مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (6): تالىپلارنىڭ قەلبىدە ۋەتەن-مىللەت ئېڭىنى ئويغىتىش

0:00 / 0:00

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدا ۋە «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق خاتىراتىدا تەكىتلىگىنىدەك، ئۇ تەخمىنەن 13 ياش ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا قەلبىنى ۋەتەن قايغۇسى داغلاشقا باشلىغان بىر خىيالچان بالا ئىدى. 1923-يىلى ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا خوتەن مەدرىسەلىرىدە مۇدەررىسلىك ھاياتىنى باشلىغىنىدا، ئۇنىڭ قەلبىنى يىللارچە داغلاپ كەلگەن ۋەتەن قايغۇسى لاۋۇلداپ يېنىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىللىق مۇدەررىسلىك ھاياتىدا ئۇ بىر تەرەپتىن تالىپلىرىنىڭ قەلبىگە ئىلىم-ھېكمەت نۇرىنى سىڭدۈرۈشكە تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن ۋەتەن-مىللەت تەقدىرىنىڭ باشقا بارلىق تەقەززالار ئىچىدىكى ئەڭ تەخىرسىز بۇرچ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇىدۇ. شۇڭىمۇ پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى تەكىتلىگەندەك، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا يېتىشتۈرگەن تالىپلارنىڭ خوتەن ئىنقىلابىدا ئاساسلىق ئەسكىرىي قوشۇننى ۋە ئەڭ مۇھىم قۇراللىق كۈچنى تەشكىل قىلىشى، تاسادىپىيلىق ئەمەس ئىدى.

تۈركىيە چاناقەلئە 18-مارت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور نۇرئەھمەد قۇربان، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ پىكىر يولى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئىدېئولوگىيەسىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان ئىلىم ئادەملىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتىكى خوتەندە نەچچە ئونلىغان مەدرىسەلەر مەۋجۇت بولۇپ، 10 يىلدەك مۇدەررىسلىك قىلغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە تالىپلىرى ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل خوتەن رايونىدىكى مەدرىسەلەردە ئۆزىنىڭ يەر ئاستى تورىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.

Xoten-Bazar-1930.jpg
1930-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى خوتەن شەھىرىنىڭ ئاساسلىق بازىرىدىن بىر كۆرۈنۈش.

نۆۋەتتە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيات ئىنىستىتۇتىدا دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى يېزىۋاتقان ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى، مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ جىيەنى — دوكتور ياقۇپ بۇغرانىڭ نەۋرىسىدۇر. ئۇ يېقىندا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق بۈيۈك ئەسىرىنىڭ مۇكەممەل تۈركچە تەرجىمەسىنى ئىشلەپ، تۈركىيەدىكى «ئۆتۈكەن» نەشرىياتىدا نەشىر قىلدۇرغان. ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ خاتىراتلىرىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئېسىنى بىلگەن ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ ۋەتەن قايغۇسىغا ئەسىر بولغانلىلىقىنى، 22 يېشىدا مۇدەررىس بولغان كۈنىدىن ئېتىبارەن ۋەتەننىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى تەگسىز خىياللىرىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، تالىپلىرى ئارىسىدا يەر ئاستى تەشۋىقات خىزمىتىگە ئۆتكەنلىكى ۋە كېيىنكى بۈيۈك مىللىي ئىنقىلاب ئۈچۈن تەييارلىنىشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

دوكتور نۇرئەھمەد قۇربان، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ مۇدەررىس بولغان كۈندىن باشلاپ تالىپلىرى ئارىسىدا ئىنقىلاب تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشىدا، ئۇنىڭ ھەم ئائىلە نەسەبىدىن كەلگەن ئىنقىلاب ئەنئەنىسى بىلەن ھەم ئۆز زامانىسىنىڭ سىياسىي رېئاللىقىدىن كەلگەن جىددىي تەققەززانىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئىنقىلاب ئۇرۇقىنىڭ ئەڭ دەسلەپ مەدرىسەلەردە تېرىلىپ، تالىپلار ئارىسىدا ئۇچقۇنغا ئايلانغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۆرنەكلەر مەۋجۇت. تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ خۇسۇستا 1860-يىللارنىڭ باشلىرىدا خوتەندە يۈز بەرگەن ھەبىبۇللا خان خوجا ۋە ئابدۇراھمان خان پاشا باشچىلىقىدىكى مىللىي ئىنقىلابنىڭ ئەڭ دەسلەپ مەدرىسەلەردىكى تالىپلارنى ئاساس قىلىپ قوزغالغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ.

دەرۋەقە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ مۇدەررىسلىك ھاياتىدا خوتەن مەدرىسەلىرىدە يىللارچە ئېلىپ بارغان تىنىمسىز تەشۋىقاتلىرى ۋە ھازىرلىقلىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. دوكتور نۇرئەھمەد قۇرباننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1932-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئىنقىلاب ھازىرلىقلىرىنىڭ پۈتكەنلىكىنى، ئۆز ئەتراپىدا يېتىشتۈرگەن مىڭلارچە تالىپلىرىنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە بەل باغلىغانلىقىنى تولۇق جەزىم قىلغاندىن كېيىنلا، ئاندىن ئىنقىلاب مەشئىلىنى تۇتاشتۇرغان.

ئاخىرىدا ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1923-يىلىدىن 1933-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە بولغان 10 يىللىق مۇدەررىسلىك ھاياتىنىڭ، ئەمەلىيەتتە بۈيۈك مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابى ئۈچۈن ھازىرلىنىش ۋە ئىنقىلابنىڭ تايانچ كۈچلىرىنى تەربىيەلەش دەۋرى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

(داۋامى بار)