مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (35) : گومىنداڭ مەركىزىدە قەلەم كۈرىشى ۋە مەتبۇئات ئىنقىلابى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز قۇتلان تەييارلىدى
2023.09.12
Kutlan-suret-01 1930-يىللاردىن 1940-يىللارغىچە خىتاينىڭ نەنجىڭ، خەنكو، چۇڭچىڭ، لەنجۇ قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، مەسئۇت سابىرى ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرالار تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە
RFA/Qutlan

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1943-يىلى 4-ئايدا كالكۇتتادىن مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ۋاقىتلىق پايتەختى چۇڭچىڭغا يېتىپ بارغاندا، ئىچكىي خىتاينىڭ نەنجىڭ، شاڭخەي، چۇڭچىڭ ۋە لەنجۇ قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ كىچىك كۆلەملىك بىر جامائىتى مەۋجۇت ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى سوۋېت تەھلىكىسى ھەمدە مىلىتارىست شېڭ شىسەينىڭ تەقىپلىرىدىن قېچىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە پاناھلىنىۋاتقان سىياسىي شەخسلەر، چوڭ سودىگەرلەر ۋە بىر قىسىم جامائەت ئەربابلىرىدىن تەركىب تاپقان كىشىلەر ئىدى. شۇ يىللاردا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەسئۇت سابىرى بىلەن ئەيسا ئەپەندى، ئىچكىي خىتايدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ يېتەكچىلىرى سۈپىتىدە تونۇلغان ئىدى. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ چۇڭچىڭغا بېرىشى بىلەن، بۇ ئۈچ كىشى، كېيىنچە «ئۈچ ئەپەندى» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىشقا باشلىغان.

مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا دائىر ئارخىپ ھۆججەتلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا چۇڭچىڭغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى چېگرا رايون ئىشلىرى تەرجىمە ۋە تەھرىر ھەيئىتىنىڭ تەھرىر ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەنلىكى مەلۇم. 1944-يىلى مارت ئايلىرىغا كەلگەندە، سۈن جۇڭشەننىڭ ئوغلى سۈن كې مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەش توغرىلىق تەكلىپ سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەكلىپ جياڭ جيېشى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.

«ئالتاي» ژۇرنىلىنىڭ 1945-يىلى مارتتا چۇڭچىڭدا نەشر قىلىنغان 12-سانى
«ئالتاي» ژۇرنىلىنىڭ 1945-يىلى مارتتا چۇڭچىڭدا نەشر قىلىنغان 12-سانى
RFA/Kutlan

ھالبۇكى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا گومىنداڭ مەركىزىدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلگەن ۋەزىپىگە قاراپ ئولتۇرمىغان. ئۇ «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىيوگرافىك يازمىسىدا، ئۆزىنىڭ چۇڭچىڭغا بارغاندىن كېيىنكى بىرىنچى مۇھىم ئىشىنىڭ ئەيسا ئەپەندى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىشقا باشلىغان «ئالتاي» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرلىكى ۋە ئاساسلىق يازارلىقىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ سىياسىي سەزگۈرلۈكى، تارىخ، مەدەنىيەت ۋە يېزىقچىلىق جەھەتتىكى مول بىلىمىگە تايىنىپ، «ئالتاي» ژۇرنىلىنى ئاساس قىلغان مەتبۇئاتلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.

نەنجىڭدا نەشر قىلىنغان «چېگرا رايون ئاۋازى» (چىنى تۈركىستان ئاۋازى) ناملىق ژۇرنالنىڭ خىتايچە نۇسخاسىنىڭ مۇقاۋىسى
نەنجىڭدا نەشر قىلىنغان «چېگرا رايون ئاۋازى» (چىنى تۈركىستان ئاۋازى) ناملىق ژۇرنالنىڭ خىتايچە نۇسخاسىنىڭ مۇقاۋىسى
RFA/Kutlan

زامانىۋىي مەتبۇئات ۋە نەشرىياتچىلىق 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدىن بۇيان مۇنقەرز ئەللەرنىڭ مۇستەملىكىچىلەردىن قۇتۇلۇش يولىدىكى مەپكۇرە ئاساسى ھەم سىياسىي ئېڭىنى ئويغاتقان ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، 1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنكى 10 يىللىق سىياسىي مۇساپىچىلىق ھاياتىدا، زامانىۋىي مەتبۇئاتچىلىقنىڭ مۇنقەرز بىر مىللەتنىڭ قۇتۇلۇش يولىدا قانچىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر دەرىجىدە تونۇپ يەتكەن ئىدى. تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، بۇغرا چوڭچىڭغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئەيسا ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە «ئالتاي» ژۇرنىلىنى ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە ئىككى تىلدا نەشر قىلىشقا باشلىغانلىقى؛ مەتبۇئاتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ھەم شەرقىي تۈركىستان خەلقىدە مىللىي ھوقۇق ئېڭىنى ئويغىتىش ھەم گومىنداڭ ھوقۇق مەركىزىدە جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرۈشنى ئاساسلىق نىشان قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

نەنجىڭدا نەشر قىلىنغان «تىيانشان» (ئۇيغۇرچىسى «تەڭرىتاغ» ياكى «چىنى تۈركىستان ئاۋازى») ژۇرنىلىنىڭ 1-سان 1-توپلامى
نەنجىڭدا نەشر قىلىنغان «تىيانشان» (ئۇيغۇرچىسى «تەڭرىتاغ» ياكى «چىنى تۈركىستان ئاۋازى») ژۇرنىلىنىڭ 1-سان 1-توپلامى
RFA/Kutlan

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا چۇڭچىڭغا بېرىشتىن ئىلگىرىلا «ئالتاي» ژۇرنىلى ئەيسا ئەپەندى تەرىپىدىن چىقىرىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۇنجى سانى يورۇق كۆرگەن ئىدى. بۇغرانىڭ يېتىپ بېرىشى بىلەن «ئالتاي» ژۇرنىلىنىڭ قەلەم كۈچى زور دەرىجىدە يۈكسىلىپ، ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە ئىككى تىلدا تەڭلا نەشر قىلىنىشقا باشلايدۇ، كېيىنچە «ئالتاي» نەشرىياتى بولۇپ قۇرۇلىدۇ.

ئىككى تىلدا نەشر قىلىنىشقا باشلىغان «ئالتاي» ژۇرنىلى ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئالتاي» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم كۈچلۈك ماقالە ۋە يازمىلار، بولۇپمۇ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ سىياسىي تەلەپلىرى ھەمدە سىياسىي ئىرادىسىنى ئەكس-ئەتتۈرگەن سەزگۈر تېمىدىكى ماقالىلىرى گومىنداڭ ھوقۇق مەركىزىدىكى ئوڭ قانات مۇتەئەسسىپ خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلايدۇ.

پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ بايان قىلىشىچە، «ئۈچ ئەپەندى» نىڭ خىتاي مەركىزىدىكى مەتبۇئات كۈرىشى يالغۇز «ئالتاي» ژۇرنىلى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. ئۇلار چۇڭچىڭ، نەنجىڭ، شاڭخەي ۋە لەنجۇ قاتارلىق خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە ئىنتايىن ئاز ئادەم كۈچى، مەبلەغ قىيىنچىلىقى ۋە گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ تۈرلۈك توسالغۇلىرىغا قارىماي يەنە «ئۇرۇش خەۋەرلىرى» ، «يۇرت» ، «تىيانشان» قاتارلىق ئورتاق تۈركىي ئەدەبىي تىلىدىكى گېزىت-ژۇرناللارنىمۇ نەشر قىلدۇرۇپ تارقاتقان.

شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى، 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن كېيىن تۈرلۈك سەۋەبلەر، بولۇپمۇ سىياسىي تەقىپلەر تۈپەيلى خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرىگە كېتىشكە مەجبۇر بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇر سەرخىللىرى، مەتبۇئاتتىن ئىبارەت بۇ تەسىرچان ۋاسىتىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاۋازىنى تاشقىي دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشقان ئىدى. نەنجىڭ، شاڭخەي، خەنكو، چوڭچىڭ ۋە لەنجۇ قاتارلىق ئىچكىي خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نەشر قىلىنغان «چېگرا رايون خەۋەرلىرى» ، «ئۇرۇش خەۋەرلىرى» ، «يۇرت» ، «چىنى تۈركىستان ئاۋازى» ، «تىيانشان» (تەڭرىتاغ) ، «ئالتاي» قاتارلىق ژۇرناللار دەل شۇنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى. ئورتاق تۈركىي ئەدەبىي تىلىدا نەشر قىلىنغان بۇ ژۇرناللار ئۆز دەۋرىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ۋاقىتلىق پاناھلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارغىلا ئەمەس، بەلكى تيەنجىن، خاربىن قاتارلىق خىتاي شەھەرلىرىدىكى تاتار-تۈرك مۇھاجىرلىرى، ياپونىيەدىكى تاتار جامائىتى، ھىندىستان، ئەرەب ئەللىرى، تۈركىيە، ھەتتا ياۋروپادىكى تۈركىستان مۇھاجىرلىرىغىمۇ پوچتا ئارقىلىق تارقىتىلغان ئىدى. تاران ئۇيغۇر ئەپەندى بۇ ژۇرناللارنىڭ ئۆز دەۋرىدە ئىككى خىل تىلدا نەشر قىلىنىپ، كەڭ دائىرىدە تارقىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

«تۈركىستانلىق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى» تەرىپىدىن خەنكودا نەشر قىلىنغان «ئۇرۇش خەۋەرلىرى» ناملىق ژۇرنالنىڭ 1938-يىللىق 1-سانىنىڭ مۇندەرىجىسى
«تۈركىستانلىق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى» تەرىپىدىن خەنكودا نەشر قىلىنغان «ئۇرۇش خەۋەرلىرى» ناملىق ژۇرنالنىڭ 1938-يىللىق 1-سانىنىڭ مۇندەرىجىسى
RFA/Kutlan

پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، يۇقىرىقى ژۇرناللاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە نۆۋەتتىكى سىياسىي ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغاندىن سىرت، ئەڭ مۇھىمى تۈركچىلىك ئىدېئولوگىيەسىنىڭ تەشۋىق قىلىنغانلىقى، تىل ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلغان ھالدا مەلۇم مىقداردا تۈركچە سۆز-كەلىمىلەرنىڭمۇ ئىشلىتىلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەزكۇر ژۇرناللار توغرىلىق بىرىنچى قول ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى توپلىغان ۋە بۇ جەھەتتە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان بىلىم ئادەملىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، ئۇيغۇرچە ئاساس قىلىنغان ئورتاق تۈركىي ئەدەبىي تىلىدا ۋە خىتاي تىلىدا چىقىرىلغان بۇ ژۇرناللارنىڭ مەزمۇن ئېتىبارى ئىككى خىل نىشاننى چىقىش قىلغانلىقىنى، يەنى خىتايچىسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سىياسىي تەلەپلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئاساس قىلىنغان بولسا؛ ئۇيغۇرچىسىدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ۋە چېگرا رايونلار سىياسىتى، ياپونغا قارشى ئۇرۇش خەۋەرلىرى، تۈركىيە ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت، شۇنداقلا مىلىتارىست شېڭ شىسەينىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ئەھۋالى كۆپرەك بايان قىلىنغان ئىكەن.

 (داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.