مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (5): پىكىر يېڭىلاش ۋە بۈيۈك مىللىي ئىنقىلابقا ھازىرلىنىش

0:00 / 0:00

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 22 يېشىدا مەدرىسە تەھسىلىنى تاماملاپ، مۇدەررىس بولغان يىللاردا، پۈتكۈل مۇسۇلمان تۈرك دۇنياسىدىكى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىدىكى مەدرىسەلەرنىڭ پىكىر ۋە ئوقۇتۇش مېتۇدىدا جىددىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتقان بىر دەۋر ئىدى. بۇ مەزگىللەردە ئەنئەنە بىلەن يېڭىلاش، كونىلىق بىلەن ئىسلاھات، رەت قىلىش بىلەن قوبۇل قىلىش، بېكىنمىچىلىك بىلەن ئەكىلىشپەرۋەرلىك، قەدىمىيەتچىلىك بىلەن جەدىدچىلىك ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن توقۇنۇشلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە دېگۈدەك كۆرۈلمەكتە ئىدى. ئۆز دەۋرىنىڭ بالدۇر ئويغانغان بىر سەركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ياش مۇھەممەد ئەمىن بۇغرامۇ ئىككى ئېقىم ئوتتۇرىسىدىكى بۇ كەسكىن توقۇنۇشنى ئۆز تەجرىبەسىدىن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ۋە «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق كىتابلىرىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «22 يېشىمدا تەھسىلىمنى تۈگىتىپ، مۇدەررىسلىكنى باشلىدىم. مەدرىسەدىكى دەرس ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىدا يېڭىلىقلار كەلتۈرۈشكە تىرىشتىم. بۇ سەۋەبتىن كونا مۇتىئەسسىپ كۈچلەرنىڭ ھەر خىل دۈشمەنلىكلىرىگە ئۇچرىدىم.»

دەرۋەقە، كىچىكىدىن باشلاپلا قەلبىگە ۋەتىنىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدىكى ئازابلىق خىياللارنى پۈككەن ياش مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ مۇدەررىسلىك ھاياتىدا خۇددى ئۆزى ئېيتقىنىدەك «كونا مۇتىئەسسىپ كۈچلەرنىڭ دۈشمەنلىكلىرىگە ئۇچرىشى» تاسادىپىيلىق ئەمەس ئىدى. نەشرىياتچى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، مۇتىئەسسىپ كۈچلەرنىڭ مەدرىسەلەردىكى پىكرىي ۋە مېتۇدىي يېڭىلىقلارغا بۇلغان قارشىلىقى يالغۇز مۇھەممەد ئەمىن بۇغراغىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ زامانداشلىرىدىن ئابدۇقادىر داموللامغىمۇ ۋە شۇنداقلا تۈرك دۇنياسىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئىسلاھاتچىلارغىمۇ ئوخشاش شەكىلدە كۆرۈلگەن ئىدى.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ تارىختىن بۇيان ھەرقانداق بىر جەمئىيەتتە ئىسلاھات مەشئىلىنى كۆتۈرگەن سەرخىللارنىڭ ھامان تۈرلۈك قارشىلىقلارغا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى، ئەينى ۋاقىتتا خوتەن مەدرىسەلىرىدە پىكرىي ۋە مېتۇدىي يېڭىلىقلارنى تەشەببۇس قىلغان ياش مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭمۇ بۇ خىل قارشىلىقلاردىن خالىي بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

تۈركىيە چاناققەلئە 18-مارت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور نۇرئەھمەد قۇربان ئەپەندى بۇ نۇقتىدا باشقىچە بىر قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ياش مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن بىر قىسىم مۇتىئەسسىپ ئۆلىمالار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىختىلاپلارنى مەدرىسەلەرنىڭ پىكرىي ۋە مېتۇدىي ئىسلاھات مەسىلىسىدە روي بەرگەن دېگەندىن كۆرە، ھەر جەھەتتىن تەييارلىق كۆرۈلىۋاتقان كەلگۈسىدىكى بۈيۈك مىللىي ئىنقىلابنى قوللاش-قوللىماسلىق مەسىلىسىدىكى سىياسىي نۇقتىئىينەزەردە كۆرۈلگەن دېيىش تېخىمۇ توغرا بولىدىكەن.

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى پۈتكۈل مۇسۇلمان تۈرك دۇنياسىدا قەدىمىيەتچىلەر بىلەن جەدىدچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ ھەر ساھەلەردە ئومۇمىييۈزلۈك كۆرۈلگەنلىكىنى؛ ئابدۇقادىر داموللام، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ شۇ يىللاردىكى ئىسلاھات تەشەببۇسلىرىدا ئەقىل بىلەن ئەقىدىنىڭ، ئىلىم-پەن بىلەن دىننىڭ ھەرگىزمۇ بىر-بىرىنى ئىنكار قىلىدىغان ياكى بىر-بىرىگە قارشى بولغان ساھەلەر بولماستىن، بەلكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك ھەم بىرى-بىرىنى تولۇقلايدىغان ساھەلەر، دەپ قارىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ھازىر ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيات ئىنىستىتۇتىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى يېزىۋاتقان ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ جىيەنى مەرھۇم دوكتور ياقۇپ بۇغرانىڭ نەۋرىسىدۇر. ئۇ يېقىندا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىنىڭ تۈركچە مۇكەممەل نۇسخانىسىنى نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ، ھەزرىتىمنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك كۈرەش ھاياتى ھەققىدە چوڭقۇر تونۇشقا ئىگىدۇر. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ياش مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن 1920-يىللاردا خوتەندىكى بىر قىسىم مۇتىئەسسىپ ئۆلىمالار ئوتتۇرىسىدا كۆرۈلگەن سۈركۈلۈشلەر، بىر تەرەپتىن، مەدرىسە مائارىپىنى پىكرىي ۋە مېتۇدىي جەھەتتىن ئىسلاھ قىلىش مەسىلىسىدە كۆرۈلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ۋەتەننىڭ تەقدىرى مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەدە كۆرۈلگەن ئىدى.

دوكتۇر نۇرئەھمەد قۇربان، گەرچە شۇ يىللاردا ياش مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن خوتەندىكى ئۆلىمالار قاتلىمى ئوتتۇرىسىدا پىكرىي ۋە مېتۇدىي جەھەتتىن بىر قىسىم ئىختىلاپلار مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھەزرىتىمنىڭ مىللىي ئىنقىلاب مەسىلىسىدە بۇ «ئىختىلاپ» لارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقانلىقىنى؛ شۇڭىمۇ خوتەندىكى ئۇلۇغ-ئۇششاق ئۆلىمالار، تەرىقەتچىلەر، تەسەۋۋۇپچىلار، مۇدەررىسلەر، تالىپلار ۋە باشقا ھەر ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ 1930-يىللارنىڭ باشلىرىدا پارتلىغان مىللىي ئىنقىلاب سېپىدىن ئاكتىپ ئورۇن ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئاخىرىدا ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى مۇنداق بىر نۇقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى: «خۇددى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئۆزى تەكىتلەپ ئۆتكەندەك، 22 يېشىدا مۇدەررىس بولغان ياش ھەزرىتىم بىلەن خوتەندىكى بىر قىسىم مۇتىئەسسىپ كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا پىكرىي ۋە مېتۇدىي جەھەتلەردىن ‹دۈشمەنلىشىش› ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكى ئېنىق، ئەمما ھەزرىتىمنىڭ بۇ مەسىلىنى ناھايىتى ئاقىلانە ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر ساھەدىكى كىشىلەرنى كەلگۈسىدىكى مىللىي ئىنقىلاب يولىغا يۆنلەندۈرگەنلىكى مەلۇم. شۇڭا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئەينى ۋاقىتتا خوتەندە بۇ جەھەتتە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنىڭ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ دەرىجىسىگە بېرىپ يەتمىگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ دېلوسىغا ھەتتا شۇ ۋاقىتتىكى چەت ئەل كۈچلىرىمۇ قول تىققان بولۇپ، ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر ۋەزىيەتنىڭ ئىچىدە ئىدى.»

(داۋامى بار)