1933-يىلىنىڭ ئاپرىل ئايلىرىدا خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان، شەرقتە چەرچەن-چاقىلىقتىن غەربتە يەركەن دەرياسىغىچە بولغان بىيپايان تۇپراقلار خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتكەن كۈنلەردە، خوتەندىكى ئۆزگىرىشلەر ئەكس-ئەتتۈرلگەن قىممەتلىك فوتو سۈرەتلەر تارتىلىدۇ. خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرلىرى بىلەن خوتەن ئەسكەرلىرىنىڭ ھەربىي پاراتى ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن بۇ قىممەتلىك رەسىملەر، ھازىرغا قەدەر خوتەن ئىنقىلابى مەزگىلىدە نەق مەيداندىن تارتىلغان يىگانە فوتو سۈرەتلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنداقتا، بۇ سۈرەتلەر كىم تەرىپىدىن، قانداق شارائىتتا تارتىلغان؟
دەرۋەقە، خوتەن ئىنقىلابى يۈر بەرگەن 1930-يىللارنىڭ باشلىرىدا، خوتەن دىيارى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بېكىك رايونلارنىڭ بىرى ئىدى. بۇ ۋاقىتلاردا پۈتكۈل خوتەن ۋادىسىدا ئاز ساندىكى ھىندىستان سودىگەرلىرى بىلەن بىر قىسىم ئافغانىستانلىق تىجارەتچىلەردىن باشقا ياۋروپالىق سەيياھلار يوق دېيەرلىك ئىدى. ھالبۇكى، تارىخنىڭ تاسادىپىيلىقى شىۋېتسىيەلىك گېئولوگ ۋە جۇغراپىيەشۇناس نىلس ئامبولت (Nils Ambolt) نى خوتەن ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسىم جەريانلىرىغا شاھىت بولۇشقا، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى خوتەن ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇ خۇسۇستا پىكىر بايان قىلغان تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، نىلس ئامبولت ۋە ئۇنىڭ «كاراۋان» ناملىق كىتابىنىڭ خوتەن ئىنقىلابىنى ئۆگىنىشتە ياۋروپالىق ئېكىسپېدىتسىيەچىلەر تەرىپىدىىن يېزىلغان قىممەتلىك مەنبەلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

نىلس ئامبولت (1900-1969) ئەسلىدە شىۋېتسىيەلىك جۇغراپىيەشۇناس سۋېن ھېدىن (Sven Hedin) نىڭ تارىم ئويمانلىقىدا ئېلىپ بارغان ئەڭ ئاخىرىقى قېتىملىق «ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكىسپېدىتسىيە پائالىيىتى» (1927-1933) نىڭ مۇھىم قاتناشچىلىرىدىن بىرى ئىدى. خوتەن ئىنقىلابى پارتلىغان مەزگىللەردە، يەنى 1933-يىلىنىڭ فېۋرال ئېيىدا ئۇ چاقىلىقتا گېئولوگىيەلىك ئۆلچەش-سىزىش ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتتى. ئۆ ئۆزىنىڭ «كاراۋان» ناملىق كىتابىدا خوتەن ئىنقىلابچىلىرىنىڭ چاقىلىق ناھىيەسىنى قانداق ئازاد قىلغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «خوتەندىن كەلگەن ئىككى تۈرك ئەسكەر چاقىلىق بازىرىغا كىرىپ، شەھەر سىرتىدا 500 دەك خوتەن ئەسكىرىنىڭ سەپراس بولۇپ تۇرغانلىقىنى، چاقىلىق ئامبىلى شۇ دارىننىڭ ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ياكى تەسلىم بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى يولدىن قايسىسىنى تاللايدىغانلىقىنى سورىدى. ئاران 35 چېرىكى بار بولغان شۇ دارىن تەسلىم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ قولىدىكى پۈتكۈل قورال-ياراق ۋە ئوق-دورىلارنى تاپشۇردى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن يۈزلىگەن خىتايلار خوتەن ئەسكەرلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئىمان ئېيتقۇزۇلۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈلدى، شۇ دارىننىڭ ئۆزىمۇ ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى. ئۇنىڭغا ‹ياقۇب بەدۆۋلەت›، قىزىغا ‹ئالتۇنخان› دېگەن مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇلدى.»
1933-يىلى 4-ئاپرىل كۈنى نىلس ئامبولت خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن چاقىلىقتىن خوتەن شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇ 13-ئاپرىل كۈنى نىيە بازىرىغا، 17-ئاپرىل كۈنى كېرىيەگە، 1-ماي كۈنى خوتەن شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ. خوتەن ھۆكۈمىتى مەخسۇس كۈتكۈچى ئەۋەتىپ، نىلس ئامبولت ۋە ئۇنىڭ كارۋىنىنى قىزغىن كۈتىۋالىدۇ. 5-ئاينىڭ 2-كۈنى نىلس ئامبولت ياۋروپاچە كىيىنىپ، خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن رەسمىي كۆرىشىدۇ.

نىلس ئامبولت بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «2-ماي كۈنى مەن خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي رەھبىرى-ئەمىر مۇھەممەد ئەمىن بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇ ئەمەلىي ھوقۇققا ساھىب بولۇپ، خوتەن ھۆكۈمىتىدە ھەتتا مەلىك (پادىشاھ) ۋە داموللا (دىنىي رەھبەر) دىنمۇ زور تەسىر كۈچىگە ئىگە شەخس ئىدى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۆرۈشۈش بولدى. ئەمىر ناھايىتى ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلەن مېنى ‹جانابلىرى›، ‹جانابى ساھىب› دەپ ئاتىدى. ئۇ ھەتتا مېنىڭ ئىلمىي تەكشۈرۈش ئىشلىرىمنى سوراپ مۇنداق دېدى: ‹بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى خىتاي رېجىمى دەۋرىدە جانابلىرىنىڭ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى مەلۇم قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدى. مىسالەن ئېيتسام، تونۇلغان گېئولوگ دوكتور نورىن، داڭلىق ئالىم سۋېن ھېدىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىلمىي تەكشۈرۈش ئىشلىرى ھەتتا بەزىدە داۋاملىشالماي قالدى. ھالبۇكى، بۈگۈن بىز-ئىسلامىي جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى، جانابى ساھىبلارنىڭ تەۋەلىكىمىزدىكى بارلىق ئىلمىي تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى پۈتۈن ئىمكانىمىز بىلەن قوللايمىز. خۇسۇسەن سىلى بىزنىڭ تەۋەلىكىمىزدىكى ئەركىن بىر ئادەم، ئىستىگەنلىرىنى قىلىشقا ھەقلىق! ›. مەنمۇ خوشاللىق بىلەن ئەمىرگە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرۈپ: ‹بۇ ناھايىتى تاتلىق گەپ بولدى› دەپ تۈركچە سۆزلىدىم.»
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خوتەندە ئەسكىرىي پارات ئۆتكۈزۈلىدۇ. نىلس ئامبولت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە ئەسكىرىي پاراتنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىنىدۇ. شۇ مەيداندا نىلس ئامبولت ئۆزىنىڭ يوقۇرى سۈزۈكلۈككە ئىگە كەسپىي فوتو ئاپپاراتىنى ئىشلىتىپ، تارىخىي قىممىتى زور بولغان بىرقانچە پارچە قىممەتلىك سۈرەت تارتىدۇ. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇرانتى ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى، «كارۋان» ناملىق كىتابتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن گېئولوگ نىلس ئامبولت ۋە ئۇنىڭ خوتەندىكى كەچمىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئەمىر مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ نامىدىن مەخسۇس يول خېتى ھازىرلاپ، گېئولوگ نىلس ئامبولتنىڭ خوتەن تېرىتورىيەسىدە دەخلى-تەرۇزسىز ھالدا ئىلمىي تەكشۈرۈش ئىشىنى داۋام قىلسا بولىدىغانلىقى، جايلاردىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن يۇرت بەگلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مەزكۇر يول خېتىگە «جۇمھۇرىيەتى ئىسلامىيە خوتەن ھۆكۈمىتى» دېگەن قىزىل تامغا بىلەن ئەمىر مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «مۇھەممەد ئەمىن ئىبنى ھاجى فىراۋۇدىن» دېگەن شەخسىي تامغىسى بېسىلىدۇ.
يول خېتىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ھەممە چوڭ-كىچىك تاغداكى مۇسۇلمانلارغە ئېلام ئولسۇنكى، بۇ يۇرتغە مېھمان بولۇپ كەلگۈچى دوكتور ئامبولت ساھىب قاراڭغۇ تاغلىغ ھۈسەيىن ئاخۇند پەھلىۋان بىلەن تاغقە سەير ئۈچۈن باردى. بۇ كىشىگە خاھ بارغۇنچە خاھ كەلگۈنچە، دەخل-تەرۇز قىلمايسىزلەر. قاچان بىردە بىر كىشى تەرۇز قىلسە، قاتتىغ جازا بېرۈلەدۇر. سىنە 1353 مۇھەەررەمنىڭ 17-كۈنى، جۈمە. [تامغا] جۇمھۇرىيەتى ئىسلامىيە خوتەن ھۆكۈمىتى؛ [تامغا] مۇھەممەد ئەمىن ئىبنى ھاجى فىراۋۇدىن»
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، شىۋېتسىيەلىك گېئولوگ نىلس ئامبۇلتنىڭ ياۋروپاغا قايتقاندىن كېيىن، يەنى 1939-يىلى لوندوندا «كارۋان» ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلغانلىقىنى، بۇ كىتابقا ئۇنىڭ 1933-يىلى خوتەندىن تارتقان بازار-رەستىلەر، ئاياللار-بالىلار، قوش ھەيدەۋاتقان دېھقانلار ۋە خوتەن بازىرىدىكى ھىندى سودىگەرلىرىنىڭ سۈرەتلىرىمۇ بېرىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، نىلس ئامبولتنىڭ 1933-يىلىدىكى خوتەن زىيارىتى مەزگىلىدە توپلىغان ماتېرىياللىرى ئىچىدە تارىخىي قىممىتى ئىنتايىن يوقىرى بولغان فوتو سۈرەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بولۇپمۇ خوتەن ئەمىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى-مەلىك مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇم قاتارلىق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن خوتەن ئەسكەرلىرىنىڭ ھەربىي پارات ئۆتكۈزىۋاتقان سۈرەتلىرىنىڭ زور قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
دەرۋەقە، شىۋېتسىيەلىك گېئولوگ نىلس ئامبولت 1933-يىلىدىكى خوتەن ئىنقىلابىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، خوتەن ھۆكۈمىتى ۋە خوتەن ئەسكەرلىرىگە دائىر فوتو سۈرەتلەرنى نەق مەيداندا تارتىپ تاشقىي دۇنياغا ئېلان قىلغان بىردىن-بىر ياۋروپالىق ئېكىسپېدىتسىيەچى ئىدى. ھالبۇكى، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا مىلىتارىست جىن شۇرېننىڭ تەستىقى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئىمكانىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، دىنىي جەھەتتىن بىر مۇخلىس خىرىستىيان مۇرتى بولغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 1933-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىغا، جۈملىدىن خوتەن ئىنقىلابىغا نىسبەتەن مەلۇم سەلبىي قاراشلاردىمۇ بولغان ئىدى. ئۇ 1939-يىلى لوندوندا نەشىر قىلدۇرغان «كارۋان» ناملىق كىتابىدا، خوتەن ئەسكەرلىرىنىڭ بىر قىسىم ئەمىرلىرىنى «فاناتىك ئىسلامچىلار» دەپ ئاتايدۇ. خوتەن ئەسكەرلىرىنىڭ يەركەندە شىۋېت مىسسىيونېرلىرى تەرىپىدىن خىرىستىيان دىنىغا كىرگۈزۈلگەن كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، قىزلارنى مەجبۇرىي نىكاھىغا ئالغانلىقىنى كۆپتۈرۈپ تەسۋىرلەيدۇ. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى، گېئولوگ نىلس ئامبولتنىڭ «كارۋان» ناملىق كىتابىدا خوتەن ئىنقىلابىنى ئەيىبلەيدىغان بىر تەرەپلىمە، ھەتتا سەلبىي تۈستىكى قاراشلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئەمما نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ خوتەندىن تارتقان فوتو سۈرەتلىرىنىڭ خوتەن ئىنقىلابىنىڭ تارىخىنى يورۇتۇشتا زور قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
(داۋامى بار)