۇ سىياسىي كۈرەشلىرىنى «جاسارەتلىك تىرىشچانلىق»، «سىياسىي كۈرەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك قەدەم» دەپ باھالايدۇ.
مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ خىتاي مەركىزىدە تۇرۇپ، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ گېزىت بولغان «داگۇڭباۋ» گېزىتىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «19 ماددىلىق تەكلىپ لايىھەسى» نى ئېلان قىلىشى ۋە ئۇنى گومىنداڭ مەركىزىگە سۇنۇشىنى، «گومىنداڭ مەركىزىدىكى ئەشەددىي خىتاي مىللەتچىلىرىگە بېرىلگەن ئەجەللىك بىر زەربە» دەيدۇ. ئۇ يەنە بۇ تەكلىپ لايىھەسى ئاقىۋەتتە گومىنداڭ مەركىزىدىكى ئوڭ قانات كۈچلەرنىڭ خىتاي شوۋىنىزىمىغا تويۇنغان تارىخچى لى دوڭفاڭنى سەھنىگە ئىتتىرىپ چىقىرىشىغا سەۋەب بولغان، دەپ كۆرسىتىدۇ.
دەرۋەقە، شەرقىي تۈركىستانغا دائىر «19 ماددىلىق تەكلىپ لايىھەسى» ئەڭ ئاخىرىدا گومىنداڭ مەركىزىدىكى مۇتەئەسسىپ خىتاي ئوڭچىلىرى، خىتاي زىيالىيلىرى ۋە جاڭ كەيشى تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ. گەرچە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق «ئۈچ ئەپەندى» لەرنىڭ گومىنداڭ مەركىزىدىكى سىياسىي دەۋالىرى ۋە تەلەپلىرى بىر-بىرلەپ رەت قىلىنغان، زور كۆلەملىك ئەمەلىي ئۈنۈم ھەم تەسىر پەيدا قىلالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلى ئىنقىلابى پارتلاپ گومىنداڭ دائىرىلىرىگە كۈچلۈك بېسىم شەكىللەندۈرگۈچى بولغان ئۇزۇن جەرياندا، مىللەتچى خىتاينىڭ سىياسىي مەركىزىگە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سىياسىي ئىرادىسى ۋە ئارزۇلىرىنى ئاڭلىتىشقا مۇۋەپپەق بولغان ئىدى. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئاخىرىدا، 1940-يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي كۈرەش تارىخىدا «ئۈچ ئەپەندى» لەرنىڭ گومىنداڭ مەركىزىدە ئېلىپ بارغان مۇجادىلەلىرىنى ھەرگىزمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.
(داۋامى بار)