مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (42): ئالىي مۇختارىيەتتىن مۇستەقىللىققىچە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز قۇتلان تەييارلىدى
2024.02.13
muhemmed-emin-bughra-opche-suret مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم مىللەتچى ياش زىيالىيلار بىلەن بىللە (ئالدىنقى رەت ئولتۇرغانلار ئوڭدىن سولغا: ئابدۇلئەزىز مەخسۇم، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ئابدۇلقادىر سامانى، مۇھەممەد يۇنۇس بۇغرا)، 1948-يىل، ئۈرۈمچى
RFA/Qutlan

1945-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق «ئۈچ ئەپەندى» لەر يىللارچە سۈرگەن سىياسىي مۇساپىرەت ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغا جىددىيچىلىك، ۋەھىمە ۋە ئەنسىزچىلىك قاپلىغان داۋالغۇش ئىچىدىكى بىر مەنزىرە پەيدا بولغانىدى. بۇ ۋاقىتتا گەرچە ئىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مىللىي ئارمىيە ئۈرۈمچىگە ئاران يۈز نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان ماناس دەرياسى بويىغا قىستاپ كەلگەن، گومىنداڭ دائىرىلىرى ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئۆلكە مەركىزىنى قۇمۇلغا كۆچۈرۈشكە تەييارلىنىۋاتقان بىر ۋاقىت ئىدى.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا خاتىرەسىدە ۋەتەن تۇپراقلىرىغا قايتا دەسسىگەن ئاشۇ مىنۇتلاردىكى مۇرەككەپ ھېسسىياتىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «1945-يىلى 17-ئۆكتەبىردە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدۇق، ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ھەسرىتىدە كۆيۈپ يۈرگەن ئەزىز يۇرتۇمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ھېسسىياتىمنى ھەرگىزمۇ تەسۋىرلەپ بېرەلمەيتتىم…»

ھالبۇكى، ئۇلار ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما قاتتىق ۋەھىمە ئىچىدە قالغان ئۈرۈمچىدىكى گومىنداڭ مەمۇرىي ۋە ھەربىي دائىرىلىرى «ئۈچ ئەپەندى» لەرنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قاتتىق چەكلەيدۇ، ئۇلارنىڭ خەلق بىلەن ئۇچرىشىشىنى توسىدۇ. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېت تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، «ئۈچ ئەپەندى» نىڭ قاتتىق چىڭ تۇرۇشى بىلەن ئاخىرى گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ سۆھبەت ۋەكىلى جاڭ جىجۇڭ ئارىغا كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ھەربىي مەكتەپ كۇلۇبىدا ياشلار بىلەن ئۇچرىشىشىغا يول قويغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گەرچە ئۆلكە رەئىسى ۋۇ جۇڭشىن بىلەن گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى جۇ شاۋلياڭ «ئۈچ ئەپەندى» لەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى پائالىيەتلىرىنى قاتتىق توسقان بولسىمۇ، ئەمما تىنچلىق سۆھبىتى باشلىنىش ئالدىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى تۈپەيلى جاڭ جىجۇڭ ئۇلارغا يول قويۇشقا مەجبۇر بولغان.

 بۇغرانىڭ خاتىرەلىرىگە قارىغاندا، 1945-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ھەربىي مەكتەپنىڭ كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن ياشلار بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنىدا، «ئۈچ ئەپەندى» لەر ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە سىياسىي غايىلىرىنى ئايرىم-ئايرىم شەرھلەپ ئۆتكەن. بۇغرا ياشلارغا سۆزلىگەن سۆزىدە ئالىي مۇختارىيەتتىن مىللىي مۇستەقىللىققىچە بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي يول خەرىتىسىنى ئىزاھلاپ ئۆتكەنلىكى مەلۇم. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، «ئۈچ ئەپەندى» لەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بۇ تۇنجى مەيدان نۇتۇقلىرىنىڭ ھەم گومىنداڭ تەرەپنى، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخىي ھۆججەتلەر ۋە ئەسلىمىلەرگە قارىغاندا، ئىلى تەرەپ سۆھبەت ۋەكىللىرى دەسلەپتە مۇستەقىللىق مەۋقەسى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى بىلەن بارا-بارا ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت نامىدىكى يېرىم ئاپتونومىيەلىك ھوقۇقلارنى تالاش-تارتىش قىلىشقا مەجبۇر بولغان. تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا بۇغرا قاتارلىق «ئۈچ ئەپەندى» لەرمۇ شەرقىي تۈركىستانغا ئالدى بىلەن دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ سىرتىدىكى بارلىق ھوقۇقلارنىڭ بېرىلىشىنى ئىستەيدىغان ئالىي مۇختارىيەتلىك سىياسىي سالاھىيەت تەلەپ قىلغان.

مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، مەيلى ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بولسۇن ياكى «ئۈچ ئەپەندى» باشچىلىقىدىكى تۈرك مىللەتچىلىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاداققى مۇستەقىللىقى مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئارىدىكى ئىختىلاپنىڭ ئاساسلىقى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايىنىش ياكى تايانماسلىق مەسىلىسىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخىي ھۆججەتلەر ۋە ئەسلىمىلەرنىڭ دەلىللىشىچە، مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت ئورتاق نىشانغا ئوخشىمىغان يول ۋە مەپكۇرە بويىچە يېتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ھەر ئىككى تەرەپ، 8 ئايغا سوزۇلغان بىتىم مەزگىلىدە بولسۇن ياكى بىتىمدىن كېيىنكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە بولسۇن، بەزى پىرىنسىپاللىق نۇقتىلاردا ئۆزئارا كېلىشىشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئالىمجان ئىنايەتنىڭ تەكىتلىشىچە، كېيىنكى مەزگىللەردە سوۋېت تەرەپنىڭ ئىلى ئىنقىلابچىلىرىغا، گومىنداڭ تەرەپنىڭ «ئۈچ ئەپەندى» لەرگە تىنىمسىز بېسىم قىلىشى نەتىجىسىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئىختىلاپلار كۈنسايىن كۈچەيگەن.

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، زىيا سەمەدى ۋە ھاجى ياقۇپ قاتارلىق تارىخىي شاھىتلارنىڭ ئەسلىلىرىگە قارىغاندا، 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك سەرخىللار ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايانغان ئىلى گۇرۇھى، «ئۈچ ئەپەندى» باشچىلىقىدىكى تۈرك مىللەتچىلىرى گۇرۇھى ۋە گومىنداڭنىڭ كۈنلۈكى ئاستىدا قېلىشنى خالايدىغان «خىتايپەرەسلەر» (چىنچىلار) گۇرۇھىدىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇھ شەكىللەنگەن. مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

 پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ بۇغرانىڭ خاتىرەلىرىدىكى بايانلارغا تايانغان ھالدا، ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي سەھنىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ئۈچ گۇرۇھ توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، يۇقىرىقى ئۈچ گۇرۇھ ئىچىدە ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بىلەن «ئۈچ ئەپەندى» باشچىلىقىدىكى مىللەتچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاداققى مۇستەقىللىقىدىن ئىبارەت ئورتاق نۇقتىدىكى بىرلىكىنىڭ ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنى ھەم گومىنداڭ خىتاي دائىرىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

دەرۋەقە، 1940-يىللارنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە، سىياسىي-مەپكۇرەۋىي كۈرەشنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىگە ئەگىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ئىلى ئىنقىلابچىلىرى ئارىسىدىن «رۇسپەرەس» لەر گۇرۇھىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولسا؛ گومىنداڭ تەرەپمۇ ئۆزىگە مايىل «خىتايپەرەس» لەر (چىنچىلار) گۇرۇھىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تىرىشقان. تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە گومىنداڭغا مايىل «خىتايپەرەس» لەر گۇرۇھىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈپكى سىياسىي غايىسى ۋە ئىرادىسىگە خىلاپ ھەرىكەتلەردە بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

 (داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.