1933-يىلىنىڭ باشلىردا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ ئوت يالقۇنى ھەر جايلاردا يېلىنجاشقا باشلىغان مەزگىللەردە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى خوتەن ئىنقىلابچىلىرى شەرقتە چەرچەن-چاقىلىقتىن غەربتە يەركەن دەرياسىغىچە بولغان بىيپايان تۇپراقلارنى ئازاد قىلىپ، خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بۇ ۋاقىتلاردا خوجانىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى مىللىي قوزغىلاڭچى قوشۇن تېخىچە تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىغا ئۆتمىگەن، قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشنىڭ كونكىرېت پىلان-لايھەلىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىقمىغان ئىدى.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا مانا مۇشۇنداق بىر پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، شىمال تەرەپتە ئۇرۇش قىلىۋاتقان خوجانىياز ھاجىغا مەلۇم مىقداردا ئالتۇن ۋە 500 كىشىلىك ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتكەنلىكى مەلۇم. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، مەيلى ئىنقىلاب رەھبىرى خوجانىياز ھاجىغا بولسۇن ياكى قەشقەردە ھەرىكەت باشلىغان سابىت داموللامغا بولسۇن، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن ئىمكانىنىڭ يېتىشىچە ياردەمدە بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدىمۇ 1933-يىلىنىڭ كۈز مەزگىللىرىدە قەشقەردىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت بىراز پەسكۇيغا چۈشكەندىن كېيىن، خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبقا قاراپ يۈرۈش قىلغان خوجانىياز ھاجىغا مەخسۇس ھەيئەت ئەۋەتكەنلىكى ھەم مەلۇم مىقداردا ئالتۇن ياردەم قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتورانتى ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ خوجانىياز ھاجى بىلەن بولغان پىكىر ئىختىلاپلىرىغا قارىماي، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، قاراشەھەر-كۇچا ئەتراپىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان خوجانىياز ھاجىغا 200 سەر ئالتۇن ۋە 500 كىشىلىك ئەسكىرىي ياردەم ئەۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.
مەركىزى ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ خوتەن ھۆكۈمىتى نامىدىن كۇچادا ئۇرۇش قىلىۋاتقان خوجانىياز ھاجىغا قىلغان ئەمەلىي ياردىمى، دەسلەپكى 200 سەر ئالتۇن ۋە 500 كىشىلىك ئەسكىرىي قۇۋۋەت بىلەنلا چەكلەنمەيدىكەن. بەزى مەنبەلەردە خوجانىياز ھاجىنىڭ يەركەنگە كەلگەندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قورال سېتىۋېلىش ئۈچۈن، ئەمىر ساھىب ئارقىلىق خوتەن ھۆكۈمىتىدىن يەنە 1000 سەردىن 2000 مىڭ سەرگىچە ئالتۇن ياردەم ئالغانلىقى تىلغا ئېلىنىدىكەن.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» دا ئەسكەرتىشىچە، سابىت داموللام 1933-يىلى نويابىردا قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش ئالدىدا، ھەم خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ ھەم خوجانىياز ھاجىنىڭ پىكرىنى ئالمىغان، ھەتتا ئۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈپمۇ قويمىغان. ھالبۇكى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بۇ مەسىلىدە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، شەخسىي ئىختىلاپلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويغان. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ سابىت داموللام قەشقەردە قۇرغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى تونۇپلا قالماي، بەلكى ئىقتىسادىي ۋە ئەسكىرىي جەھەتتىن قوللىغانلىقىنى، ھەتتا خوجانىياز ھاجىغا مەكتۇپ يېزىپ، بۇ ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
مەلۇمكى، 1933-يىلىنىڭ ئىيۇل-ئاۋغۇست ئايلىرىدا سابىت داموللام ئەمىر نۇرئەھمەد بىلەن بىللە قەشقەرگە يېتىپ بېرىپ، تۇنجى بولۇپ قۇرغان تەشكىلاتى «خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردىكى ئىش بېجىرىش ئىدارىسى» ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئورۇن كەلگۈسىدە قۇرۇلماقچى بولغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىغا تەييارلىق قىلىش ئورگىنى ئىدى. بۇ ئورگاننىڭ پۈتكۈل ئىقتىسادىي چىقىمى خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە ياردىمى ئارقىلىق قامدالغان ئىدى. ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بۇ ھەقتىكى مەنبەلەردە، خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپ قەشقەردە قۇرۇلغان «خوتەن ئىش بېجىرىش ئورنى» غا 200 سەر ئالتۇن 5000 سەر كۈمۈش ئەۋەتكەنلىكى توغرىلىق مەلۇماتلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلەيدۇ.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندىمۇ، 1933-يىلىنىڭ ئىيۇل-ئاۋغۇست ئايلىرىدا قەشقەردە قۇرۇلغان «خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردىكى ئىش بېجىرىش ئورنى» ناملىق بۇ تەشكىلاتنىڭ كېيىنچە قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا تايانچ بازا سۈپىتىدە رول ئوينىغانلىقىنى، ھەتتا كېيىنچە خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ خېلى زور ساندىكى ئەسكىرىي قۇۋۋەت ئەۋەتىپ، قەشقەر يېڭىشەھەرنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ۋە يېڭىسارنى قوغداش ئۇرۇشلىرىدا تىللاردا داستان بولغىدەك قەھرىمانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
(داۋامى بار)