مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (18): خوتەن قوشۇنلىرىنىڭ ئىككى سەركەردىسى-ئەمىر ئابدۇللا بىلەن ئەمىر نۇرئەخمەتنىڭ شېھىت بولۇشى
2022.10.11

1932-يىلىنىڭ ئاخىرى خوتەندە ئىنقىلابىي يەر ئاستى تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ، خوتەن ئىنقىلابىنىڭ تۇنجى پاي ئوقى ئېتىلغۇچە، 1933-يىلى 4-ئايدا خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى جاكارلىنىپ، خوتەن قوشۇنلىرى غەربتە يەركەن ۋە يېڭىسارغىچە بولغان جايلارنى ئازاد قىلغۇچە بولغان جەرياندا، ئىككى نەپەر ياش سەركەردىنىڭ قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرى پۈتكۈل خوتەن دىيارىدا تىللاردا داستان بولغان ئىدى. بۇ ئىككى نەپەر ياش سەركەردە خوتەن ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئۆز ئىنىلىرى، يەنى ئەمىر ئابدۇللا بىلەن ئەمىر نۇرئەخمەت ئىدى! شۇ يىللاردا خوتەن خەلقى بۇ ئىككى ياش سەركەردىگە ئېھتىرام ۋە سۆيگۈسىنى بىلدۈرۈپ، ئەمىر ئابدۇللاغا «شاھ مەنسۇر»، ئەمىر نۇرئەخمەتكە «ئەمىر ساھىب» دېگەن مۇبارەك نامنى بېرىشكەن ئىدى.
تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، خوتەن ئىنقىلابىغا دائىر تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ، خوتەن ئىنقىلابىنىڭ ئىككى مۇھىم ياش سەركەردىسى-ئەمىر ئابدۇللا بىلەن ئەمىر نۇرئەخمەت ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتى تۈركىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇرانتى ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى، 1930-يىللاردىكى خوتەن ئىنقىلابىنىڭ ئىككى مۇھىم ياش قەھرىمانى ئەمىر ئابدۇللا بىلەن ئەمىر نۇرئەخمەت ھەققىدە خەلق ئارىسىدا رىۋايەتلىك ھېكايەتلەر تارقىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھاياتى ھەققىدە يازما مەنبەلەرنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى، شۇڭا بۇ توغرىلىق مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىغا مۇرجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئەسەرلىرىنى نەشىرگە تەييارلىغان ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئىككى ئىنىسىدىن ئەمىر ئابدۇللانىڭ ئىنقىلابتىن ئىلگىرىكى ھاياتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتلار بولمىسىمۇ، ئەمما ئەمىر نۇرئەخمەتنىڭ ئىنقىلابنىڭ ئالدىدا قەشقەردە مەدرىسەدە ئوقۇغانلىقى مەلۇم ئىكەن.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ تەكىتلىشىچە، 1932-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا خوتەندە مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلات قۇرغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ كىچىك ئىنىسى ئەمىر نۇرئەخمەت بىرىنچى بولۇپ بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولغان ئىكەن. ئەمىر ئابدۇللا بىلەن ئەمىر نۇرئەخمەت، خوتەندىكى مۇھىم ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسىدە تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىقلارنى كۆرسەتكەن ئىكەن.
1933-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا خوتەن قوشۇنلىرى غەربكە يۈرۈش قىلغاندا، ئەمىر ئابدۇللا بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى باشلاپ سابىت داموللامغا ھەمراھ بولۇپ قەشقەرگە ئاتلانغان مەلۇم. ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كېيىنچە ئەمىر نۇرئەخمەتمۇ يېڭىساردىكى خوتەن ئەسكەرلىرىنىڭ قوماندانى بولۇپ، ما جۇڭيىنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن قانلىق ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 1933-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرى ما جۇڭيىڭنىڭ ئەسكەرلىرى يېڭىسار سېپىلىغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ. يېڭىسارنى ساقلاۋاتقان خوتەن قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانى ئەمىر نۇرئەخمەت باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. يېڭىسار ئۇرۇشى 20 كۈندىن ئارتۇق داۋام قىلىدۇ. بۇ جەرياندا يەركەننى مۇداپىيە قىلىپ تۇرغان ئەمىر ئابدۇللامۇ ئەسكەر باشلاپ ياردەمگە كېلىدۇ. ئەمما ئادەم سانى كۆپ ۋە قۇرال-ياراقلىرى خىل بولغان تۇڭگان قوشۇنلىرى ئاخىرى يېڭىسار سېپىلىنى بۆسۈپ كىرىدۇ. ئەمىر ئابدۇللا بىلەن ئەمىر نۇرئەخمەت باتۇرلارچە شېھىت بولىدۇ. ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئۆز دەۋرىدە ئىككى ئىنىسىنىڭ يېڭىسار ئۇرۇشىدا شېھىت بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى تېپىپ دەپنە قىلىشنىڭ مۇمكىن بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.
ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندىمۇ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئەمىر ئابدۇللا بىلەن ئەمىر نۇرئەخمەتنىڭ يېڭىسارنى قوغداش ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.
1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ئىچكىي ۋە تاشقىي كۈچلەرنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن باستۇرۇلغاندىن كېيىن، خوتەن ئىنقىلابىنىڭ ئىككى نەپەر ياش سەركەردىسى-ئەمىر ئابدۇللا بىلەن ئەمىر نۇرئەخمەتنىڭ قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرى خوتەن خەلقى ئارىسىدا تىللاردا داستان بولۇپ، رىۋايەتلىك ھېكايىلەرگە ئايلاندى. ھالبۇكى، مەيلى خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى بولسۇن ياكى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بولسۇن، 1930-يىللاردىكى كوممۇنىزمنىڭ ھامىيسى بولغان سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ياكى ھىندىستاننى بېسىپ ياتقان بۈيۈك بىرىتانىيە دائىرىلىرى ۋە ياكى كامالىزم ئىدىئېولوگىيەسى بىلەن كېتىۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىدى. ھەتتا شۇ زامانلاردا خوتەن ۋە يەركەندە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم ياۋروپالىق سەيياھلار ۋە مىسسىيونېرلار ئۆز خاتىرىلىرىدە خوتەن ئىنقىلابچىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىككى نەپەر ياش سەركەردىسىنى «فاناتىك ئىسلامچىلار» دەپ قارىلىغان ئىدى.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، 1930-يىللارنىڭ مۇھىتىدا مەيلى كوممۇمىزم لاگېرىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنىۋاتقان سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بولسۇن ياكى دىن تارقىتىشنى نىشان قىلغان مىسسىيونېرلار بولسۇن، ئىسلامىي كىملىك ۋە ئەقىدىنى مىزان قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا توغرا ھەم بىتەرەپ مۇئامىلە قىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
(داۋامى بار)