مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1930-يىلىدىكى ۋەتەن ساياھىتى ئۇنىڭ مىللىي ئىنقىلاب ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئەمەلىي قەدەملىرىنىڭ بىرى ئىدى. يېرىم يىلچە سۈرگەن بۇ ساياھەت جەريانىدا ئۇ خەلقنىڭ ئىنقىلابقا ھازىر ياكى ھازىر ئەمەسلىكىنى، روھىي ھالىتىنىڭ ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى بىلەن قانچىلىك دەرىجىدە باغلانغانلىقىنى، ھەرقايسىي جايلاردىكى سەرخىللار ۋە مۇنەۋۋەرلەرنىڭ ئىنقىلاب قوزغاشتىكى ئوي-خىياللىرىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر كۆزىتىدۇ.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە شۇ قېتىملىق ۋەتەن ساياھىتى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «يۇرتنىڭ ۋەزىيىتى، مىللەتنىڭ روھىي ھالىتى ۋە دۈشمەننىڭ ئەمەلىي كۈچى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتىم يوق ئىدى. بۇ مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، پۈتۈن يۇرتۇمنى ئايلىنىپ چىقىش مەقسىتى بىلەن 1930-يىلى خوتەندىن يولغا چىقتىم. كۇچا، كورلا، تۇرپان، ئۈرۈمچى، چۆچەك، ئىلى، ئاقسۇ ۋە ئارىدىكى شەھەرلەرنى ئالتە ئاي ساياھەت قىلىپ، خوتەنگە قايتىپ كەلدىم. بۇ ساياھىتىم ئەسناسىدا يۇرتنىڭ ۋەزىيىتى، مىللەتنىڭ روھىي ھالىتى ۋە دۈشمەننىڭ كۈچى توغرىسىدا قانائەتلەنگۈدەك مەلۇماتلارنى قولغا كەلتۈردۈم، ئىرادەممۇ كۈچلەندى. كۆپ جايلاردا بىلىملىك، ساداقەتلىك، ئەستايىدىل، ۋەتەنپەرۋەر ۋە مىللەتپەرۋەر كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى دەرت بىلەن تولغان ئىكەن.»
دەرۋەقە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بۇ قېتىملىق ۋەتەن ساياھىتى تاسادىپىي ئېلىپ بېرىلغان ئادەتتىكى بىر سەپەر ئەمەس ئىدى. پروفېسسور، دوكتور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، بۇ 1930-يىللاردىكى خوتەن ئىنقىلابىنىڭ زۆرۈر تەييارلىقى، شۇندقلا پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر مەيدان مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابىغا تەييار ياكى تەييار ئەمەسلىكىنى دەڭسەپ كۆرىدىغان مۇھىم ساياھەت بولغان ئىدى.
نەشرىياتچى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئەسەرلىرىنى نەشىرگە تەييارلاش، ئۇنىڭ قوليازما ۋە خاتىرىلىرىنى رەتلەش، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەققىدە ئىلمىي مۇھىكىمە يىغىنى ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشتا كۈچ كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ «مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئەسەلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابنى نەشىرگە تەييارلاش جەريانىدا، ھەزرىتىمنىڭ 1930-يىلىدىكى ۋەتەن ساياھىتىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ ئىنقىلاب ھاياتىدىكى مۇھىم بىر قەدەم بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ خاتىرىلىرىگە قارىغاندا، ئۇ 22 يېشىدا خوتەندە مۇدەررىس بولغاندىن تارتىپ تاكى 1930-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى بۈيۈك مىللىي ئىنقىلابقا قەدەر، ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن تىنىمسىز باش قاتۇرغان ۋە ھەر جەھەتتىن ئىزدەنگەن، ئەمما ئۇ «خەلقنىڭ ئەمەلىي بىر ھەرىكەتكە ھازىر بولغان-بولمىغانلىقىنى ياكى مىللىي ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلالايدىغان بىر كىشىنىڭ بار-يوقلىقىنى ئېنىقلىيالمىغان». تۈركىيە چاناقەلئە 18-مارت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور نۇرئەھمەد قۇربان، مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ دەل مۇشۇ سەۋەبتىن 1930-يىلىدىكى ۋەتەن ساياھىتىگە ئاتلانغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئۇنىڭ كەلگۈسى مىللىي ئىنقىلابنى قانداق باشلاش، قەيەردىن باشلاش، كىم بىلەن ئېلىپ بېرىش ۋە قانداق نەتىجە ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىنچىكە كۆزىتىش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
نۆۋەتتە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيات ئىنىستىتۇتىدا دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى يېزىۋاتقان ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى، مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ جىيەنى-دوكتور ياقۇپ بۇغرانىڭ نەۋرىسىدۇر. ئۇ يېقىندا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق بۈيۈك ئەسىرىنىڭ مۇكەممەل تۈركچە تەرجىمەسىنى پۈتتۈرۈپ، تۈركىيەدىكى «ئۆتۈكەن» نەشرىياتىدا نەشىر قىلدۇرغان. ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندىمۇ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» دىكى بايانلارغا ئاساسلىنىپ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1930-يىلىدىكى ۋەتەن ساياھىتىنىڭ تۈپ مەقستىنىڭ مىللىي ئىنقىلاب قوزغاشنىڭ ئالدىدا خەلقنىڭ روھىي ھالىتىنى دەڭسەپ كۆرۈش، دۈشمەننىڭ ئەسكىرى كۈچىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.
دېگەندەك، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بۇ قېتىملىق ساياھەتتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ۋەتەننىڭ ئىستىقبالىنى «سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىگە، قوراللىق بىر ئىنقىلابتىن باشقا چارەنىڭ قالمىغانلىقىغا قانائەت ھاسىل قىلىدۇ». ئۇ ئۆزىنىڭ «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك كىتابچىسىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئەمەلىي ھەرىكىتىم 1930-يىلىدىكى ساياھىتىم بىلەن باشلاندى. شۇ يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىچىدە ئالتە ئاي ساياھەت قىلدىم. يۇرتنىڭ ھەر سىنىپ كىشىلىرى بىلەن كۆرۈشتۈم. خەلقنىڭ پىكىر ۋە ئارزۇلىرىنى ئاڭلىدىم. ھەرقايسىي جايلاردىكى چىن (خىتاي) ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى ۋە جايلاردىكى ئەسكىري كۈچىنى بىلدىم. نەتىجىدە، ئوچۇق ۋە تىنچلىق ئىچىدە بىر سىياسىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىگە، قوراللىق بىر ئىنقىلابتىن باشقا چارەنىڭ يوقلۇقىغا قانائەت ھاسىل قىلدىم.»
ئاخىرىدا دوكتور نۇرئەھمەد قۇربان، مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ شۇ قېتىملىق ۋەتەن ساياھىتى ھەققىدە ئۆز خاتىرىلىرىدە ئېنىق مەلۇماتلارنى قالدۇرغانلىقىنى، خوتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ شۇ قېتىملىق سەپەر ھاسىلاتلىرىنى يەكۈنلەپ، قوراللىق ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشقا تولۇق قانائەت ھاسىل قىلغانلىقىنى، شۇ كۈندىن باشلاپ «ئىنقىلابقا زېمىن ھازىرلاش ۋە خەلقنى ئۆز ئەتراپىغا توپلاشنىڭ چارەسىنى ئىزدەشكە كىرىشكەنلىكى» نى تەكىتلەيدۇ.
(داۋامى بار)