مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (37): خىتاي تارىخچىسى لى دۇڭفاڭ بىلەن بولغان «قەلەم كۈرىشى» نىڭ باشلىنىشى
2023.10.10
1944-يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىغا كەلگەندە، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ۋاقىتلىق پايتەختى چوڭچىڭ خىتايدىكى ھەر ساھە، ھەر گۇرۇھ ۋە ھەر مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ جىددىي سىياسىي كۈرەش مەيدانىغا ئايلانغان ئىدى. بولۇپمۇ بۇ مەزگىللەردە موڭغۇل، تىبەت ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بىر قىسىم سىياسىي سەرخىللىرى ۋە گومىنداڭ مەركىزىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرىنىڭ جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، خىتاي ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كومىتېتىغا ئۆز ئالدىغا تەكلىپ لايىھەلىرىنى سۇنۇشى، شۇنداقلا ئالىي مۇختارىيەت تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، گومىنداڭ مەركىزىدىكى يۇقىرى قاتلام مۇتەئەسسىپ خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ ئوغىسىنى قايناتقان ئىدى. مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق چوڭچىڭدا تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق سەرخىللەر تەرىپىدىن جىددىي شەكىلدە تەييارلانغان «19 ماددىلىق تەكلىپ لايىھەسى»، گومىنداڭ ئاساسىي قانۇن كومىتېتىغا سۇنۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ گېزىت بولغان «داگۇڭباۋ» دا تولۇق تېكىستى بىلەن ئېلان قىلىنىدۇ.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك خاتىرىسىدە يازغىنىدەك، مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى گېزىتتە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي مەركىزىدە ۋە خىتاي جامائەت پىكرىدە «بۈيۈك بىر ھاياجان قوزغايدۇ». بولۇپمۇ مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىدىكى «شىنجاڭ» دېگەن خىتايچە نامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «تۈركىستان» ئاتالغۇسىنى قوللىنىش؛ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ «تۈرك» مىللىتىگە مەنسۇپلۇقىنى ئېتىراپ قىلىش؛ شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىش دېگەندەك ماددىلار، چېن گوفۇ باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ ئوڭ قانات مىللەتچىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلىدۇ. ئۇلار مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق سەرخىللەرنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىگە مەتبۇئات ئارقىلىق قارشى تۇرۇش، ئۇلارنىڭ سىياسىي تەشەببۇسلىرىنى خىتايچە سۆز ئويۇنى ئارقىلىق يوققا چىقىرىش ئۈچۈن، خىتاي قەدىمكى تارىخىنى ئاممىبابلاشتۇرۇپ يېزىش بىلەن نام چىقارغان خىتاي تارىخچىسى لى دۇڭفاڭنى «مەتبۇئات كۈرىشى ئۈچۈن سەھنىگە چىقىرىدۇ».
دەرۋەقە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق سىياسىي سەرخىللەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «19 ماددىلىق تەكلىپ لايىھەسى»، 1944-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى خىتايدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىت بولغان «داگۇڭباۋ» (大公报)دا ئېلان قىلىنىپ ئەتىسى، يەنى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى چوڭچىڭدىكى گومىنداڭ مەركىزىگە باغلىق بولغان يەنە بىر چوڭ گېزىت «مەركەز» (中央日报) گېزىتىدە خىتاي تارىخچىسى لى دوڭفاڭ (黎东方)نىڭ «شىنجاڭلىق قېرىنداشلار تۈركمۇ؟» ناملىق تۇنجى ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. ئامېرىكادا ياشاۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى بۇ ھەقتە چوڭقۇر ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان بىلىم ئادەملىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، «19 ماددىلىق تەكلىپ لايىھەسى» گېزىتتە ئېلان قىلىنىپ بىر كۈن ئۆتكەندە، خىتاي تارىخچىسى لى دۇڭفاڭنىڭ تۇيۇقسىزلا ئوتتۇرىغا چىقىپ قارشى ماقالە ئېلان قىلىشىنىڭ ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى، ئەمەلىيەتتە گومىنداڭ مەركىزىدىكى ئوڭ قانات ئەشەددىي خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ بۇ بىر مەيدان «قەلەم كۈرىشى» گە خېلى بالدۇرلا تەييارلىقى بارلىقىنى، شۇڭىمۇ تەكلىپ لايىھەسى ئېلان قىلىنىپ ئەتىسىلا لى دۇڭفاڭنىڭ تاپ بېسىپ تۇنجى ھۇجۇمنى باشلىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
شەرقىي تۈركىستان تارىخى ھەققىدە ھېچقانچە مەلۇماتى ۋە تەتقىقاتى بولمىغان لى دۇڭفاڭنىڭ تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىقىپ، گېزىت يۈزىدە «شىنجاڭلىقلار تۈركمۇ؟» دېگەن سوئاللىق مۇئەممانى ئوتتۇرىغا تاشلىشى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا تەكىتلىگەندەك، ھەرگىزمۇ ئىلمىي مۇنازىرىنى نىشان قىلغان تارتىشما بولماستىن، بەلكى سىياسىي غەرەزنى «ئىلىم» يېپىنچىسى بىلەن ئورىغان «قەلەم كۈرىشى» نىڭ سىگنالى ئىدى. بۇ نۇقتىدا تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مۇنۇلارنى تەكىتلەيدۇ:
«مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا خىتاينىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ۋاقىتلىق پايتەختى چوڭچىڭدا تۇرۇۋاتقان مەزگىللىرىدە، بىر مەيدان كەسكىن قەلەم كۈرىشى ئېلىپ بېرىپ، گومىنداڭ مەركىزىدىكى ئوڭ قانات كۈچلەر ۋە خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ شوۋىنىزملىق تارىخ نۇقتىئىنەزىرىگە قاتتىق رەددىيە بەرگەن. خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ رەسمىي تارىخ نۇقتىئىينەزەرى بويىچە، ‹ئۇيغۇرلار تۈرك ئەمەس؛ شىنجاڭ تۈركىستان ئەمەس؛ ئۇيغۇرلارنى شىنجاڭنىڭ يەرلىك خەلقى ئەمەس؛ قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە تاتارلارمۇ تۈرك ئەمەس› ئىدى. يەنى خىتاينىڭ تارىخ نۇقتىئەينەزەرى بويىچە، مانا مۇشۇنداق بايان قىلىنىپ كېلىنگەن ئىدى. بۇغرا دەل مۇشۇ نۇقتىدا ئۇلارغا كۈچلۈك رەددىيە بەرگەن ئىدى.»
ئۇنداقتا، گومىنداڭ مەركىزىدىكى ئوڭ قانات ئەشەددىي خىتاي مىللەتچىلىرى سەھنىگە ئېلىپ چىققان لى دۇڭفاڭ زادى كىم؟ ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخى ھەققىدە قانچىلىك تەتقىقاتى ۋە ئىلىم نوپۇزى بار ئىدى؟ ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان تارىخى ھەققىدە بىر پارچىمۇ ماقالە ياكى يازما يېزىپ باقمىغان لى دۇڭفاڭ قانداقلارچە بىر كېچىدىلا «ئۇيغۇرلار تۈرك ئەمەس، شىنجاڭمۇ تۈركىستان ئەمەس» دېگەن خىتاي تارىخ نۇقتىئىينەزەرىنى بازارغا سالىدىغان مەتبۇئات كۈرىشىنىڭ قەھرىمانى بولۇپ قالدى؟
مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، خىتاي تارىخچىسى لى دۇڭفاڭنىڭ بىزگە مەلۇم بولمىغان تەرجىمىھالى ۋە ئۇنىڭ خىتاي تارىخشۇناسلىقى ساھەسىدىكى ئاتالمىش «ئىلمىي نوپۇزى» توغرىلىق مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ: «لى دۇڭفاڭ 1907-يىلى خىتاينىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسى ياڭجوۋ شەھىرىدە تۇغۇلغان. دادىسى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ‹كېجۈ ئىمتىھانى› دىن ئۆتۈپ ئەمەلدار بولغان. ئۇ كىچىكىدە خۇسۇسىي مەكتەپتە ئوقۇغان، 1926-يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. بۇ جەرياندا ھازىرقى زامان خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىنى تىكلىگەن لياڭ چىچاۋنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن. 1929-يىلى فىرانسىيەگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ، پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ھەمدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1931-يىلى خىتايغا قايتىپ كېلىپ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ھەمدە شەرقىي-شىمال ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا خىتاي تارىخىدىن دەرس بەرگەن. ياپونىيە-خىتاي ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، گومىنداڭنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ۋاقىتلىق پايتەختى چوڭچىڭغا قېچىپ بېرىپ، ئۇنىۋېرسىتېتتا پروفېسسور بولغان ھەمدە خىتاي تارىخىنى ئاممىباب تىلدا سۆزلەش ۋە يېزىش بىلەن تونۇلغان. ئۇنىڭ 1943-يىلى جاللات شېڭ شىسەينىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستاننى قىسقا ۋاقىت زىيارەت قىلغانلىقى مەلۇم، ئەمما نېمە سەۋەبتىن بۇ زىيارەتكە بارغانلىقى ۋە ئۇ يەردە قانداق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى مەلۇم ئەمەس. 1949-يىلى گومىنداڭ ھاكىمىيىتى تەيۋەنگە چېكىنگەندە، ئۇمۇ تەيۋەنگە كەتكەن، كېيىنچە ئامېرىكاغا كۆچۈپ بېرىپ، 1998-يىلى ئامېرىكادا ئۆلگەن».
گومىنداڭ مەركىزىدىكى چوڭ گېزىتلەردە ئىككى ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشقان بۇ قېتىملىق مەتبۇئات كۈرىشى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خىتاي ئاخباراتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە تونۇلۇشى ھەمدە كۈچلۈك جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، لى دۇڭفاڭ بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ قېتىملىق جىددىي مەتبۇئات توقۇنۇشىنى «قەلەم كۈرىشى» دەپ ئاتايدۇ. بۇ قېتىملىق قەلەم كۈرىشىنىڭ ئەمەلىي تەسىرى ۋە نەتىجىسىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە پايدىسىز تەرەپكە يۈزلەنگەنلىكى، جامائەت پىكرى ۋە ئىلمىي مەۋقەنىڭ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا تەرەپكە ئېغىپ كېتىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئىلى ئىنقىلابىنىڭ گومىنداڭ مەركىزىگە شەكىللەندۈرگەن بېسىمىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىشى نەتىجىسىدە، ئاخىرى گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ تەشكىلات مىنىستىرى چېن لىفۇ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرادىن «قەلەم كۈرىشى» نى توختىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، بۇ قېتىملىق «قەلەم كۈرىشى» نىڭ باشلىنىشىدىن ئاخىرلىشىشىغىچە بولغان جەريانلار ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك خاتىرىسىدە، ئۆزىنىڭ لى دۇڭفاڭ بىلەن ئېلىپ بارغان ئايلارچە «قەلەم كۈرىشى» نىڭ ئاخىرقى ھېسابتا، لى دۇڭفاڭنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ھەقىقەتەنمۇ لى دۇڭفاڭ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 3-پارچە ماقالىسىگە جاۋاب قايتۇرالمايدۇ، گومىنداڭ دائىرىلىرىمۇ ئارىغا چۈشۈپ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرادىن ئەمدى يازماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ شۇ قېتىملىق «قەلەم كۈرىشى» جەريانىدا يازغان بىر يۈرۈش ماقالىلىرىنىڭ ئىلمىي سەۋىيەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، دەلىل-پاكىتلىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، مەنبە-قايناقلىرىنىڭ مول ۋە ئىشەنچىلىكلىكى، شۇنداقلا نۇقتىئىنەزەرلىرىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى بىلەن شۇ دەۋر تارىخشۇناسلىقىدىكى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.