مۇھەممەتجان سادىقنىڭ تەرجىمىھالى ۋە چەكلەنگەن ئەسەرلەر

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار ۋە «يورۇق ساھىللار» سەھىپىمىزگە كۆڭۈل رىشتىسىنى باغلاپ، ھەپتىلىك قۇلاق دىدارىغا تەشنا بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىخلاسمەن قېرىنداشلار، بۇ ھەپتىلىك «يورۇق ساھىللار» سەھىپىمىزنىڭ يېڭى پروگراممىسىغا خۇش كەلدىڭلار. ھۆرمەتلىك دوستلار! بۇ ھەپتىلىك پروگراممىمىزنى ئالدى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساماسىدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن مەڭگۈلۈك سارقىغان بىر مەرىپەت يۇلتۇزىنىڭ قايغۇلۇق خەۋىرى بىلەن باشلايمىز ۋە ئۇنىڭ ھاياتى پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز، ئاندىن ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تەييارلىغان ھەرخىل تېمىلاردىكى ئاۋازلىق ئەسەرلەردىن بەھر ئالىسىلەر. ئاخىرىدا «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ. ئۇنداق بولسا، دىققىتىڭلار پروگراممىمىزدا بولغاي!

0:00 / 0:00


مۇھەممەتجان سادىق

باتۇر تەييارلىدى

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا چاچما شېئىر يېزىش بىلەن ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يارىتىپ، كەڭ كىتابخانلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن شائىر مۇھەممەتجان سادىق 1934 - يىلى 8 - ئايدا غۇلجىدا تۇغۇلغان. 1941 - يىلىدىن 1948 - يىلى 7 - ئايغا قەدەر غۇلجا شەھەرلىك «روشەن» باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىنىڭ تولۇقسىز سىنىپلىرىدا ئوقۇغان. 1948 - يىلى 9 - ئايدا غۇلجا شەھەرلىك رۇس گىمنازىيىسىگە كىرىپ ئوقۇغان. بۇ گىمنازىيىدە 1951 - يىلى 7 - ئايغىچە ئوقۇپ، رۇس يېزىقىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇيالايدىغان سەۋىيىگە ئىگە بولغان ھەمدە پۇشكىن، لېرمونتوۋ، نىكراسوۋ قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرىي ئەسەرلىرى، گوركىي، ماياكوۋسكىي ۋە ھادى توختاش، ئۆمەر مۇھەممىدى قاتارلىقلارنىڭ رۇس يېزىقىدىكى ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقان. ئۇ 1951 - يىلى قايتىدىن ئىمتىھان بېرىپ، ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان. 1952 - يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خوتەن، قەشقەرلەردە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1957 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ 1963 - يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. 1963 - يىلى ئۇ غۇلجىغا يۆتكىلىپ ئوبلاستلىق ۋە شەھەرلىك مەدەنىيەت - مائارىپ ئىدارىسىدە ئىشلىگەن.

مۇھەممەتجان سادىق كىچىك چاغلىرىدا چۆچەك ئاڭلاشقا ئامراق بولۇپ، شائىرنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا ھەر دائىم قىزىقارلىق چۆچەك، ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرەتتى. ئۇ ئوقۇپ ساۋاتىنى چىقارغاندىن كېيىن، كىتاب ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىغا ئايلانغان. ئۇ كۆپىنچە ۋاقتىنى خالىي، جىمجىت ئورۇنلارغا بېرىۋېلىپ كىتاب ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن. كىتاب شائىرنىڭ كېيىنكى كۈنلەردىكى ئىجادىيىتىگە ئاساس سالغان ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. بىلىم يۇرتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا، ھۈسەيىن ناسىروۋ، خۇدابەردى تالىپ قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا كۈچلۈك ئىلھام بەرگەن. مۇھەممەتجان 1951 - يىلى خۇدابەردى تالىپنىڭ يېتەكچىلىكىدە «ئالماناخ» دەپ ئاتالغان ئەدەبىي توپلامنى ئىشلەشكە قاتناشقان. بۇ ھال ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئارزۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. مۇھەممەتجاننىڭ ئىجادىيىتى 1952 - يىلى باشلانغان بولۇپ، «نان»، «يېزا يولىدا» ناملىق داڭلىق شېئىرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ ئۈمىدلىك، تالانتلىق ياش شائىر دەپ قارالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ مۇھەممەتجاننىڭ ئىجادىيەت يولى بارغانسېرى كېڭىيىپ، كۆزگە كۆرۈنگەن لىرىك شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. «قېلىن قاردىكى ناخشا»، «تەڭرىتاغ ناخشىسى»، «ۋاپا ۋە مەردلىك»، «ئىلى پەرزەنتلىرى»، «قىزىل يۇلغۇن» قاتارلىق شېئىر، باللادا، داستان توپلاملىرى نەشر قىلىنغان.

لىرىك شائىر مۇھەممەتجان سادىق ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت جەريانىدا ئۆزىگە خاس ئەدەبىي ئۇسلۇب يارىتىش يولىدا ھارماي - تالماي ئىزدىنىپ، چاچما شېئىر شەكلىنى تاللىۋېلىپ، پىكرىنى كەڭ - كۇشادە بايان قىلىشقا تىرىشىپ كەلگەن.

مۇھەممەتجان سادىق شېئىر پەقەت پىكىرنىڭ ئىجادىيلىقى، يېڭىلىق بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدا قوللىنىلغان بەدىئىي ۋاسىتىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ پەرقلىنىپ تۇرۇشى كېرەك، ھەممىلا ئادەم سۆزلەرنى بوغۇم ساناپ قۇرلارغا تىزىپ چىقالايدۇ، شائىرنىڭ ماھارىتى يېڭى - يېڭى بەدىئىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئوبرازلىق پىكىر قىلالىشىدا، دەپ قارىغان ۋە ئۆزى شۇنداق قىلىشقا تىرىشقان.

مۇھەممەتجان سادىق يالغۇز قىسقا لىرىكىلار ۋە ئېپىك شېئىرلار جەھەتتىلا ئەمەس، داستانچىلىق ساھەسىدىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىگەن ۋە مول مېۋە بەرگەن. ئۇ ئون نەچچە پارچە داستان ھەمدە چوڭ ھەجىملىك تارىخىي داستانى — «ئىلى پەرزەنتلىرى» نى يازغان. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان داستانلىرىنىڭ بىرى «چىن مۇھەببەت» بولۇپ، بۇ داستاننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى قۇرۇلمىسىنىڭ پۇختىلىقى، ئوبرازلارنىڭ خېلى مۇكەممەل يارىتىلغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، شائىرنىڭ «قىزىلگۈل ۋە بۇلبۇل» داستانىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلغان.

ئاتاقلىق شائىر، يازغۇچى، يۇرتىمىزدىكى سانسىزلىغان ئىلىمسۆيەرلەرنىڭ تەلەپچان، مېھرىبان ئۇستازى، ئىلى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان پېشقەدەم پېداگوگ مۇھەممەتجان سادىق ئەپەندى 2012 - يىلى 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تەخمىنەن كەچ سائەت 6:30 مىنۇت ئۆتكەندە غۇلجىدا كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 78 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى، ئىلى شۇنداقلا يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەدەبىيات، مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

گەرچە ئۇستاز مۇھەممەتجان سادىق ئارىمىزدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ئۇ خەلققە تەقدىم قىلغان ئېسىل مەنىۋى ئەمگەكلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ.