مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (46): خوتەن ۋىلايىتىدە دېموكراتىك سايلامغا نازارەتچىلىك قىلىش

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز قۇتلان تەييارلىدى
2024.04.23
muhemmed-emin-bughra-resim-1 مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قىزى فاتىمە بۇغرا بىلەن بىللە، 1947-يىلى ياز، ئۈرۈمچى
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: قۇتلان

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بىرىنچى ھىجرەتتىن كېيىن ۋەتەندە ئۆتكۈزگەن قىسقىغىنە 5 يىللىق ھاياتى ئۇنىڭ ئۆمۈر مۇساپىسىدىكى ئۇنتۇلماس يىللار بولغان ئىدى. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ جەنۇبقا سەپەر قىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ دېموكراتىك سايلىمىغا نازارەتچىلىك قىلىشى ۋە گومىنداڭ ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن تىغمۇ-تىغ ئېلىشىشى، بۇغرانىڭ سىياسىي كۈرەش ھاياتىدىكى ئەڭ ئەمەلىي، ئەڭ كەسكىن سەھىپىلەرنىڭ بىرى بولغان ئىدى.

ئەخمەتجان قاسىمى (سول تەرەپ ئوتتۇرىدىكى دوپپىلىق كىشى)، جاڭ جىجۇڭ (سول تەرەپ ئوتتۇرىدىكى ھەربىي فورمىلىق كىشى)، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن (ئوڭ تەرەپ ئوتتۇرىدىكى يالاڭباشتاق كىشى) ۋە ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم (سول تەرەپ سەللىلىك ئاق ساقال كىشى) قاتارلىقلار قەشقەر خەلقى ئارىسىدا، 1947-يىل ماي، قەشقەر
ئەخمەتجان قاسىمى (سول تەرەپ ئوتتۇرىدىكى دوپپىلىق كىشى)، جاڭ جىجۇڭ (سول تەرەپ ئوتتۇرىدىكى ھەربىي فورمىلىق كىشى)، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن (ئوڭ تەرەپ ئوتتۇرىدىكى يالاڭباشتاق كىشى) ۋە ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم (سول تەرەپ سەللىلىك ئاق ساقال كىشى) قاتارلىقلار قەشقەر خەلقى ئارىسىدا، 1947-يىل ماي، قەشقەر
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: قۇتلان

دەرۋەقە، 1946-يىلى 6-ئايدا ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا 8 ئايغا سوزۇلغان «تىنچلىق سۆھبىتى» ئاخىرلىشىپ، «ئون بىر بىتىم» ئىمزالىنىدۇ. شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى «بىتىم» نىڭ روھى بويىچە ئۈرۈمچىدە «ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت» قۇرۇلىدۇ. ئارقىدىنلا جايلاردا دېموكراتىك سايلام خىزمىتى باشلىنىدۇ. ئامېرىكادا ياشاۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، ھەر قايسى ۋىلايەتلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان دېموكراتىك سايلامغا نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە نازارەتچىلەرنىڭ 10 ۋىلايەتكە ئەۋەتىلىشى، «بىتىم» دىن كېيىن ئىشقا ئاشقان ئاز ساندىكى ئەمەلىي ئىجرائاتلارنىڭ بىرى بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «بىتىم» نىڭ روھى بويىچە تەشكىللەنگەن سايلامغا نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى سۈپىتىدە يۇرتى خوتەنگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

جەنۇبىي شەرقىي تۈركىستان سايلامغا نازارەتچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى مۇھەممەد ئىمىن خەلپەت ھاجىنىڭ «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىگە بېسىلغان دوكلاتىنىڭ باش قىسمى («ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى، 1947-يىللىق 41-سان، 2-بەت)
جەنۇبىي شەرقىي تۈركىستان سايلامغا نازارەتچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى مۇھەممەد ئىمىن خەلپەت ھاجىنىڭ «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىگە بېسىلغان دوكلاتىنىڭ باش قىسمى («ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى، 1947-يىللىق 41-سان، 2-بەت)
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: قۇتلان

ئۇنداقتا، 1930-يىللارنىڭ باشلىرىدا خوتەن ئىنقىلابىنى قوزغاپ، خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنى قۇرغان، شۇنداقلا قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس ياراتقان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرادەك بىر كىشى ئارىدىن ئون نەچچە يىل ئۆتكەندە قانداق قىلىپ يۇرتى خوتەنگە نازارەتچى سۈپىتىدە ئەۋەتىلدى؟

مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ سايلامغا نازارەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن يۇرتى خوتەنگە ئەۋەتىلىشىدە، گەرچە ئۆلكە رەئىسى جاڭ جىجۇڭنىڭ ئۆز ئالدىغا سوققان چوتى بار بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ مۇھىمى ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئىلى ئىنقىلابچىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەۋسىيەسىدىن بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ سايلامغا نازارەت قىلىش ئۈچۈن يۇرتى خوتەنگە ئەۋەتىلىشىدە، ئۇنىڭ خوتەن خەلقى ئارىسىدىكى تەسىرى ۋە ئابرۇيىنىڭ ئالدىن ئويلىشىلغانلىقى؛ جاڭ جىجۇڭنىڭ بۇغرانىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرغان خوتەن ۋىلايىتىنى تىنچلاندۇرۇشنى ئويلىغان بولسا، ئىلى تەرەپنىڭ قوراللىق ئىنقىلاب تەجرىبىسىگە ئىگە بۇغرانىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ ئۇچقۇنلىرىنى خوتەن ۋىلايىتىگە كېڭەيتىشنى ئارزۇ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

ھالبۇكى، «بىتىم» دىكى ماددىلارنىڭ رېئاللىقتا ئەمەلىيلىشىشى ئىنتايىن قىيىن بولىدۇ، بولۇپمۇ جايلاردا ناھىيەلەرنىڭ ھاكىملىرىنى دېموكراتىك ئۇسۇلدا خەلق تەرىپىدىن سايلاپ چىقىش ئىشى گومىنداڭ ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ كۈچلۈك مۇداخىلىسىگە ۋە توسقۇنلۇقىغا ئۇچرايدۇ. بۇ ئەھۋال باشقا ۋىلايەتلەرگە قارىغاندا نىسبەتەن بېكىك ھالەتتە تۇرۇپ كەلگەن خوتەندە ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ.

غەلىبەسېرى ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان قوراللىق مىللىي ئىنقىلابنىڭ ئىككى تەرەپتىكى «بۈيۈك كۈچ» لەرنىڭ مەنپەئەت ئويۇنىدىكى بىر كوزىرغا ئايلاندۇرۇلۇشى، شۇنداقلا سۈلھى يولى بىلەن يېرىم يولدا قىسماققا ئېلىنىشى، ئەمەلىيەتتە ئىلى ئىنقىلابىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئاللىقاچان بەلگىلەپ بولغان ئىدى. دېگەندەك، «بىتىم» دىكى چىرايلىق سۆز-جۈملىلەر بىلەن يېزىلغان ماددىلار ۋە يالتىراق ۋەدىلەر ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ پېتى قېلىپ قالىدۇ. مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، «بىتىم» بويىچە ئېلىپ بېرىلغان جايلاردىكى «دېموكراتىك سايلام» نىڭ يەرلىكتىكى گومىنداڭ ھەربىي دائىرىلىرى تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى، ھەتتا سايلام مەيدانىنىڭ ئوققا تۇتۇلۇشى، بۇنىڭ بىر ئەمەلىي مىسالى ئىدى.

ئون نەچچە يىللىق سىياسىي مۇساپىرەت ھاياتىدا كېچە-كۈندۈز ئوتىدا پۇچىلىنىپ كۆيگەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا چەكسىز ھاياجان ۋە سېغىنىش ئىچىدە يۇرتى خوتەنگە يېتىپ بارغىنىدا، ئويلاپ باقمىغان قىيىنچىلىقلارغا ھەم توسالغۇلارغا دۇچ كېلىدۇ. بۇغرا تەۋسىيە قىلغان، خوتەن خەلقى سايلىغان ھاكىملار گومىنداڭ ھەربىي دائىرىلىرى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ ياكى قاماققا ئېلىنىدۇ. ئەركىن سايلام ئىستىگەن خەلق ئوققا تۇتۇلىدۇ، ھەتتا بۇغرانىڭ ھاياتى تەھدىتكە ۋە خەۋپكە ئۇچرايدۇ. پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھەتتا سەيپىدىن ئەزىزى بىلەن بۇرھان شەھىدىنىڭ ئەسلىمىلىرىدىمۇ خوتەندىكى سايلامنىڭ ئەڭ قاتتىق توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ھاياتىنى دوغا تىكىپ تۇرۇپ خوتەندىكى گومىنداڭ ھەربىي دائىرىلىرى ۋە خىتايپەرەس ۋالىي نۇربەگ (خا دېڭباڭ) بىلەن كۈرەش قىلغانلىقى مەلۇم.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ خوتەندىكى سايلام توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتىنىڭ غۇلجادا چىقىدىغان «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىگە بېسىلغان ئاخىرىقى قىسمى («ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى، 1947-يىللىق 43-سان، 2-بەت)
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ خوتەندىكى سايلام توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتىنىڭ غۇلجادا چىقىدىغان «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىگە بېسىلغان ئاخىرىقى قىسمى («ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى، 1947-يىللىق 43-سان، 2-بەت)
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: قۇتلان

دەرۋەقە، گومىنداڭ ھەربىي دائىرىلىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئىشخانا ساقلايدىغان ئادەتتىكى مۈلكىي ئەمەلدار بولماستىن، بەلكى بىر زامانلار قولىغا قورال كۆتۈرگەن، مۇستەقىللىق ئىستىگەن، يۇرتى خوتەندە بىر مەيدان مىللىي ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلغان كەسكىن بىر ئىنقىلابچى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. شۇڭىمۇ بۇغرا نازارەت قىلىۋاتقان خوتەندىكى دېموكراتىك سايلامغا ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە توسقۇنلۇق قىلغان ئىدى. مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ يۇرتى خوتەندىكى ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى دوغا تىككەن مۇرەسسەسىز كۈرەش روھىنىڭ ئىلى تەرەپنىمۇ تەسىرلەندۈرگەنلىكىنى؛ ئۇنىڭ بۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق سىياسىي مەپكۇرە جەھەتتىن گەرچە ئىلى تەرەپ بىلەن كېلىشەلمىسىمۇ، ئەمما ۋەتەننىڭ ھۆرىيىتى مەسىلىسىدە ئىلى تەرەپ بىلەن بىر ياقىدىن باش چىقىرالايدىغان روھقا ئىگە بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

 (داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.