مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (33) : بىرىنچى ھىجرەت يىللىرىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا چىقارغان مۇراجىئەت

0:00 / 0:00

1943-يىلى 2-ئايدا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ خىتاي مەركىزىگە كېتىش شەرتى بىلەن ئىنگلىز تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىشى؛ 4-ئايغا كەلگەندە خانىمى ئامىنە بۇغرانى ئېلىپ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى خىتاينىڭ ۋاقىتلىق پايتەختى چوڭچىڭغا بېرىشى بىلەن ئۇنىڭ بىرىنچى مۇھاجىرەت يىللىرى (1934-1943) دىكى سىياسىي مۇساپىرلىق ھاياتى ئاخىرلىشىدۇ. خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى يىقىلغاندىن كېيىنكى ئاز كەم ئون يىللىق بىرىنچى ھىجرەت مەزگىلى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى قايتا ئويلىنىش، تارىخىي ساۋاقلارنى يەكۈنلەش، دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى جىددىي ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىش، مىللىي تارىخ مۇنارىنى تىكلەش، دىپلوماتىيەلىك دىيالوگ قۇرۇش ۋە مۇنقەرز ۋەتىنىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن چىقىش يولى ئىزدەش جەريانى بولغان ئىدى.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بىرىنچى ھىجرەت يىللىرىدا يىراقتىكى مۇنقەرز ۋەتىنىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە يۈرگۈزگەن ئوي-خىياللىرى، سوغۇققان تەپەككۇرى، پىلان لايىھەلىرى ۋە ۋەتەنداشلىرىغا يوللىغان چاقىرىقى، ئۇنىڭ 1937-يىلى كابۇلدا تۇرۇپ يازغان «مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا خىتاب» ناملىق مۇراجىئەتنامىسىدە ئەكس-ئەتكەن ئىدى.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا مەزكۇر مۇراجىتىنى مۇنۇ جۈملىلەر بىلەن باشلايدۇ: «ئەزىز ۋەتەنداشلار، شەرقىي تۈركىستان پەرزەنتلىرى! سۆيۈملۈك ۋەتىنىمىز ۋە ئۇلۇغ مىللىتىمىزنىڭ ھازىرقى پاجىئە ھەم پالاكەتلەرگە دۇچار بولغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئېيتىپ، ئەپسۇسلۇق ۋە نادامەتلەر قىلىپ يۈرگەننىڭ ھېچبىر پايدىسى يوق. بەلكى بۇ ئەپسۇسلۇقلار ۋە نادامەتلەر كۈندىن-كۈنگە ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇرغان دەھشەتلىك خەۋەرلەر بىلەن قوشۇلۇپ، ئۈمىدسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۈمىدسىزلىك ئىنساننى، ھەر بىر ۋەتەن پەرزەنتىنىڭ ئۈستىگە ۋاجىپ بولغان ۋەتەن-مىللەت خىزمىتىدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ. بۇ ئۇلۇغ خىزمەتنىڭ تەرك ئېتىلىش سەۋەبى بىلەن دۇنيادا خورلۇق ۋە مىسكىنلىككە مۇپتىلا بولۇپ، ئاخىرەتتە ئايەت كەرىمدە بىلدۈرۈلگىنىدەك: ‹دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىدۇ› » .

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۈمىد ۋە ئىشەنچنىڭ ھەر بىر ئىنساننىلا ئەمەس، بەلكى زۇلمەتتە قالغان بىر قەۋم ۋە مىللەتنىمۇ سائادەتكە باشلايدىغان بىردىن-بىر ۋەسىلە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ: «ئىنسانلارنى ھەر مەقسىتىگە يەتكۈزىدىغان يالغۇز بىرلا ۋەسىلە-ئۈمىدتۇر. يەنى ئۈمىدنىڭ نەتىجىسى بولغان تىرىشىش ۋە غەيرەتتۇر. تېخىمۇ ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، مۇمكىن بولغان ۋەسىلىلەر ۋە ۋاسىتىلەرگە مۇراجىئەت قىلىش ۋە ئىمكان يەتكەن دائىرىدە تىرىشىپ كۈرەش قىلىشتۇر؛ مەغلۇبىيەتنى كۆرۈپ كۈرەش قىلىشتىن ۋاز كەچمەسلىك، توسالغۇلارغا قاراپ غەيرەت ۋە ھىممەتنى قولدىن بەرمەسلىكتۇر. چۈنكى، دۇنيا ۋەزىيەتلىرى دائىم بىر ھالدا تۇرمىغان ھەم تۇرمايدۇ. بىز زامانلاردا ھېچكىم تەڭ كېلەلمىگەن بىر قۇۋۋەت، يەنە بىر زامانلار كەلگەندە ئاجىزلىشىدۇ ۋە بەلكى دۇنيا سەھنەسىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ. بۈگۈنكى ئاجىز ئەل ئەتە كۈچلىنىپ، ھەرقانداق قۇۋۋەتكە قارشى كېلەلەيدىغان دەرىجىگە يېتىدۇ. بۇ ھەقتە شاھىت ئىزدەپ، قەدىمكى تارىخلارغا مۇراجىئەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، بەلكى شۇ يىگىرمە يىلنىڭ بۇ تەرىپىدىكى تارىخىي ھادىسىلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن كىشى، بۇنىڭ مەنىسىنى تەستىقلاپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىيىنچىلىقلىرىنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئاسان ھەل بولىدىغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ ھاسىل قىلىدۇ. بولۇپمۇ دۇنيانىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى ئۆگەنسە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ چوقۇم سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئۈمىد تۇغۇلىدۇ.»
ئۇنداقتا، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1937-يىلى كابۇلدا يازغان بۇ مۇراجىئىتى قانداق بىر ۋەزىيەت ۋە ئارقا كۆرۈنۈشتە يېزىلغان؟ ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغان؛ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى يىقىلغان؛ خەلق خانىۋەيران بولۇپ، ۋەتەن مۇنقەرزلىككە چۈشۈپ قالغان 1930-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرىتىمنىڭ ‹ئۈمىد› كەلىمىسى بىلەن باشلانغان مۇنداق بىر مۇراجىئەتنى چىقىرىشى، خەلقىمىزنى قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن يورۇقلۇقنى كۆرۈشكە، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىن ئۈمىدنى تۇغدۇرۇشقا، زۇلمەت ئىچىدىن سائادەتكە يول ئېلىشقا چاقىرىش ئۈچۈن ئىدى.»
ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى، ھەزرىتىمنىڭ مەزكۇر مۇراجىئەتتە «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ھەممىدىن ئاۋۋال كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قاراشنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە ئىمانىي بىر مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا مەزكۇر مۇراجىئەتتە، شەرقىي تۈركىستان پەرزەنتلىرىنىڭ سائادەت كۈنلىرى يېتىپ كەلگۈچە ئۆزلىرىنى ھەر جەھەتتىن تەييارلىشىنى، ئازادلىق نېمەتلىرى قولغا كەلگەن ھامان ئۇنى قانداق مۇھاپىزەت قىلىشنى بىلىشى كېرەكلىكىنى خىتاب قىلىدۇ: «يېتىپ كەلگۈسى سائادەت كۈنلىرىمىزگىچە، شەرقىي تۈركىستان پەرزەنتلىرى ئۆزىنى تەييارلىشى، كەلگۈسىدە خۇدا بېرىدىغان ئازادلىق نېمىتىنى ئۆز جايىدا سەرپ قىلىشقا، ھەرقانداق تاجاۋۇزچىلاردىن بۇ نېمەتلەرنى مۇھاپىزەت قىلىشقا، شۇنداقلا ئۆز ئېھتىياجلىرىمىزنى مۇمكىنقەدەر تەمىن ئېتىشكە قابىلىيەت پەيدا قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى، قابىلىيەتسىز ۋە ئەخمەق مىللەت قولغا كەلگەن ئازادلىق نېمەتلىرىنى تۇتالمايدۇ. ئىچكىي جەھەتتىكى ئىتتىپاقسىزلىق تۈپەيلى خۇدا بەرگەن شەرەپ ۋە ئىززەتتىن مەھرۇم قالىدۇ. بۇنىڭغا شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى جەريانىدىكى ئىبرەتلىك ۋەقەلەر دەلىل بولالايدۇ.»

ئۇ مەزكۇر مۇراجىئەتتە يەنە ۋەتەنداشلىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەش تارىخىدا بىرقانچە قېتىملىق ھەل قىلغۇچ پۇرسەتلەرنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى ئەپسۇسلۇق ئىلكىدە كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ: «ئەزىز مىللىتىم! ئىستىقلال تەلەپ قىلغان ھېچبىر مىللەت، بىزگە نېسىپ بولغاندەك پۇرسەتلەرنى ئۇچراتقانلىقى تارىختا كۆرۈلمىگەن. ئەگەر بۇ پۇرسەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇزلۇق كىشىلىرىدىن ئەقەللىي 40-50 لاياقەتلىك كىشى، يەنى دۇنيا سىياسەتلىرىدىن ۋاقىپ بولغان، تەجرىبىلىك، ھەقىقىي ۋەتەن سۆيەر، ھەر ئىشنىڭ مەۋقە ۋە دەرىجىسىنى بىلىدىغان، شەخسىي غەرەزلىك بولمىغان ۋە ئەھلى غەرەزلەرنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە بېرىلىپ كەتمەيدىغان كىشىلەر بولغان بولسا ئىدى، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان ھازىرغىچە دۇنيانىڭ مۇستەقىل بىر دۆلىتى بولۇپ بولغان بولاتتى. ئەپسۇسكى، ئەنە شۇنداق ياخشى پۇرسەتلەر قولدىن كەتتى! »

ھالبۇكى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا تارىختا شۇنچە كۆپ پۇرسەتلەر قولدىن كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستان پەرزەنتلىرىنىڭ ئىستىقلالىيەت دەۋاسى ئۈچۈن پۇرسەتنىڭ يەنە كېلىدىغانلىقىنى، ئىنسانلىق تارىخىنىڭ ئۆزگىرىشلەرگە ۋە پۇرسەتلەرگە تولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ: «ئەزىز مىللىتىم! پۇرسەت راستتىنلا قولدىن كەتتىمۇ؟ بۇ سوئالغا پىكرى قىسقا، دۇنيا تارىخىدىن خەۋەرسىز ۋە دۇنيا سىياسىتىنى ئۇقمىغان كىشىلەر، پۇرسەت قولدىن كەتتى، ئەمدى بىز مەھرۇم بولدۇق، دەيدۇ. ھالبۇكى، دۇنيا سىياسىتى ۋە تارىخىدىن ئاز بولسىمۇ خەۋىرى بار كىشىلەر، ئۇنداق قارىمايدۇ. شۇنىڭغا جەزمەن ئىشىنىمىزكى، پۇرسەت قولدىن كەتمىدى، چۈنكى دۇنيا ھادىسىلەر ۋە ئۆزگىرىشلەر ئالىمىدۇر. دەپتەرنىڭ ھەممە سەھىپىلىرى ئوخشاش بىر خىل رەڭدە ئەمەس، بەلكى بىر سەھىپىسى قارا بولسا، يەنە بىر سەھىپىسى تامامەن ئاقتۇر! غەم كېچىسىنىڭ خۇشاللىق كۈندۈزىگە ئايلىنىدىغانلىقىدا شەك-شۈبھە يوقتۇر. مۇقەددەس ‹قۇرئان كەرىم› نىڭ: ‹بىز كۈنلەرنى ئىنسانلار ئارىسىدا دەۋر قىلدۇرۇپ تۇرىمىز› دېگەن ئايەتلىرى ۋە بۇنىڭدىن باشقا ئىلاھىي بىشارەتلەرنىڭ ھەممىسى بەرھەقتۇر. ئىنسانلىق تارىخى مۇنداق ئۆزگىرىشلەر بىلەن تولۇپ تاشقاندۇر. ئەلۋەتتە، پارلاق پۇرسەتلەر بار، بۇ پۇرسەتلەرنىڭ ۋاقتى يېقىن، دەپ ئۈمىد قىلىمىز! »
ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى، ھەم تارىخچى، ھەم ئىنقىلابچى، ھەم سىياسەتچى، ھەم دىنىي ئۆلىما بولغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ باشقا ھەرقانداق كىشىگە قارىغاندىمۇ ئۆز خەلقىنىڭ ھامان بىر كۈنى ھۆرىيەت نېمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەنگەنلىكىنى، بۇ ئىشەنچنىڭ مەزكۇر مۇراجىئەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا مەزكۇر مۇراجىئەتنامىنىڭ ئاخىرىدا ياشلارغا، ئۆلىما-تالىپلارغا، ۋە بايلارغا ئالاھىدە خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەنە تەكرارلايمەنكى، پۇرسەت كەلگۈچە تىرىشىپ تەييارلىق قىلىش، ئىتتىپاقلىشىش، ئىسلاھ يولىنى تۇتۇش لازىم. بۇ تەييارلىق ھەر زاماننىڭ ۋەزىيىتىگە، سىياسىتىگە، ھەر مەملىكەتنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىغا، ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا، ھەر مىللەتنىڭ مەدەنىي ئېھتىياجىغا، دىنىي ئۇسۇللىرىغا ۋە مىللىي ئادەتلىرىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك... بىر مىللەتنىڭ ئىستىقلالىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى قوغداپ قېلىش، شۇ مىللەت كىشىلىرى كۆپچىلىكىنىڭ قاتنىشىشى ھەم ئىتتىپاقلىشىشى بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ھەر بىر كىشى ئۆزى قىلىدىغان ئىشنى بىلىشى لازىم، چۈنكى بىلمىگەن ئىشنى ئىجرا قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ۋەتىنىمىزدە ئۆلىما ۋە فىقھ ئالىملىرىمىز تولا، ئەمما ئۇلار پەقەت دىنىي ۋە ئەدلىيە ئىشلىرىنىلا بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ سىياسىي، ھەربىي، سانائەت، مۇداپىئە ۋە تەرەققىيات ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئىشلار ھەققىدە مەلۇماتلىرى ئاز بولغانلىقتىن، ھەر ساھەدىكى پەزىلەتلىك ۋە ئىقتىدارلىق كىشىلەرگە ئېھتىياجىمىز كۆپتۇر.»
ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1937-يىلى يازغان بۇ مۇراجىئىتىدە ياشلار، ئۆلىما-تالىپلار ۋە بايلارغا ئالاھىدە مۇراجىئەت قىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە بۇ مۇراجىئەتنامىدىكى كۈچلۈك بايانلارنىڭ بۈگۈنكى كۈنىمىزدىمۇ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1937-يىلى كابۇلدا يازغان بۇ مۇراجىئەتنامىسىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشرگە تەييارلاپ، 2015-يىلى نەشر قىلىنغان «مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئەسەرلىرى» گە كىرگۈزگەن. ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇغرانىڭ بۇنىڭدىن 80 نەچچە يىل ئىلگىرى يازغان بۇ مۇراجىئەتنامىسىنىڭ ئەسلى قوليازمىسىنىڭ كىملەر تەرىپىدىن ساقلانغانلىقى ۋە قانداق نەشرىگە تەييارلانغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.
(داۋامى بار)