مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (20): خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ يىقىلىشى ۋە بىرىنچى قېتىملىق ھىجرەت

0:00 / 0:00

1934-يىلى كىرىشى بىلەن تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. مىلىتارىست شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن «ئالتايىسكىي» ۋە «تارباغاتايسكىي» دېگەن ناملاردا چېگرادىن كىرگەن سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى، ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان ما جۇڭيىڭنىڭ تۇڭگان قوشۇنلىرىنى تارمار كەلتۈرىدۇ. قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ما جۇڭيىڭ قالدۇق ئەسكەرلىرىنى باشلاپ جەنۇبقا قاچىدۇ ھەمدە ۋەزىيىتى داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان قەشقەرگە باستۇرۇپ كىرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ما جۇڭيىڭ باشچىلىقىدىكى تۇڭگان قوشۇنلىرىنىڭ شىددەتلىك زەربىسىدە قەشقەرنى مەركەز قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى يىقىلىدۇ.

قەشقەر قولدىن كەتكەندىن كېيىن، يېڭىسارنى قوغداۋاتقان خوتەن قوشۇنلىرى ئەمىر ئابدۇللا (شاھ مەنسۇر) بىلەن ئەمىر نۇرئەھمەد (ئەمىر ساھىب) باشچىلىقىدا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما زامانىۋىي قوراللار بىلەن قوراللانغان تۇڭگان ئەسكەرلىرىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. تۇڭگان ئەسكەرلىرى ما خۇسەن باشچىلىقىدا داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، يەكەن، قاغىلىق ۋە گۇما قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىدۇ. قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا بىر يىلدىن ئاشقان خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى جىددىي خەۋپكە دۇچ كېلىدۇ. ئەمىر مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا خوتەن قوشۇنلىرىنىڭ ئاخىرىقى قوراللىق كۈچىنى زاۋاغا توپلاپ، ھايات-ماماتلىق ھەل قىلغۇچ جەڭگە تەييارلىنىدۇ.

يەركەن شەھىرىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ھەربىي يۈرۈش قىلىۋاتقان خوتەن ئەسكەرلىرى. 1933-يىل 5-ئاي، يەركەن.
يەركەن شەھىرىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ھەربىي يۈرۈش قىلىۋاتقان خوتەن ئەسكەرلىرى. 1933-يىل 5-ئاي، يەركەن.

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ يىقىلىشىغا ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ داۋالغۇپ تۇرغان سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ھەربىي جەھەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتى ھەمدە ئىچكىي-تاشقىي ئامىللارنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

1934-يىلىنىڭ ئەتىياز ئايلىرىدا ما جۇڭيىڭ باشچىلىقىدىكى تۇڭگان قوشۇنلىرىنىڭ قەشقەرنى ئىشغال قىلىشى ئارقىسىدا قەشقەردىكى مىللىي قوراللىق كۈچلەر تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىپ كېتىدۇ. قەشقەردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىقىلىشى بىلەن خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى تايانچسىز ۋە يالغۇز قەپ قالىدۇ. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتورانتى ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى، قەشقەرنىڭ قولدىن كېتىشى، يېڭىسارنى ساقلاۋاتقان خوتەن قوشۇنلىرىنىڭ شۇنچە قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىگە قارىماي تۇڭگانلارنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىدا مەغلۇب بولۇشى نەتىجىسىدە، خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ يىقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى 1933-يىلىنىڭ ئاپرىل ئايلىرىدىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ ئەسكىرىي قۇۋۋەتلىرىنىڭ بىر قىسمىنى كۇچادا ئۇرۇش قىلىۋاتقان خوجانىياز ھاجىغا ياردەمگە ئەۋەتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خېلى زور ساندىكى ئەسكىرىي قۇۋۋەتلىرىنى ئەمىر ئابدۇللا بىلەن ئەمىر نۇرئەھمەدنىڭ قوماندانلىقىدا يەركەن، يېڭىسار ۋە قەشقەرگە ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىكى قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم بەرگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن خوتەننىڭ ئۆزىدە قالغان ئەسكىرىي كۈچ كۆپ ئەمەس ئىدى. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدا يەركەن، يېڭىسار ۋە قەشقەرگە ئەۋەتىلگەن خوتەن قوشۇنلىرىنىڭ تۇڭگان ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىشى، خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي قۇۋۋىتىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخىي رېئاللىقنى تەھلىل قىلىپ، خوتەن قوشۇنلىرىنىڭ كۇچا، قەشقەر، يېڭىسار ۋە يەركەنلەردە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىشى، خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ئاساسىنى زەئىپلەشتۈرۈپ، ئاخىرىدا يىقىلىشغا سەۋەب بولدى، دەپ قارايدۇ.

خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى 1930-يىللادىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابى جەريانىدا تۇنجى بولۇپ قۇرۇلغان مۇستەقىل ھاكىمىيەت بولۇشىغا قارىماي، مىللىي ئىنقىلاب مەغلۇب بولغاندىن كېيىنمۇ ئەڭ ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بەرگەن مىللىي ھۆكۈمەت ئىدى. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى خوتەن قوشۇنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ مېۋىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكى، غەربتە يېڭىساردىن شەرقتە خوتەن ئىلچىغىچە بولغان ئۇزاق لىنىيەدە كۈچلۈك دۈشمەن بىلەن قان كېچىپ جەڭ قىلغانلىقى، خوتەن قولدىن كەتكەندىن كېيىن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بىر قىسىم ئادەملىرى بىلەن قاراڭغۇتاغقا چېكىنىپ ئايلارچە قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى، ئەڭ ئاخىرىدا ئامال بولمىغاندا چەت ئەلگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر قالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

1934-يىل 6-ئاينىڭ باشلىرىدا خوتەن قوشۇنلىرىنىڭ ئاخىرىقى قالدۇق ئەسكىرىي كۈچلىرى ئەمىر مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ قوماندانلىقىدا ما خۇسەن باشچىلىقىدىكى تۇڭگان قوشۇنلىرى بىلەن خوتەننىڭ زاۋا دېگەن جايىدا ئىككى كېچە-كۈندۈز قانلىق جەڭ قىلىدۇ. ھالبۇكى، زامانىۋىي قوراللار بىلەن قوراللانغان تۇڭگان قوشۇنلىرى خوتەن ئەسكەرلىرىنىڭ مۇداپىيە سېپىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 6-ئاينىڭ 12-كۈنى خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ باش شىتابى بولغان ئىلچىنى ئىشغال قىلىدۇ. ئەمىر مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۈچۈن ياكى ئاخىرىقى نەپسىگىچە قارشىلىق كۆرسىتىپ شېھىت بولۇش، ياكى ۋەتەننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن چىقىش يولى ئىزدەپ چەت ئەلگە ھىجرەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىككىلا يول قالىدۇ. ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، ئەمىر مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلىش» قا مەجبۇر بولىدۇ.

(داۋامى بار)